ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ياۋروپا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.01.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
japan-kishida-us-biden.jpg ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدىن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانى ئاقساراينىڭ جەنۇبىي چىملىقىدا قارشى ئالدى، 2023-يىلى 13-يانۋار، ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
AFP

خىتاينىڭ ھىندى – تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇشى، تەيۋەننى ئىشغال قىلىش تەھدىتلىرىنى كۈچەيتىشى - خىتايغا قوشنا دۆلەتلەر ھەم شۇنداقلا غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك چىڭىتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىشى ھەم خىتاينىڭ رۇسىيە تەرەپتە بولۇشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ يېقىندا ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكادا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارەتلىرى ۋە بۇ زىيارەت جەريانىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر ئامېرىكا – ياۋروپا – ئاسىيا  دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئورتاق ھالدا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئامېرىكادىكى رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇنى ناھايىتى ئوچۇق تىلغا ئالغان. ئۇ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « بۈگۈنكى نۇتۇقۇمدا مەن دېمەكچى بولغان 3 مۇھىم نۇقتا بار. بىرىنچىسى، خەلقئارا جەمئىيەت تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىز ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ تۇرۇپ قوغدىغان ئەركىن، ئوچۇق ۋە مۇقىم خەلقئارالىق تەرتىپ ھازىر ئېغىر خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئىككىنچىسى، ياپونىيە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىنچلىق ۋە گۈللىنىش شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ئەركىن ۋە ئوچۇق تەرتىپ بەرپا قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۈچىنچىسى، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش ۋە ئەڭ يېقىن دوست بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئېلىپ كېلىدۇ».

فۇمىئو كىشىدا سۆزى داۋامىدا  خىتاينى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ يادرولۇق تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن گ – 7 دۆلەتلىرى قاتارلىق ئوخشاش كۆز قاراشتىكى دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

« شۈبھىسىزكى خىتاي ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ يادرولۇق تەھدىت.... بىز بىر يەرگە جەم بولۇپ ئالدى بىلەن خەلقئارا تىنچلىقنى قوغدىشىمىز كېرەك، ئاندىن ئېنېرگىيە، يېمەكلىك قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك  دۇنياۋى كرىزىسلارنى، ساغلاملىق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۈرگۈزۈشتە مۇتلەق ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك».

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدىمۇ يۇقىرىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە نۆۋەتتە خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەدىن ئىبارەت ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ تەھدىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇ، بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

« ياپونىيە ھازىر خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتمەكچى».

«ۋال – سىترېت ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان « ئاسىيا ۋە ياۋروپا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلماقچى» ماۋزۇلۇق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئۇلار  ياپونىيە سۈنئىي ھەمراھىنى قوغداش، ئوكىناۋادىكى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا-ياپونىيە ھەربىي ھەمكارلىق پىلانىنى ئېلان قىلغان. يىغىندا ئىككى تەرەپ يەنە ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەرنى قىلغان.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى»دىكى ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي تەھدىتى مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشىغا سەۋەب بولغان. دەرۋەقە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) ئەنگلىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدىمۇ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak)  بىلەن بىرلىكتە ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خىتاي تەھدىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تارىخىي كېلىشىمگە قول قويغانىدى. ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان بۇ ھەربىي كېلىشىم بويىچە لوندون بىلەن توكيو ھىندى-تىنچ ئوكياننى مەركەز قىلغان ھالدا «تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ مۇرەككەپ ھەربىي مانېۋىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاش ۋە يەتكۈزۈشىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن، ھەر ئىككى دۆلەت قوراللىق قىسىملىرى بىر – بىرىنىڭ زېمىنىغا ئورۇنلىشالاي»دىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي زورىيىشىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان قوشنا دۆلەتلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا ئوخشايدىغان ئاسىيا بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى تورىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كورېيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي مەشىق، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى تولۇقلاشنى كۈچەيتكەن.

دوكتور ئاندېرس كور بولسا ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكياندىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ناتوغا قوبۇل قىلىنىشىنى« خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا زۆرۈر قەدەم»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، مۇنداق دېگەن:

« مەنچە ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ياپونىيە، كورېيە، تەيۋەن ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ياۋروپانى رۇسىيەدىن، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى بولسا خىتايدىن ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ».

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» دىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى شېرىكلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى پەقەت ئىككى تەرەپلىك ئىكەن. شۇڭا ناتو ياكى ناتوغا ئوخشاش رەسمىي بىر ئورگان ئاستىدا ھەرىكەت قىلماي ھەقىقەتەن بىر ئۇرۇش قوزغىلىپ قالغان تەقدىردە كىمنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقى ۋە قانداق قاتنىشىدىغانلىقى ئېنىق بولماي قالىدىكەن. شۇڭا بۇ ھەمكارلىقنى رەسمىيلەشتۈرۈش زۆرۈر ئىكەن.

خىتاي بولسا ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا  بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئوبرازىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئويۇن قويۇۋاتىدۇ» دېگەن.

بلۇمبېرگ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمۇ خىتاينىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە، بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىپ تەدبىر قوللىنىشقا باشلىغان. مەسىلەن، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ئالدىنقى ھەپتە فۇمىئو كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەندە ياپونىيە بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى مۇھىم تېما بولغان. فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۆتكەن بىر يېرىم يىلدا ئامېرىكا، ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان.

توكيو كېيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مىچىتو تسۇرۇكا «ۋال – سىترېت ژۇرنىلى»غا قىلغان سۆزىدە :«ياۋروپا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى دېگەنلىك بېيجىڭ كۆزىتىدىغان  جەڭچىلەر كۆپىيىدۇ، دېگەنلىكتۇر.  بۇ، خىتاينىڭ ئىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. جۈملىدىن ئۇنىڭ خىتاينى چېكىندۈرۈش كۈچى زور بولىدۇ» دېگەن.  

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 2017-يىلى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان بىرلىكتە قۇرۇلغان «تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك دىئالوگى» مۇ دېڭىز ئارمىيەسى ۋە باشقا ھەربىي مانېۋىرلىرىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ياپونىيە ۋە ھىندىستان قوش يۆنىلىشلىك كۈرەشچى ئايروپىلان مانېۋىرى قىلىدىكەن. ھازىر يەنە ۋىيېتنام، ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان  بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىنى كۈچەيتىش بىلەنلا قالماي، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىك بولغان ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەمۇ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا  بىلەن بىرلىكتە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش  مانېۋىرىغا قاتناشقان.  

دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى ھەربىي ھازىرلىقلاردىن سىرت، خىتاينى چەكلەشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك يولى بولسا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئايرىلىش، ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: « خىتاينى چېكىنىشكە مەجبۇرلاشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىر بولسا ئىقتىسادنى ئايرىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى ماس قەدەمدە ئىقتىسادىي ئايرىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ ئارمىيەسىنى زورايتىۋاتقان ئىقتىسادى تۆۋەنلەيدۇ. نەتىجىدە خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن زورىيىشىغا ئايرىغان خامچوتى كىچىكلەيدۇ».

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەت بايدېن ۋە كىشىدانىڭ ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى دەل ئىقتىساد بولۇپ، ئۇلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنى قوغداشتا يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ياپونىيە ۋە گوللاندىيەنى خىتاينى كومپيۇتېر ئۆزىكى قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا « يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى  چوڭقۇرلاشتۇرىمىز» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.