ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۈشمەنلەرچە تور ھۇجۇمى» نى ئەيىبلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.03.26
anxun-ap خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئەنشۈن (安洵) شىركىتىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى. چېڭدۇ
AP

25-مارت كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولىۋېر دوۋدېن (Oliver Dowden) ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس بايانات بېرىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ سايلام مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار خاككېرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولىۋېر دوۋدېن پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق بولغان كىشىلەر بىزنىڭ دېموكراتىك ئورگانلىرىمىز ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمىزنى نىشان قىلغان ئىككى يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىدۇر. »

دوۋدېن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خاككېرلىق ھۇجۇملىرى 2021-2022-يىللىرى ئارىسىدا ئەنگلىيەنىڭ سايلام كومىتېتىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ خاككېرلار شۇ مەزگىلدە سايلامدا بىلەت تاشلاشقا تىزىملاتقان نەچچە مىليون كىشىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن. خاككېرلىق ھۇجۇمى 2022-يىلى ئۆكتەبىردە سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە بۇلتۇرغىچە ئاشكارىلانمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خاككېرلىق ھۇجۇم پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە بىرى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا تەنقىدىي پىكىردىكى ئەنگلىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېلخەتلىرىنى تەكشۈرمەكچى بولغانلىقى مەلۇم بولغان.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر دوۋدېن پارلامېنتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيە 2021-يىلى يازدا يۈز بەرگەن ۋە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئوغرىلىقچە كۆرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئارقىسىدىمۇ خىتاي بار، دەپ قارايدۇ. »

مۇئاۋىن باش مىنىستىر دوۋدېن سۆزىدە بۇ ھەرىكەتلەرنى «دۈشمەنچە ھەرىكەت» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرىگە مىسال بەرگەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ دېموكراتىك مۇئەسسەسەلىرىمىز ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمىزنى نىشانلاش ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ھەرىكەتلەر خىتايدىن كېلىۋاتقان دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەندىزىسى. بىز بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى توختىماي دەپسەندە قىلىشىدىن، خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ئارقىلىق ئۆكتىچى ئاۋازلارغا زەربە بېرىشىدىن ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە دائىر دوكلاتلاردىنمۇ كۆرگەن ئىدۇق. »

دوۋدېن ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە قاراتقان بۇ دۈشمەنلەرچە ھەرىكىتىگە ھەرگىز سەل قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ ئاخىرىدا بۇ خاككېرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان ئىككى شەخس ۋە «APT31» دەپ ئاتالغان خاككېرلىق ئورنىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان.

ئوخشاش مىنۇتلاردا يەنە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، سىياسىيونلىرىنى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى نىشان قىلغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان ۋە 14 يىلدىن بېرى مۇشۇنداق ھۇجۇملارنى قوزغاپ كەلگەن «APT31» ناملىق خاككېرلىق گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئەزاسىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكادىكى «Pardee RAND» ئاسپىرانتلار مەكتىپىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پىروفېسسورى، راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە تەتقىقاتچىسى كۇەنتىن خاگسون (Quentin Hodgson) ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «APT31» خاككېرلىق گۇرۇپپىسى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئادالەتسىز ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئېرىشىشى، شۇنداقلا مۇداپىئەگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنىڭ ئوغرىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

 «خىتاينىڭ خاككېرلىق گۇرۇپپىلىرى ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە كۆرۈنەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلدى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر سەۋەبنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىز غەرب دۆلەتلىرى ئۇلارنىڭ بىزنىڭ تورلىرىمىزنى بىمالال سۇيىئىستېمال قىلىشىغا قارشى تەدبىر قوللانمايۋاتىمىز. »

پىروفېسسور كۇەنتىن خاگسون ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خاككېرلىق گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ قارايدىغان چەت ئەل سىياسىيونلىرىنى نىشانغا ئېلىشى دىققەت قوزغايدىغان يېڭى ئەندىزە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەندىزە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىر تەشكىلاتلارلا ئەمەس، شەخسلەرنىڭمۇ ئىزىغا چۈشكەندەك قىلىدۇ. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزىغا چۈشىدىغان شەخسلەر ئادەتتە خىتاي گىراژدانلىرى ھەمدە خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارالغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپاتتى. »

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بۇ خاككېرلىق گۇرۇپپىسىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ۋىرۇسلۇق (يامان غەرەزلىك) ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئوخشىمىغان قىتئە، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى مىڭلىغان كىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىشىدىكى بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ھەرىكەت، ژۇرنالىستلار، سىياسىي ئەمەلدارلار ۋە شىركەتلەرنى نىشان قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى باستۇرۇشنى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈشنى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان. »

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش تەپتىشى مېررىك ب. گارلاند (Attorney General Merrick B. Garland) باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

 «ئەدلىيە تارماقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئامېرىكالىقلارنى قورقۇتۇش، ئامېرىكا قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇش ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قاراتقان ئوغرىلىق ھەرىكەتلىرىگە يول قويمايدۇ. . . بۇ دېلو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشنى مەقسەت قىلغان يامان غەرەزلىك تور ھەرىكەتلىرىنى قوزغىتىش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم سەمىمىزگە سالدى. »

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىمىزغا تەھدىت سالغانلارنى قەتئىي بوش قويمايمىز. بىز بۇ بايانات ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىمىز، كارخانىلىرىمىز ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزنى قوغداش ئىرادىمىزنى تەكىتلەيمىز. »

26-مارت كۈنى يەنە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامىرون مەخسۇس سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىشىدىكى ئورگانلارنىڭ قىلغىنى دەل بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ، بىز ئۇنى قوبۇل قىلمايمىز. » دېگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئەنگلىيە دېموكراتىيەسى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا تەھدىت ئەپ كېلىدىغان ھەرىكەتلىرىگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا دائىر تەپسىلاتلارمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، «APT31 گۇرۇپپىسىدىكى خاككېرلار خىتايغا تەنقىدىي پىكىردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سىياسىيونلىرىنى تەقىبلەش ئۈچۈن ئۇلارغا يامان غەرەزلىك دېتاللار يوشۇرۇنغان ئېلخەت ياكى ئۇلانمىلارنى ئەۋەتكەن. مەسىلەن، ئۇلار 2020-يىلى خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەۋە بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ‹خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى› (IPAC) نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر بىر ئەزاسى ھەمدە 43 نەپەر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. »

مەزكۇر ‹خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى› نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفېرد ئەپەندى (Luke de Pulford) بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنى نىشان قىلغان بۇ ھۇجۇملاردىن 3 يىل ئۆتكەندىن خەۋەردار بولۇشىمىز بىزنى ئويلاندۇردى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ‹خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى› خىتاينىڭ خاككېرلىق ھۇجۇملىرىدىكى ئاساسىي نىشانلارنىڭ بىرى بولغان. بۇ گۇرۇپپىغا تەۋە 400 دىن ئوشۇق ئېلخەتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بۇ ھۇجۇمنىڭ بىزگە قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغىنى، بىز بىزگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدىن ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندە خەۋەر تاپقاننى ئاز دەپ، بۇنى يەنە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىن بىلىۋاتىمىز. ئەسلىدە ئەنگلىيەدىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشى ھەمدە بىزگە ياردەم بېرىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. »

لۇك دې پۇلفېرد ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە بۇ ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 «خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان گۇرۇپپا بولۇپ، بۇ بىرلەشمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بار ئىدى.

مەسىلەن، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىممۇ يۇقىرىدىكى گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئۆزىنىڭ «X» تىكى ھېسابى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بىز بۇ تەھدىتلەردىن ھەرگىز قورقۇپ قالمايمىز، بىزنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىمىز ھەمدە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىمتىيازىمىز بار» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي بولسا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرى ھەققىدىكى باياناتلىرىنى قەتئىي رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لىن جيەن 26-مارت كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا «بىز ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ تور بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاينى ھاقارەتلەشنى، خىتايغا بىر تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنى خىتايغا تور ھۇجۇمى قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە تەتقىقاتچىسى كۇەنتىن خاگسوننىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قىلمىشىنى رەت قىلىشى ۋە ھەتتا ئامېرىكاغا ئارتىپ قويۇشى كۆزگە كۆرۈكلۈك ئەھۋال بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىن تارتىپلا ئامېرىكانىڭ تور بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالماي كەلگەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى ئەڭ چوڭ تەرەققىياتنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىنىڭ خەۋپىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەققىيات شۇكى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى-ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ تور تەھدىتىگە ئوخشاش كۆز بىلەن قاراۋاتىدۇ. ئۇلار ئاخىرى بۇ مەسىلىنى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلەش يولىنى تاللىدى. »

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا يۈرگۈزگەن بۇ قېتىملىق جازا تەدبىرلىرى ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.