ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنغان «گۈزەل ئائىلە» ھەرىكىتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.20
xitaylashturush-ussul-tansa-medeniyet.jpg خىتايچە بېزەلگەن مەلۇم بىر بازاردا، خىتايچە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا قاراپ تۇرغان ئۇيغۇر. 2018-يىلى 20-سېنتەبىر، خوتەن.
AP

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا مەدەنىيەتلەر دىئالوگى» يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى ھۆرمەتلەشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر لاگېرغا قامىلىپ، تىلى ۋە دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. ئۇ شۇ قېتىملىق نۇتقىدا يەنە «ئۆزىنىڭ ئىرقى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۈستۈن كۆرۈش، باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مەدەنىيەتنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئىدراك جەھەتتىن ئەخمىقانىلىك، ئۇسۇل جەھەتتىن ئاپەت خاراكتېرلىكتۇر» دېگەنىدى.

ھالبۇكى، شى جىنپىڭ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان پەيتلەردە، خىتاي دائىرىلىرى ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى «ياخشى بولمىغان ئادەتلەر» دەپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى چەكلەۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت كىملىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «گۈزەل ئائىلە» قۇرۇلۇشى ناملىق بىر ھەرىكەت قوزغىغان. ئاۋات ناھىيەسى ۋە نىيە ناھىيەسى قاتارلىقلاردا ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرىدا ئاۋام خەلقتىن ئۆيلىرىدىكى گىلەملەرنى چۆرۈۋېتىش ۋە سۇپا-كاڭلىرىنى چۇۋۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا سوفا ۋە كارىۋات ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور تىمۇسىي گرۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر «گۈزەل ئائىلە» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدەنىيىتى، ئۆي بېزەش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتىكەن.

ئۇ سۆزىدە: «مەن دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش گۈزەل ئائىلە دەپ ئاتالغان پروگراممىسىنى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۆزگىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋە بۇيۇملىرىنى ئۆزگەرتىشكە قىستايدىغان سىياسىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى سۇپا ۋە ياكى كاڭلارنى بۇزغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كارىۋات ۋە سوفالارنى تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەردە ئۇخلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ كاڭدا ئۇخلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز» دېدى.

«شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى» ناملىق تور بەتتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەرىكەت «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار خىزمەت ئەترىتى» نامىدا يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈرۈلگەن كادىرلار ئارقىلىق جاي-جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. يۇقىرىدىكى خەۋەردە «گۈزەل ئائىلە» بولۇشنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىلگەن: «ئۆي ئىچىگە كىرگەندە سەھرادەك تۇرماسلىقى كېرەك. ئۆيدىكى ئەنئەنىۋى سۇپا ياكى كاڭنى چۇۋۇپ، سوفا ۋە چاي ئۈستىلى ئىشلىتىش، ئۆيدە قوش كىشىلىك كارىۋات ۋە بالىلار ئۈچۈن ئايرىم يالغۇز كىشىلىك كارىۋات بولۇش، مېھمانخانا ۋە ياتاق ئۆي ئايرىم بولۇش، چوڭلار ۋە بالىلار ئايرىم ئۆيلەردە ئۇخلاش-مانا بۇ زامانىۋى ئۇقۇمدىكى ئائىلە تۇرمۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن.

ئامېرىكىدىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق دوكتورى مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەپەندى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شۇ رايوننىڭ تەبىئىي شارائىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئېستېتىك چۈشەنچىسى قاتارلىقلار ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى تارقىتىۋاتقان خەۋەرلەردە يۇقىرىدىكىدەك مەدەنىيەت «ياخشى بولمىغان ئادەت» دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى. مەسىلەن، ئاۋات ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «ناھىيەمىزدىكى رەھبىرى كادىرلار نەق مەيداندا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىنى گىلەملىرىنى تاشلىۋېتىشكە، سۇپا (كاڭ) دا تاماق يەپ، سۇپا (كاڭ) دا ئۇخلايدىغان، بالىلار تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ كاڭدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە سەپەرۋەر قىلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ تاماقنى تاماق ئۈستىلىدە يەپ، ئۇيقۇنى كارىۋاتتا ئۇخلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى» دېيىلگەن.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەپەندى كاڭ ياكى سۇپانىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېلىپ كېلىدىغان قولايلىقلىرىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى قانداقتۇر «قالاقلىق» دەپ قاراشنىڭ ئىنتايىن بىمەنىلىكىنى بىلدۈردى.

تىمۇسىي گرۇس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۈزەل ئائىلە» قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىللىرىدا باشلىغان «ئائىلىدە تۇرىدىغان كادىرلار سىياسىتى» ۋە «لاگېر تۈزۈمى» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان يەنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ئومۇمىي سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. تىمۇسىي گرۇس مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىر ياقتىن ئىسلامىي مەدەنىيەتنى، يەنە بىر ياقتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان ئۆزگىچە بىر مەدەنىيەت. يەنى ئۇ شەرققە قارىغاندا غەربكە يېقىن بىر مەدەنىيەت. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى شەرققە ساداقەتمەن بولۇشىنى جۈملىدىن خىتايغا ساداقەتمەن قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەتنى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز خەۋەرلىرىدە يوليورۇققا بىنائەن ئۆيلىرىدىكى سۇپىلارنى ئېلىۋەتكەن ئائىلىلەرنى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» دېگەن ناملار بويىچە مۇكاپاتلىماقتىكەن. ھەتتا بەزى سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئۆيلەرنىڭ ئىچى خىتايچە بېزەلگەنىكەن.

مەدەنىيەتشۇناس دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا بۇ ھەرىكەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ۋە مەدەنىيىتىگە ئېغىر زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دوكتور تىمۇسىي گروسمۇ تۋىتتېردىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا: «مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا، مەن بۇ ھەرىكەتنىڭ روھىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بېرىدىغان زەربىسىنى لاگېرلار بېرىدىغان زەربىدىنمۇ ئېغىر دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ بىر ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكىنىڭ بىردىن-بىر پاناھگاھى بولغان ئۆينىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.