ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن 9-ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيتلىق زىياپەتتە، ئامېرىكانىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قېشىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق زىياپەت 9-ماي كەچقۇرۇن ئاقساراي يېنىدىكى بىلايېر سارىيى (Blair House) دا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىللىق روزا ھېيت زىياپىتىگە ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرىدىن باشقا يەنە دىنىي تەشكىلاتلار ۋە قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى روزا ھېيتلىق دۆلەت زىياپىتىگە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دېرىكتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس قاتارلىقلار تەكلىپ بويىچە قاتناشقان.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، مۇسۇلمان توپلۇقلىرى ئۇچراۋاتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە «ئامېرىكانىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قېشىدا تۇرۇدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئىگىلىشىمىزچە، روزا ھېيتلىق زىياپەتكە قاتناشقان ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن روشەن ئابباس خانىم، زىياپەت جەريانىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئانتونى بىلىنكىننىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ئۆزىنىڭ شەخسىي نامى ۋە ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتقان.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار روزا ھېيتلىق زىياپەت پائالىيىتى جەريانىدا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئادالەت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بېت ۋان شاك (Beth Van Schaack) خانىم ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن (Rashad Hussain) بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئادالەت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بېت ۋان شاك خانىم، ئۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.