مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىدە ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە گىئو-سىياسى سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە
2024.03.28

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارادا يىتىم قالغان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن باش ئەلچىسىنى رەسمىي كۈتۈۋېلىشى، شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە يېڭى كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن بېيجىڭ ۋە كابۇلنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە گىئو-سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئافغانىستان بىلەن بۇ خىل مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى 2021-يىلى ئافغانىستاندا 20 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن دېموكراتىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى. تالىبان ھاكىمىيىتى خەلقئارادا چەتكە قېقىلغان مەزگىلدە، 2023-يىلى 9-ئايدا تۇنجى بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى كابۇلغا ئۆزىنىڭ باش ئەلچىسى جاۋ شىننى ئەۋەتتى. 2023-يىلى 1-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭغا تەيىنلىگەن باش ئەلچىسى ئەسەدۇللا بىلال كەرىمىنى رەسمىي كۈتۈۋالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسەدۇللا بىلال كەرىمىنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىنى «بېيجىڭ بىلەن كابۇلنىڭ ئىجابىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم» دەپ كۆرسەتتى.
بېيجىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسىنى كۈتۈۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي دائىرىلىرى ئافغانىستانغا توختىماي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزگەنلىكى مەلۇم. خىتاي ئافغانىستان پايتەختى كابۇل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئارىسىدا ھەر چارشەنبە كۈنى بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا قاتنىشىنىمۇ يولغا قويغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خەلقئارانىڭ شۇنچە تەنقىدى ۋە بېسىمىغا قارىماي، تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرىدۇ، شۇنداقلا ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدۇ؟ خىتاي بىلەن ئافغانىستان مۇناسىۋىتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى زادى نېمە؟
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بېيجىڭنىڭ خىتاي-ئافغانىستان مۇناسىۋىتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى زادى نېمە دېگەندە، بۇ مۇناسىۋەتلەر تالىبانلارنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەنلا يۈز بەرگەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا قۇرغان بىرىنچى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىلا ئوتتۇرىغا چىققان. ئەينى ۋاقىتتا تالىبانلار ھازىرقىغا ئوخشاشلا خەلقئارادا چەتكە قېقىلغاندا، خىتاي-ئافغانىستان مۇناسىۋىتى قۇرۇلغان. ئافغانىستاندا ئەڭ چېكىدىن ئاشقان ئاشقۇنلۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىلدە، خىتاي ئافغانىستاننىڭ يېقىن دوستى ئىدى. مېنىڭچە، بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بۇنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادىي، بەزىلىرى بىخەتەرلىك ئامىللىرىدۇر. ئەلۋەتتە، بەزى گىئو-سىياسى سەۋەبلەرمۇ بار. بۇلار شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ.»
گېرمانىيە نورداكادېمى ئۇنىۋېرسىتېتى (Nordakademie university) نىڭ ئىقتىساد پروفېسسورى ھېنرىك شىنايدېر (Henrique Schneider) «بېيجىڭنىڭ خىتاي-تالىبان مۇناسىۋىتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى زادى نېمە؟» ناملىق ماقالىسىدە، بېيجىڭنىڭ كابۇل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ «تەرتىپ ۋە بىخەتەرلىك» نى مەركەز قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن:
«بېيجىڭنىڭ كابۇل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەرتىپ ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا مەركەزلەشكەن. بۇنى تالىبان بىلەن بولغان ھەمكارلىق ياكى دوستلۇقنىڭ بەلگىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. خىتاي ئۈچۈن كابۇلنىڭ (ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ) پۈتكۈل ئافغانىستاننى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق چېگراسىنى كونترول قىلالايدىغان ۋە تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى خالايدىغان ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. تەبىئىيكى. خىتاي ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىشنى ۋە پۇقرالارنى قوغداشنى خالايدۇ، ئەمما بۇ خىتاي ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسلىسىدەك ئالدىنقى ئورۇندا تۇرمايدۇ».
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھېنرىك شىنايدېرنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىقتىساد ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن. مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئېكسپورت بازىرىدۇر، يەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ مەنبەسى ئىقتىسادىي سۇيىئىستېمال بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىگە كەلسەك، خىتاي دېگەندەك ئافغانىستان، پاكىستان ياكى باشقا جايلاردا تېررورلۇققا ئائىت پاكىت يوق. شۇڭا بىخەتەرلىك ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى ئەمەس. خىتاي ئافغانىستاندا مىنېراللارنى قېزىش قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، بەزى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۇغۇلۇشى مۇمكىن. خىتاي ئافغانىستاندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم. خىتاي مىنېراللارنى قېزىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ئافغانىستاندىكى ئىشچىلىرىنى قوغدىشى كېرەك. شۇندىلا بىخەتەرلىك خىتاي ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.»
ھېنرىك شىنايدېر ماقالىسىدە تالىبان بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېگەن:
«خىتاي تالىبانلار بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ (كابۇلنىڭ) پۈتۈن دۆلەتنى كونترول قىلىدىغان مۇقىم ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگراسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنى باستۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە بېيجىڭ كابۇلغا بىر قىسىم ئىقتىسادىي ۋە نامدا گىئو-سىياسى تەرەپتىن ياردەم قىلىشنى ئويلىشىدۇ. خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) نامى ئاستىدا بەزى ۋەدىلەرنى بېرىدۇ. ھەمدە داڭلىق، ئەمما مۇھىم بولمىغان تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدۇ.»
پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) ھېنرىك شىنايدېرنىڭ ماقالىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، خىتاي-ئافغانىستان مۇناسىۋىتىدىكى خىتاي ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق مەسىلە ۋە خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى، خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ تەرتىپ ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىش. مېنىڭچە، خىتاينى تالىبانلارغا ئىشەنمەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تالىبانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توختىتىشنى خالىمايدۇ. ئەمما خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئافغانىستاندا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قالايمىقانچىلىقنىڭ رايوندىن تارقىلىپ خىتايغا تەسىر قىلىشىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتايلار تالىباننى ئىنتايىن خەتەرلىك دوست دەپ قارايدۇ.»
ئامېرىكادىكى خىتاي ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئانالىزچى تېڭ بىياۋ (滕彪) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ بەزى سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى:
«خىتاي كومپارتىيەسى ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ بەزى سىياسىي مەقسىتىگە يەتتى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشى جەريانىدا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چىرىكلەشتى. بۇ يەردە خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ، ئافرىقادىكى دۆلەتلەرگە، ئافغانىستان ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن ياردەم بېرىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلمايدۇ. ئەكسىچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوللايدۇ.»
يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىققانىدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا تايىنىۋاتقان ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ دوكلاتىنى ئالقىشلىغان. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولسا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ۋە قاتتىق تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئاخىردا دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى، خىتاي ۋە ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئافغانىستاننى ماكان تۇتۇپ كابۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ھەرۋاقىت ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.