ئامېرىكانىڭ يېڭى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» دا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە ۋە شەھرىزاد تەييارلىدى
2025.01.03
Alejandro-Mayorkas-tuqumichiliq-kiyim-kechek ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز جازا تىزىملىكىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى پەرقلەندۈرۈشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا پايدا ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.»
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك يېڭىلىنىدىغان ۋە يېڭىدىن تەستىقلىنىدىغان «2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» دە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇش ئورۇن ئالغان.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكانىڭ «2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» (NDAA) 2024-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئىمزا قويغان. ئامېرىكانىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىشلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھوقۇقى بېرىلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يېڭىدىن تەستىقلانغان ئامېرىكا «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» دە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى يېڭى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» دا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان مەھسۇلاتلارغا قارىتىلغان ئامېرىكا جازا تەدبىرلىرى ۋە سېتىۋېلىش چەكلىمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ يېڭىلاش ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان چەكلىمە ۋە جازا تەدبىرلەرنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ۋە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قارشى ئېلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىجابىي يۈزلىنىش. چۈنكى، نۇرغۇن ساھەلەردە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى داۋاملاشماقتا. شۇڭلاشقا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ يادروسى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشنىڭ ئىجابىي قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىشلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن؛ ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇشنى كەڭ كۆلەملىك تۈرمىگە سولاش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە يۆتكىدى. شۇڭا بۇ يېڭى ‹دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى› بۇ ۋەزىيەتلەرگە قارىتا چوقۇم بىر بېسىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بېسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن كېلىشى كېرەك، بېسىم كۆپ تەرەپلىك ئورگانلاردىن كېلىشى كېرەك. شۇڭا ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتە باشلامچى بولۇشىنى كۆرۈش ئىنتايىن مۇھىم. دېمەك، باشقا دۆلەتلەرمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىشى ۋە بىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىمىزدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك.»

«سودا ئۆلچىمى» (Business Standard) تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، «2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» دە، ئامېرىكانىڭ 2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا 895 مىليارد دوللار ئاجرىتىلغان. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو روبىيو، جېف مېركىلى قاتارلىقلار سۇنغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى 2020-يىل دونالد ترامپ ئىمزالىغانىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى پېتېر ئىرۋىن (Peter Irwin)، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ يېڭىلىنىشى ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلغۇچىلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى جاۋابكارلارنى سۈرۈشتۈرۈش ۋەدىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتا ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ قورال بولۇپ قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قانۇننى يولغا قويۇشتا ئامېرىكا باج-تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە فېدېراتسىيەلىك ئورگانلارنىڭ دوكلات بېرىش تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتتىق نازارەتكە تايىنىدۇ.»

 ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يېڭى قانۇننى ئىجرا قىلىشتا، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ناھايىتى مۇھىم ئىكەن؛

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر تولۇق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېنىقلىقىنى تەلەپ قىلىش ۋە شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەتلەر سودا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىشى، ئىمپورتنى قاتتىق چەكلىشى ۋە تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىپ مەھسۇلاتلارنىڭ چىقىشىنى ئىز قوغلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمكارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق بازارغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك ئىمپورت چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بېسىم قىلىشى كېرەك.»

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» دا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇش ئېنىق بېكىتىلگەن. ۋاھالەنكى، «2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» نىڭ مۇددىتى گەرچە 2025-يىلنىڭ ئاخىرىدا توشىدىغان بولسىمۇ، 2030-يىلغىچە ئۇنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇش بەلگىلەنگەن مەزكۇر يېڭى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ رولى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى توسۇش تولىمۇ مۇھىم. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

دەرۋەقە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ يېڭى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» دىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇش بەلگىلىمىلىرى كىشىنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر ئىجابىي تەرەققىيات. ئەلۋەتتە، بۇ جازا چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىشتا ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.