ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇگۈنكى ۋەزىيىتىدە ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆي ئېلىش، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈش، ساياھەتكە چىقىش، بالىسىنى مەكتەپكە بېرىشقا ئوخشاش تۇرمۇشتىكى ئۇشاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئىجازەت ئېلىشى شەرت ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ كىچىك مەمۇرىي ئورگان ھېسابلانغان مەھەللە كومىتېتىدىكى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي بايراق چىقىرىشقا تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىكەن.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان قەشقەر دۆلەتباغ يېزىلىق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ «3 نى يەتكۈزۈش، 6 نى بايان قىلىش» ناملىق خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ كوپىيەسى ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەھەللىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن يەنىمۇ كونكىرىتلىشىپ خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ماسلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
«3 نى يەتكۈزۈش، 6 نى بايان قىلىش» ناملىق بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى «3 نى يەتكۈزۈش» مۇنۇلار ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 1. ئائىلە ئەزالىرىغا شۇ كىشىنىڭ ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە مەركەزلىك تەربىيەلىنىش سەۋەبىنى ئېنىق يەتكۈزۈش؛ 2. پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئېنىق يەتكۈزۈش؛ 3. ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە تەربىيە يەتكۈزۈشنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ئېلىش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتىكى «6 نى بايان قىلىش» مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 1. ئائىلە ئەزالىرىغا ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبىنى ئوچۇق بايان قىلىش؛ 2. نۆۋەتتىكى قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيىتىنى ئوچۇق بايان قىلىش؛ 3. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ رېياللىقتىكى زىيانلىرىنى ئوچۇق بايان قىلىش؛ 4. ئىدىيەدە زەھەرلەنگەن كىشىگە نىسبەتەن دەل ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغاندا جەمئىيەتكە، ھەتتا ئائىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىش؛ 5. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ قۇتقۇزۇش مەۋقەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ مەركەزلىك تەربىيىلەش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىش؛ 6. يەنە داۋاملىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانسا، ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىش قاتارلىقلار ئىكەن.
ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھەللە كومىتېتلىرى ئارقىلىق ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق.
ئۇ ئالدى بىلەن «3 نى يەتكۈزۈش، 6 نى بايان قىلىش» ناملىق ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەنلەرنى دەل مەھەللە كومىتېتىدىكى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىشتا ئاممىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇندىن باشقا ئۇلار ئۆز تەۋەسىدىكى ئاھالىلەرگە شۇ يەتكۈزۈلگەن سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ماقالە يېزىپ كېلىشكە بۇيرۇيدىكەن. ھەر ھەپتىدە بايراق چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن بىر قانچە كىشىنى ماقالىسىنى ئوقۇپ بېرىشكە چاقىرىدىكەن.
زۇمرەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئاھالە كومىتېتلىرىدىكى خادىملار يېقىنقى ئىككى يىلدا ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەندىن سىرت، ئۇلارغا بېرىلگەن ھوقۇق دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن زورايغان ۋە كۈچەيتىلگەن. كىشىلەر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ ئىش بېجىرەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي يىغىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇش، يوقلىما قىلىش، ئىنقىلابى ناخشا ۋە خورلارنى ئېيتقۇزۇش، كىشىلەرنى قىزىل بايراققا قەسەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كىشىلەرنى بىكار قويماسلىق ئۈچۈن بىھۇدە ئاۋارە قىلىدىغان ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىش بولىدىكەن. بولۇپمۇ لاگېر سىياسىتى باشلانغاندىن بۇيان مەھەللە كومىتېتى خادىملىرى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كۈندە قەرەللىك كىرىپ باشقۇرۇش ۋە سىياسەتلەرنى يەتكۈزۈش، تېلېفوندا توپ قۇرۇش ئارقىلىق يوقلىما قىلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارىدىغان بولغان. ئۇلار شەخسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇش، ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنى تەكشۈرۈش، ئۆيلەرگە ئىككى كودلۇق تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش، نومۇر قويۇش جەدۋىلى بويىچە باشقۇرۇشقا ئوخشاش تېخىمۇ ئىنچىگە قاتلاممۇ-قاتلام باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن مەھەللە باشقارمىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش، ھەر ئون ئائىلىگە بىر ئون بېشى تەيىنلەپ، قاتمۇ-قات مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىلەرگە مەھەللە كومىتېتىنىڭ خادىمىدىن باشقا، كوچا ئىش باشقارما خادىمىلىرى، چارلىغۇچىلار ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈش-چارلاپ تۈزۈمى ئورنىتىلغان. 2013 يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشاپ نۇقتىلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئېگىز تام ۋە رېشاتكا ئىچىگە ئېلىش، مەھەللىگە كىرىپ-چىقىش دەرۋازىسى ئورنىتىش ۋە پوست قويۇش، كىملىك تەكشۈرۈپ كىرگۈزۈش قاتارلىق بۆلۈپ باشقۇرۇش نازارەت سىستېمىسى ئومۇملىشىشقا باشلىغان. بۇ ئەندىزە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تېزلىك بىلەن كېڭەيتىلگەن. كېيىن مەھەللە دەرۋازىسىدىن سىرت ھەر بىر ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ سەپلەنگەن بولۇپ، ئۆيدىكىلەر كىرىپ-چىققاندا ئاھالە كومىتېتى بىۋاسىتە بىلىپ تۇرالايدىغان بولغان.
زۇمرەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورىنى تەپسىلىي ئىگىلەش ۋەزىپىسىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ھەر خىل جەدۋەللەرنى تارقىتىپ داۋاملىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەددىدىن ئاشقان كونتروللۇق ۋە نازارەت سىستېمىسى، كېچە-كۈندۈز دېمەي داۋاملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ تەھدىت پەيدا قىلىش ئىشلىرى ئاھالىلەرنى قاتتىق بىزار قىلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك نورمال تۇرمۇشىنى ۋە ئارامىنى بۇزۇپ، پسىخولوگىيەسىگە ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.
يوقىرىقى ئۇچۇر ۋە دەلىللەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ‹ساقچى دۆلىتى› گە ئايلاندۇرۇپ قويدى،» دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
