«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرماقچى

0:00 / 0:00

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئاراغا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز بىلەن جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

3-ئىيۇل گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرماقچى» سەرلەۋھەلىك زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىنىڭ باش قىسمىغا «خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندىن بۇيان پۇقرالارغا بولغان نازارەت كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتتى. شىنجاڭ مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز بېيجىڭنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نېمە ئۈچۈن قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى،» دەپ يېزىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادرئان زېنز ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە «جازا لاگېرلىرى مۇتەخەسسىسى» دەپ قارىلىۋاتقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2018-يىلى 8-ئايدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئادرئان زېنزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيگەن. ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىدا، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا، ئامېرىكادا، گېرمانىيە پارلامېنتىدا ھەمدە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا چاقىرىلغان تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىنلاردا دوكلاتلار تەقدىم قىلىپ تونۇلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك مەلۇماتلىرىغا ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسەن ئانالىزلار ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا 1300 گە قەدەر جازا لاگېرى بارلىقىنى، بەزى جازا لاگېرلىرىغا 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قامالغانلىقىنى، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار سانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىدىن 30 پىرسەنتىگىچە بولغان قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بىر كىشى.

«خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرماقچى» ناملىق ماقالىنىڭ ئىزاھات قىسمىدا گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىن بولغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرئان زېنزنىڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى بويىچە مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئانالىز قىلىدىغانلىقى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى شىنجاڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىرى سانىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ «خىتاينىڭ سىياسىتى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئادرئان زېنز خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بۇ قەدەر قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا سۆزىنى «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2017-يىلىدىن ئىلگىرىلا ئىدىيەدە، ئېتىقادتا، سۆز-ھەرىكەتتە ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىگە سىغمىغان كىشىلەرنى قايتىدىن تەربىيەلەش ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغانلىقى، 2017-يىلىدىن باشلاپ گويا ۋىرۇسقا قارشى مۇداپىئە خاراكتېرلىك زور دولقۇن قوزغاپ، بۇ ئىنسانلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇشقا باشلىغانلىقى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتتىن 30 پىرسەنتكىچە بولغان قىسمىنىڭ ‹ئاشقۇن ئىدېئولوگىيە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى› سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ نەزەرىدە بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ بۇ ۋىرۇسقا قارشى مۇداپىيە تەدبىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقى ھەمدە قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق تۈزىتىلمەكچى بولغانلىقى» بىلەن باشلايدۇ.

ئۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئۈستىدە توختالغاندا «خۇددى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادلايدىغانلىقى، ئەگەر خىتايچە ئۆگىنەلمىسە ياكى كوممۇنىستىك پارتىيەنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە مەدھىيەلىيەلمىسە جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى، ئىنسانلار ئۆز دىنىغا ئەمەس، كومپارتىيەگە ئېتىقاد قىلىش، مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىپ خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى» نى تىلغا ئالىدۇ.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ بۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى گېرمانىيە پۇقرالىرىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئادرئان زېنز مەزكۇر سۆھبەت ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلاردا مۇستەقىللىق ئارزۇسى ۋە ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى رېياللىق. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ بېيجىڭ تەسۋىرلەۋاتقاندەك دەرىجىدە ئەمەس. ئۇيغۇرلار خىتايدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان مەركىزى ئاسىياغا تەۋە يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە بىر خەلق. بۇ خەلق بېيجىڭنىڭ مۇقامىغا ئۇسسۇل ئويناشنى خالىمايدۇ. ئۇلار تىبەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ھەم مۇستەقىل ئىدېئولوگىيە بىلەن ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما خىتايدا ئۇيغۇرلار ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ.»

ئادرئان زېنز خىتاينىڭ دىنغا قارشى كۈرەشلىرى توغرىسىدا توختالغاندا خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىغاندا ھوقۇق كۈچىنىڭ ھەرقاچان غالىپ ئىكەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا خېلى كۆپ خىتايلارنىڭ ئالدىنقى يىللىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ كومپارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ تىزگىنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى، خۇددى ئىمپېراتور نېروغا ئوخشاش، ئىنسانلار ئالدى بىلەن ماڭا سەجدە قىلىشى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرىغا ئېتىقاد قىلىشى كېرەك، دەۋاتقانلىقى، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەگە ئەگىشىش، پارتىيەگە بويسۇنۇشنىڭ خىتاينىڭ دىنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنغا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇتلۇقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەۋقەسىنى تېخىمۇ بەكرەك ئاشكارىلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرماقچى» ناملىق بۇ ماقالىدا ئادرىئان زېنز يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت سىستېمىلىرى توغرىسىدا توختىلىدۇ. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنمىغان ھېچيەر ۋە ھېچكىم قالمىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز، ھەتتا ئوي-خىياللىرىنىڭمۇ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ھاكىمىيەتنىڭ دىگىتال نازارەتنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن سىرت، رايونغا يۆتكەۋاتقان ساقچى قىسىملىرى سانىنىڭمۇ زور دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىغا يېقىنلاشقان چەتئەللىكلەرنىڭمۇ چېگرادىلا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختالغان ئادرىئان زېنز خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان بىرقانچە تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، چەتئەلدىن تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرگە بۇ جايلارنى كۆرسىتىپ، «ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق تەربىيەلەش مەركەزلىرى بار،» دەپ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى پات ئارىدا ئۆزگەرتىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنى «يېڭى يىپەك يولى» ئۈچۈن ئەڭ زور خەۋپ دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى ئېتىقاد تۈۋرۈكىنى جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق سۇندۇرۇشتىن باشقا تاللاش يولى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىگە مەنبە بولۇۋاتقان يۈرىكىدىكى بىردىن-بىر كۈچنىڭ دەل شۇ ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئېتىقادقا قارشى ھەرقانداق كۈرەشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا نەتىجىسىز بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى تارىخنىڭ ئىسپاتلىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.