يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-گىمنازىيەدە مۇئەللىملەر كۈنىگە بېغىشلانغان «مۇئەللىمگە مەدھىيە» ماۋزۇسىدا تەنتەنىلىك مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى مائارىپ كېڭىشى ئۇيۇشتۇردى.
مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدىن 100 دىن ئوشۇق مۇئەللىم، شۇنداقلا مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.
مەزكۇر مۇراسىمغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ (كېڭىشى) ئەزاسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇراسىمغا ئوسمانجان ئوبۇلوف باشلىغان ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى، بۇنىڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ئارىسىدىكى بىرلىكنىڭ يارقىن بىر ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاندىن سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، قازاقىستان پرېزىدېنتى قارمىقىدىكى مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ پەخرىي رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، ئوسمانجان ئوبۇلوف ۋە باشقىلار مۇئەللىملەرنى كەسپىي بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى.
ئۇنىڭدا مەركەز قارمىقىدىكى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف «مۇئەللىم-مەكتەپنىڭ يۈرىكى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ بىر يىل داۋامىدا مائارىپ كېڭىشىنىڭ يۈرگۈزگەن پائالىيىتىگە تەپسىلىي توختالدى.
مۇراسىمنىڭ 2-قىسمى مۇئەللىملەرنى تەقدىرلەشكە بېغىشلاندى. ئۇنىڭدا ئىلغار مۇئەللىملەرگە مەركەزنىڭ «مېھرىبان ئانا»، «كۆيۈمچان»، «غەمخور»، «ساخاۋەت»، مېداللىرى، پەخرىي يارلىقلار، باھالىق سوۋغىلار تاپشۇرۇلدى. مۇئەللىملەر ئىچىدىن شۇنىڭدەك «ئىلغار پەن مۇئەللىمى»، «ئىلغار سىنىپ يېتەكچىسى»، «ياش يېڭىلىقچى ئۇستاز» ناملىرى بويىچە مۇئەللىملەر تاللىۋېلىنىپ، ئۇلار مەخسۇس پەخرىي گۇۋاھنامە ۋە پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. مۇراسىمدا يەنە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ 1-سىنىپىغا بالا توپلاشتا ئالدىنقى ئورۇندىن كۆرۈنگەن ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاكتىپلارمۇ تەقدىرلەندى.

مۇراسىمدا نۆۋەتتىكى سۆز مۇئەللىملەرگە بېرىلىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى. شۇ جۈملىدىن پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ پەنجىم يېزىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ سىنىپ مۇئەللىمى، «ئىلغار سىنىپ يېتەكچىسى» مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى زۇلفىيە نىيازوۋا مۇنداق دېدى: «پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىز ئۇستازلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىگە، مەركەز يېنىدىكى مائارىپ كېڭىشى ئەزالىرىغا چوڭ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئېيتىلىپ كەتكەن بارلىق ئىشلار بىز، ئاددىي ئۇستازلارغا يەتتى. بىز شۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى مەكتەپتە سېزىۋاتىمىز. بالىلارنى 1-سىنىپقا توپلاشتا يېقىندىن ياردەمدە بولدى».
ئۇ شۇنىڭدەك مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن مەكتەپلەردە كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى بايسېيىت يېزىسى ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىليار نۇرخالىقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۆز ئىشىدا پۇختا ئۇتۇقلارغا يەتكەن، كۆپ يىللىق ئەمگەك قىلغان ئۇستازلىرىمىز مېداللار ۋە پەخرىي گۇۋاھنامىلەر بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۆز نۆۋىتىدە ئۇستازلار بۇ پائالىيەتكە ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى باھالارنى بېرىپ، ئۆز رەھمىتىنى ئېيتتى. بىزمۇ بارلىق جانكۆيەرلەرگە ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى ئېيتىمىز. كېلەچەكتە مۇشۇنداق ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەر پات-پات بولۇپ تۇرىدۇ دەپ ئىشىنىمىز. ئەلۋەتتە، ئانا تىلى بويىچە كۆپلىگەن مەسىلىلەر كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن ھەل قىلىنغان مەسىلىلەر ئېيتىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى پەنلەر مۇسابىقىسى، دەرسلىكلەر توغرىسىدا مەسىلىلەرنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئېيتىلدى».
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن، مائارىپ مەسىلىسى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دىققەت-نەزەرىدىن سىرت قالغان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈش، مۇئەللىملەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىشنى ئەسلا ئۇنۇتقان ئەمەس. ئەگەر شۇ ئاتقۇرۇلغان ئىشلار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ھەممىسىنى تىزىپ چىقىدىغان بولساق، توم-توم كىتاب يېزىشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۈگۈن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى مائارىپ كېڭىشى بىلەن ‹مەرىپەت› بىلىم ۋە ئىلىم-پەننى قوللاش جەمئىيەتلىك فوندى تەرىپىدىن پەقەت بىر يىل داۋامىدا ئاتقۇرۇلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىغىلا قىسمەن توختىلىپ ئۆتتۈم. بىز يىلنىڭ بېشىدا «يېڭى قازاقىستان» ئىدىيەسى دائىرىسىدە ئالمۇتا شەھىرى ھەم ۋىلايىتىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى ئارىلاپ چىقتۇق ۋە قېلىپلاشقان ئەھۋالنى تەكشۈردۇق. مۇئەللىملەر، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق ۋە بىرىنچى سىنىپلارغا كېرەكلىك ئوقۇش قوراللىرىنى نەشرىياتتىن سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى جاي-جايلارغا يەتكۈزۈشنى ئۇيۇشتۇردۇق».
شەمشىدىن ئايۇپوف يەنە يەرلىك بىلىم ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن كېلىشكەن ھالدا باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى: «پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىكى ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىدە، تالغىر ناھىيەسىنىڭ 24-قىزىل تۇغ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ‹دۆلەت تىلىغا ھۆرمەت-ئانا تىلىغا ساداقەت› ماۋزۇسىدا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەدەبىي-شېئىرى كەچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئات سېلىشتۇق. بىرىنچى سىنىپقا بالا توپلاش ئىشلىرىغا پائال ئارىلىشىپ، ئانا تىللىق سىنىپلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا چامىمىزنىڭ يېتىشىچە، ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشقا تىرىشتۇق. جەملەپ ئېيتساق، 2022-2023-ئوقۇش يىلىدا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە 16660 ئوقۇغۇچى بىلىم ئالغان بولسا، بۇ يىلقى، يەنى 2023-2024-ئوقۇش يىلىدا ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 16725 بالىغا يەتتى. ئېنىقراقى، جۇمھۇرىيەت بويىچە بۇ يىلقى ئوقۇش يىلىدا 65 بالا قوشۇلدى».
شەمشىدىن ئايۇپوف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بالا توپلاش ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلاشقان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزالىرىغا، يىگىتباشلىرى بىلەن خانىم-قىزلارغا، مۇئەللىملەرگە، ئاتا-ئانىلارغا، ئومۇمەن، بارلىق مائارىپ جانكۆيەرلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر ئالدىدا يەنە ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇراسىم ئاخىرىدا ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ھازىر 60تىن ئوشۇق تولۇق ئۇيغۇر تىللىق ۋە ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپلەر مەۋجۇت. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ.
