ئالمۇتادا قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى
ئالمۇتا شەھىرىدە كارانتىن تەرتىپى توختىتىلغان بولسىمۇ، بىخەتەرلىك چارىلىرىنى مۇمكىن بولغان ھالدا ساقلاش تەلەپ قىلىنماقتىكەن.
-
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-08-25 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە تىل، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سەنئەت ئوخشاش ساھەلەردە ھەر خىل دائىرىدە ۋە مەزمۇندا خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. لېكىن كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى تېگىشلىك ئىدارىلەر تەرىپىدىن مەنىي قىلىنغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدا، شۇ جۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرىدە كارانتىن تەرتىپى توختىتىلغان بولسىمۇ، بىخەتەرلىك چارىلىرىنى مۇمكىن بولغان ھالدا ساقلاش تەلەپ قىلىنماقتىكەن. شۇ سەۋەبتىن 20-ئاۋغۇستتا ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇلۇغ قازاق مۇتەپەككۇرى ئاباي قونانبايېفنىڭ 175 يىللىقىغا بېغىشلانغان «قازاق-ئۇيغۇر ئىلمىي ۋە ئەدەبىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زامانىۋى نۇقتەئى نەزەرلىرى» ماۋزۇسىدا ئىلمىي-ئەمەلىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىنتېرنېت-سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆتتى.
مەزكۇر يىغىن قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قازاق ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولۇپ 30غا يېقىن ئادەم قاتناشتى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى مەسىمجان ۋىلەموف يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىنى، قائىدىلىرىنى، تەلەپلىرىنى چۈشەندۈردى ھەم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرىدىن قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ۋە باشقىلار قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئاقىنى ئاباي قونانبايېفنىڭ ئىجادىي مىراسى، ئۇنىڭ باشقا خەلقلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئورنى، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، رازىمەنلىك، ئەلنىڭ بىرلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى گۈلجاھان ئوردا خانىم مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققۇچىلارنىڭ ئۆز نۇتۇقلىرىدا ئاباينىڭ پەقەت قازاق خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بويىچە ئۇلۇغ ئاقىن ئىكەنلىكىنى، ئاباي مىراسىنىڭ مەڭگۈگە ئۆچمەيدىغانلىقىنى ھەم بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گۈلجاھان ئوردا مۇنداق دېدى: «قازاق-ئۇيغۇر ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئالاقىلىرى مۇشۇ ۋاقىتقىچە يۇقىرى دەرىجىدە بولغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق داۋام قىلماقتا. مۇنداق مەسىلىلەرنى ھەر بىر دوكلاتچى ئۆز دوكلاتىدا ھەرتەرەپلىمە ئېچىپ بېرىشكە تىرىشتى. مەسىلەن، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى كەرىموۋا رىسالەت ‹ئۇيغۇر ۋە قازاق بەدىئىي قولھۆنەرلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىرى مەسىلىسىگە دائىر› ناملىق دوكلاتىدا قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىگە نىسبەتەن راۋاجلىنىدىغانلىقىنى ھەم قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداش، بىر تۇغقان ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا پىكىرداشلىقىنىڭ قول ھۆنەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى يارقىن مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى. ھەتتا كىگىزگە ئويۇلۇپ سېلىنىدىغان نەقىشلەردىمۇ ئوخشاشلىقلارنىڭ بار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. يەنە بىر ئالىمە شائىرەم باراتوۋانىڭ ‹قازاق ۋە ئۇيغۇر سىللابىكىلىق شېئىرىيىتىنىڭ ئۆلچەم ۋە بىر قېلىپلىق ئالاھىدىلىكلىرى› دەپ ئاتالغان دوكلاتىدىمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەر قارالغان. دوكلاتچى بۇ مەسىلىدىمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق پويېزىيەسىدە ئوخشاشلىقلارنىڭ ھەم پەرىقلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ھەر ئىككى خەلق پويېزىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.»
گۈلجاھان ئوردا يەنە ئىككى خەلق ئەدەبىياتىنى يېقىنلاشتۇرۇشتا بولۇپمۇ تەرجىمە ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە كېڭېسجان شالقار، جەركېن بۆدېشۇلى، قابدېش جۇمادىلوف، دەۋلېتبېك بايتۇرسىنۇلى، دىداخمېت ئەشىمۇلى قاتارلىق قازاق ئەدىبلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنى قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«قازاق-ئۇيغۇر ئىلمىي ۋە ئەدەبىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زامانىۋى نۇقتەئىنەزەرلىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا شۇنداقلا شائىر، تەرجىمان، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى دەۋلېتبېك بايتۇرسىنۇلى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش مەسىلىلىرى»، ئابىلايخان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور دىلفۇزا روزىيېۋا «قازاق، ئۇيغۇر بالىلار پويېزىيەسىدىكى ئەدەبىي مۇناسىۋەتلەر (ماۋزۇ ۋە ئىدىيە، سيۇجېت ھەم كومپوزىتسىيەلىك ئوخشاشلىقلار)»، شائىر ۋە تەرجىمان ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف «ياش قازاق شائىرلىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئالاھىدىلىكى» ناملىق دوكلاتلىرى بىلەن قاتناشتى.
يىغىن ئاخىرىدا سۆزگە چىققان ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقىلار مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاش، مائارىپىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن يارىتىلغان بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىشى ھازىرقى ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىمكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇلۇغ ئاباي قونانبايېفنىڭ 175 يىللىقىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قازاق مىللىتىگە ئۆزىمىزنىڭ مىننەتدارلىقىنى، دوستلۇقىنى، قازاق مىللىتى بىلەن نۇرغۇن يىللار ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنا بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەشتۇر. ئالىملىرىمىز ئاباينى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا نۇرغۇن ھەسسە قوشقانلىقى توغرىلىق دوكلات قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەسىمجان ۋېلەموف ئالىملار كېڭىشىنى باشقۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. مېنىڭ خۇشال بولغان يېرىم، قازاق يازغۇچىلىرى، ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان كۆز قارىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئەدەبىياتىغا، سەنىتىگە قانچىلىك ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.»
ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ خادىملىرى ئۇيغۇر ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، قازاق زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق ئەدەبىي كېچىلىكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ كەلمەكتىكەن. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.