«ئالما» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرماقتىكەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.11.24
alma-apple-xitayda.jpg ماسكا تاقىۋالغان بىر خىتاي ئايالنىڭ ئالما دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 4-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

20-نويابىر «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە «ئالما شىركىتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدا خىزمەت قىلىدىغان، سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى خىزمەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئالما شىركىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» دىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مۇھىم ماددىلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

ئۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «ئالما» شىركىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى چىققان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇلار «ئالما» شىركىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ياكى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» دىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەر توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

رادىئومىز «ئالما» شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفونلار ئېلىنمىدى. «ئالما» شىركىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» گە قارشى چىققانلىقى ۋە كونكرېت قايسى ماددىلىرىغا قارشى چىققانلىقى ھەققىدە سوراپ يازغان ئېلېكترونلۇق خېتىمىزگىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئاساس قىلغان تۈرمىدىكى ياكى ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ماددىلار ئورۇن ئالغانىكەن.

ماقالىدە «ئالما» شىركىتىنىڭ زور دەرىجىدە خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش شىركەتلىرىگە تايىنىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا خىتايدىكى «ئالما» شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ ئېنىقلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا «ئالما» شىركىتىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئىنسانىي ئەخلاققا يات ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار يەنە: «‹ئالما› شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت قارىشىغا پۈتۈنلەي زىت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى جۇلى مىلساپ خانىم مۇنداق دېدى: «بىز بۇ باياناتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلدۇق. نۇرغۇن تەشكىلات ۋە ئورگانلار ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى يولغا قويدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى. مېنىڭچە كۆپىنچە شىركەتلەر، خېرىدارلار دىققەت قىلمىسىلا مەسئۇلىيەتتىن قېچىش يولىنى تاللايدۇ. شۇڭا بىز قانۇنى يول بىلەن شىركەتلەرنى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى›نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمىز. بولۇپمۇ ھازىرقى مەزگىل بايراملىق مال سېتىۋېلىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى قوزغىلىۋاتقان مەزگىل. مۇشۇ پۇرسەتتە خېرىدارلارغا سېتىۋالغان بايراملىق سوۋغىلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە نېمىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ياردەم قىلغانلىق ۋە نېمىنى قوللىغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.»

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئالما» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى تىم كۇك بۇ يىل ئىيۇلدىكى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «ئالما» شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەك يىرگىنچلىك. شىركىتىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق ئەھۋال بايقالسا تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتنى توختىتىمىز».

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مارتتىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن يۆتكەلگەن كىشىلەرنىڭ «ئالما» شىركىتىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دوكلاتتا يۆتكەلگەن ئىشچىلارنىڭ مەجبۇرلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

دوكلاتتا يەنە 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى 1000 دىن 2000 گىچە ئۇيغۇرنى «ئو-فىلم» ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەشكە يۆتكىگەن. بۇ «ئالما» شىركىتىنىڭ ئايفون تېلېفون كامېراسىنى ياسايدىغان زاۋۇت ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» «ئالما» شىركىتى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار «ئالما» شىركىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» دىكى ماددىلارغا قارشى چىقىش ئارقىلىق خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ‹ئالما› شىركىتىنىڭ بۇ قىلىمشىنى ئەيىبلەيمىز. چۈنكى داڭلىق، چوڭ ماركىلانىڭ ھەممىسى ماجبۇرىى ئەمگەكنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكانلىكىنى بىلىدۇ ۋە بىلىشى كېرەك. ئۆزلىرى. ئىمزا قويغان خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ماجبۇرىى قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللار ئارقىلىق پۇل تىپىش بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق.»

دۇنيانىڭ باشقا جايلىردىمۇ «ئالما» شىركىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» دىكى ماددىلارغا قارشى چىقىش قىلمىشىغا قارشلىقلار كۆتۈرۈلگەن.

24-نويابىر ئاۋسترالىيە، كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى، ئاكتىپ پائالىيەتچى دىرىۋ پاۋلوۋ «خوڭكوڭ خەلقئارا بىرلەشمىسى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ بىرسبەيىندىكى «ئالما» دۇكانلىرىدا «‹ئالما› ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، ‹ئالما› ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ» دېگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. ھەتتا ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا «‹ئالما›غا ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىنى ئىشلىتىشنى توختىتىڭ، دەڭ» ناملىق مۇراجىئەتنامە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.