ئالمۇتىدا ئۇيغۇر رەسسامى ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ يەككە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2024.08.08
2-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان «قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيى» دا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى، سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ يەككە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. «يۈرىكىمنىڭ خاتىرىسى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۆرگەزمە رەسسامنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلاندى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيى» قارمىقىدىكى «قازاقىستاننىڭ تەسۋىرىي سېنىتى» بۆلۈمىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەمىر جادايبايېف سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ھەر قانداق بىر رەسسامنىڭ ئەقلى ۋە ھارماس روھىنىڭ سەنئەت ئارقىلىق ئۆتمۈش ۋە بۈگۈننىڭ روھىي باغلىنىشىنى كۆرسىتىشكە، شۇنىڭدەك ئىنسانىيەتنىڭ ئىنسانىي ئاساسلىرىغا زېھىن قويۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئەخمەتجان ئەھەت ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىلمۇ-خىللىقى ۋە رەڭدارلىقىنى، شۇنداقلا ئوبرازلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تەكىتلەپ ئۇنىڭغا ئۇتۇقلار تىلىدى.
قازاقىستاندىكى «موسكۋا كومسوموللىرى» ( «موسكۋا ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى» ) تور گېزىتى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان «يۈرىكىمنىڭ خاتىرىسى: ئەخمەت ئەھەت ئۆز كۆرگەزمىسىنى شۇنداق دەپ ئاتىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «چوڭقۇر ئۇيغۇر روھىغا ئىگە ئەخمەت ئەھەت ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىدا تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە ئەسەرلىرىدە ئۇلۇغ يىپەك يولىدا غايىب بولغان ياكى ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ چوڭقۇر تارىخى ھەققىدە ئۆز ئويلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. پات-پات زامان ۋە ئەسىرلەر چاڭلىرىدىن ئۆچۈپ كەتكەن ئۆتمۈش دەۋرلەرنىڭ ئىزلىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتىدىن نامايان بولىدۇ.»
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سېنات ئەزاسى زاكىرجان قۇزىيېف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، قازاقىستان سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئېرمۇخان جۇنىسخان، شۇنىڭدەك ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقى، خەلقئارالىق «تۈركسوي» تەشكىلاتىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە باشقىلار ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، دىراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ بەدىئىي رەسىملىرى كۆڭۈلنى خۇشال قىلىدىغان، دىلغا ئارام بېرىدىغان، شۇنداقلا يۈرەكنى ياشارتىدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلەرگە تولغان. ئۇ شامان، بۇددا، مانى ۋە ئىسلام دىنلىرى دەۋرلىرىدە دۇنياغا كەلگەن تۇرپان مىڭ ئۆي بېزەكلىرى، يارغول تام ئۆيلىرى، قەشقەرنىڭ تار كوچىلىق ئۆيلىرى ئارىسىدا مېڭىپ ئۆتكەن مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قەدەم ئىزلىرى چىغىر يول ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ داغدام ۋە بەخت يولى ئىكەنلىكىنى زامانىۋى ۋارىسلارغا كۆرسەتكەن. بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندە كۆڭۈل ئازادىلىككە تولىدۇ، روھىمىز چوڭقۇر قۇۋۋەت ئالىدۇ. ئەخمەت ئەھەت ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى زور بىر كىشى.»
ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، رۇس، تاتار ۋە باشقا كۆپلىگەن مىللەتلەرگە ياخشى تونۇش. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاق رەسساملىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى، بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى ھەمدە ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇ ھەقتە قازاقىستان سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئاماندوس ئاقانايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەخمەتجاننى مەن خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت دەۋرىدىن تارتىپ بىلىمەن. ئۇ مېنىڭ كەسىپدىشىم. بىز بىرگە رەسساملار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدۇق. دەسلەپ ياشلار بىرلەشمىسىدە بولدۇق، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەسساملار ئىتتىپاقىدا بىللە ئىشلىدۇق. ئىجادىي سەپەرلەردە بىللە بولدۇق. بۈگۈنكى كۈندە مەن ئەخمەتجاننى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن ۋەكىلى دەپ ھېسابلايمەن. بۇنىڭغا يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلغۇم كېلىدۇ: ئەخمەتجان يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاتاقلىق رەسساملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۆزىنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيىتى مابەينىدە ئەخمەتجان ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشتە بولدى. ئۇ ھەر خىل زامانىۋى تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلانغان ھالدا رەسساملىق ئىجادىيىتىنىڭ ماي بوياق، گرافىكا ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىدە ئوخشاشلا ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھەممىمىز بىرلىشىپ ئۇنى ھەم كۆرگەزمىسى ھەم ئىجادىي ئۇتۇقلىرى ھەم تەۋەللۇتى بىلەن تەبرىكلەيمىز. بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغ ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چوڭ ئىجادىي ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.»
ئەخمەتجان ئەھەت 1954-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپنى، كېيىنچە ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت-گرافىكا فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. ئەخمەتجان ئەخەت 1988-يىلدىن تارتىپ قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە 1990-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتلىق بۆلۈمىنى تۈگەتكەن. 1995-يىلى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا سەنئىتى» خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇ 2004-يىلى «قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان. ئۇ يەنە «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. رەسسامنىڭ ئەسەرلىرى تۈركىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ۋە باشقا ئەللەردە كۆرگەزمىگە قويۇلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمە ئىنتايىن ياخشى بولدى، ئادەملەرمۇ كۆپ كەلدى. مەن شۇنچىلىك خۇرسەن. بۇ يەرگە ئاخىرقى ئون يىلدا ئىشلىگەن ئىجادىي ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسى كىردى. زال ئىنتايىن چوڭ. بۇ بىرنەچچە كۈندە ‹ئۇيغۇرۇمنىڭ تار كوچىلىرى› ماۋزۇسىدىكى كۆرگەزمە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا قازاقىستاندىن خوجا ئەھمەد يەسەۋى، شۇنداقلا قەشقەر ۋە تۇرپاندىكى مازارلاردا ئۆزۈم كۆرگەن كوچىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ماي بوياقتا ئىشلىدىم. ئۆزۈم شۇ ياقلارغا بارغاندا تارتقان سۈرەتلىرىم ئارقىلىق مۇشۇ رەسىملىرىمنى يارىتىپ كېلىۋاتىمەن. مۇشۇ تېمىنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن. بۇ كۆرگەزمە 20 كۈن بولىدۇ. ئارمىنىم مۇشۇ سۈرەتلەرنى چەت ئەلگە چىقىرىش. بۇ خەلقىم ئۈچۈن، شۇنداقلا قازاقىستان ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمىتىم. ئۇيغۇرۇمنىڭ سەنئىتىنى چەت ئەللەرگە كۆرسىتىش ئويۇم بار.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئەخمەتجان ئەخەت 1992- ۋە 2003-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپ، كۆپلىگەن تارىخىي يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلغان. شۇ سەپەرلەر نەتىجىسىدە ئۇنىڭ «بۇددا دەۋرى» ۋە «شەرق ئاھاڭلىرى» ناملىق توپلاملىرى بارلىققا كەلگەن. يەنە بىر توپلىمىغا قەشقەر، تۇرپان، خوتەن، غۇلجا، شۇنىڭدەك ھازىرقى قازاقىستاننىڭ چىمكەنت، ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر كىرگەن بولۇپ «قەدىمىي يىپەك يولىدىكى شەھەرلەر» دەپ نام ئالغان. ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ «شەرق كوچىسى»، «قەدىمىي قەشقەر كوچىسى»، «تۇرپان»، «قەشقەر»، «قەدىمىي كوچىدىكى ياشانغان كىشى»، «بالىلىقىم ئۆتكەن قەدىمىي كوچا» ۋە باشقىمۇ ئەسەرلىرى سەنئەت مۇخلىسلىرىغا ياخشى تونۇش. ئەخمەتجان ئەھەت ئومۇمەن 5000 غا يېقىن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى.