بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىپ چىقىش سەرگۈزەشتىسى

0:00 / 0:00

15-ئاۋغۇست تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ، چەت ئەللەرگە قېچىشقا باشلىغان ئىدى.

دەل شۇ مەزگىللەردە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كابۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەرەپتىن تالىبان كۈچلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئافغانىستاندىن كۆچمەنلەرنى ئىتالىيەگە توشۇۋاتقان ئايروپىلاندا ئولتۇرغان كىشىلەر. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست.
ئافغانىستاندىن كۆچمەنلەرنى ئىتالىيەگە توشۇۋاتقان ئايروپىلاندا ئولتۇرغان كىشىلەر. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست.

بۇ ئۇيغۇر ئايال كۆپ قېتىم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئارقىلىق 25-ئاۋغۇست كۈنى كابۇلدىكى خەمىت كارزايى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ، ئىتالىيەگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋز ئۇلىنىشىدىن بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىش ھېكايىسىنى ئاڭلايسىلەر.