ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، مۇشۇ يىلنىڭ 2-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ جاڭائۆزەن شەھىرىدە ۋە باشقىمۇ شەھەرلەردە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى بولۇپ ئۆتتى.

نامايىشچىلار قازاقىستاندا خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ سېلىنىشىغا ئۆز قارشىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەردىن خىتاي بىلەن ئالاقىلەرنى ئۈزۈشكە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلىرىگە ھەمدە خىتاي سېلىۋاتقان مەبلەغلەرگە ئالدانماسلىققا، قازاقىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خىتايغا قارشى چاقىرىقلار، شوئارلار ئۈزۈلمەي بېرىلىشقا باشلىدى. يېقىندىن بۇيان مۇنداق نامايىشلارغا ئۇيغۇرلارنىمۇ جەلپ قىلىدىغان چاقىرىقلار پەيدا بولۇپ، شۇنىڭ ئاقىۋىتىدە 29-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشقا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئالمۇتا ۋە نۇرسۇلتان شەھەرلىرىدە ئۆتكەن نامايىشلار ئىككى خىل مەقسەتنى، يەنى خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى ۋە خىتاينىڭ قازاقىستانغا باستۇرۇپ كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى كۆزلىگەنىكەن.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «ئالمۇتا ۋە نۇرسۇلتاندا خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللاش ھەرىكەتلىرى بولۇپ ئۆتتى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نامايىش قاتناشقۇچىلىرى «خىتاي باسقۇنچىلىقىغا قارشى چىقىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار مەيدىلىرىگە خىتاي باسقۇنچىلىقىنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان سېرىق لېنتىلارنى ئېسىۋېلىپ، «خىتايغا يول يوق!»، «ئالغا، قازاقىستان!» دېگەنگە ئوخشاش لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانىكەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ نامايىشقا شەھەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كەلدى. يىغىلغانلار خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېسىم كۆرسىتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە تۇتقۇنلارنى سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلدى.»

«جاس ئالاش» گېزىتىدە بېرىلگەن «قازاقىستانلىقلار خەلقئارالىق خوڭكوڭنى قوللاش ھەرىكىتىگە قوشۇلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ نارازىلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بېسىمغا قارشىلىق بىلدۈرۈشكە ۋە ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىشقا قارىتىلغان ئىكەن.

ئالمۇتادا ئۆتكەن نامايىشتا ئۇيغۇرلارمۇ سۆزگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى، قازاقىستان ئۈچۈن تۇغدۇرۇۋاتقان خەۋپى ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلدۈردى. شۇلارنىڭ بىرى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا. ئۇ يەردىكى خەلق ئېغىر ئەھۋالدا. ئۇلارنى چەتتىن ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. مېنىڭ ئۇ ياقتا تۇغقانلىرىم بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن ھېچ قانداق ئالاقە يوق. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتىمەن.»

بىز ئالمۇتا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن نامايىش قاتناشقۇچىسى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز تىنچ نامايىشقا چىقتۇق. بىز قازاق قېرىنداشلارنىڭ چاقىرىقىنى قوللاپ چىقتۇق. سەۋەبى بىزمۇ قازاقىستاندا تۇغۇلدۇق، ئۆستۇق. باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە مۇشۇ يەردە تەڭ ھوقۇقلۇق ياشاۋاتىمىز. بىز قازاقىستانغا خىتاينىڭ كىرىپ، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنىڭ تەكرارلىنىشىنى خالىمايمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا، خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر كۆپەيمەكتە. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خىتاي لاگېرلىرىدا ئازابلىنىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئۇچۇرلار كەڭ تارقالماقتا. شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئالمۇتادا ئۆتكەن نامايىشتىمۇ بۇ تېما دىققەت مەركىزىدە بولغان.

شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا يەنە مۇنداق دېدى: «بەزى لوزۇنكىلارنى ئېلىۋېتىڭلار دېدى. بىراق ساقچىلار بىزنى نېمىشقا چىقتىڭلار دەپ قوغلىمىدى. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يۈردۇق. قالايمىقان بولمىدى. ھەقىقەتەن تىنچ نامايىش بولدى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ئابدۇمېجىت دۇگانوف ئەپەندى بۇ نامايىشقا بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە، ئاساسەن ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا ياشلىرىمىز بولسا ياخشى بولاتتى. سەۋەبى كېلەچەك ياشلارغا كېرەك. بىز مەدەنىيىتىمىزنى، دىنىمىزنى، تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا قازاقىستاندا مۇمكىنچىلىك بار.»

ئابدۇمېجىت دۇگانوف يەنە پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرلىشىپ، بىلىمىنى، كۈچ-غەيرىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قان-قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان قازاق پائالىيەتچىسى رىسبېك سارسېنباي مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىلغان بىلدۈرۈشلىرىگە باغلىق كۆپلىگەن ئەللەردە نامايىشلار بولۇۋاتىدۇ. ئالمۇتادا ئۆتكەن نامايىشنىڭ بىرىنچى مەقسىتى خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قوللاش، ئىككىنچىدىن، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە ئۆز كۆزقارىشىنى بىلدۈرۈش. ئالمۇتادىكى نامايىشقا قاتناشقانلار بىرىنچى نۆۋەتتە مۇشۇ مەملىكەتنىڭ پۇقرالىرى، ھەر مىللەت ۋەكىللىرى. ھازىرقى كۈندە قازاقىستاندىكى جامائەتچىلىكنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەر كۆپ. شۇلارنىڭ بىرى خىتاي باسقۇنچىلىقى. بۇ نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنى مىللەتكە ئايرىشقا يەنە بولمايدۇ. قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۇ ياقتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغانلىقتىن شۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بىز ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن نامايىشلارغىمۇ ئۇيغۇرلار قاتناشقان. ئۇلار مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلمىسىمۇ، ئەمما بىزنى قوللاپ تۇرغان.»

مەزكۇر نامايىش قاتناشقۇچىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭغا 100دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار 40-50 ئەتراپىدا بولغان. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلى ۋە مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتايغا قارشى ئوچۇق نامايىشقا چىقىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىلتىماس ھەر خىل باھانىلەر كېيىنگە سۈرۈلۈپ كەلگەن. 29-سېنتەبىردە ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن نامايىشقا قازاقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارمۇ ئاۋاز قوشقان.