ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى: «خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئادەم ئەتكەسچىسى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-08-02
Share
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى: «خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئادەم ئەتكەسچىسى» ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى كەرىي جونستون(Kari Johnstone) خانىم.
state.gov

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنىدا تىجارەت ساھەسىنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن يىراق تۇرۇشقا يەنە بىر قېتىم چاقىردى. 30-ئىيۇل كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئۇلار سۆزلىرىدە ئامېرىكادىكى سودا ساھەسىنى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن بۇلغانمىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار سۆزلىرىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى كەرىي جونستون بولسا يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئۈستىدە توختالغاندا «خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئادەم ئەتكەسچىسى»، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ھۆكۈمەت قوللىشى ئاستىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى مەۋجۇت. خىتاي يەنە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى شىنجاڭدىن خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا كېڭەيدى. خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئادەم ئەتكەسچىسى».

كەرىي جونستون خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش، مەجبۇرىي دورا بېرىش ۋە جىسنىي زوراۋانلىق قاتارلىق زورلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلاپ، كىيىم-كېچەك، ئاياق، گىلەم ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى خام ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك پەقەت جىنايەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇنداق ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللار يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىمۇ ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئامېرىكالىق ئەمگەكچىلەرگە ۋە شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە بىلىپ-بىلمەي ئورتاق بولۇپ قېلىۋاتقان ئامېرىكا خەلقى ۋە شىركەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق».

كەرىي خانىم بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە يېقىندا ئامېرىكانىڭ 6 ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنىڭ بىرلىكتە «شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭىلانغان سودا كۆرسەتمىسى» ئېلان قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى زۇلۇم قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىدىغان شىركەتلەر بىلەن تىجارەت قىلغاندا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن يىغىندا ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىدىن جوش كېيگىن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدىلا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭمۇ ئاساسىي نۇقتىسىنىڭ سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش جۈملىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا بولغان قەتئىي نىيىتىنى تەكىتلەش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن زور» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ خىزمەتلىرىمىزدە تىجارەت ساھەسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇشتىكى زور رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاساستا بۇ ساھە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى چەكلەشنى ئاساس قىلغان تىجارەت پرىنسىپلىرىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىدۇ. ئادىل رىقابەت ۋە قانۇن ئاساسىدىكى تىجارەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دوستلىرىمىز ۋە تىجارەت شېرىكلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئۇ سىستېمىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ».

ئۇ سۆزى داۋامىدا ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭىلانغان سودا كۆرسەتمىسى» نى ئېلان قىلغان 6 ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايان قىلىدىغانلىقى ۋە بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن تىجارەت ساھەسىنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (Department of Homeland Security) نىڭ تىجارەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى ئېرىك چوي سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ھازىر ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا جىددىي قاراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسىگە ئوخشاش مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ «چەتئەللەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي بېسىم بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈنۈملۈك قورال» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئورگانلارنىڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى ئامېرىكا سانائىتىنى، ئامېرىكا ئىشچىلىرىنى قوغداش ۋە تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ بىخەتەر ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشتۇر».

ئېرىك چويمۇ سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش يولىدىكى يېڭى سودا كۆرسەتمىسىنى قوللىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، مىنىستىرلىقنىڭ بۇ مەسىلىسىدىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا يۇقىرىدىكى سۆز قىلغۇچىلار بىردەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە داۋاملىق يېڭى تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت