كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىلقى روزا ھېيتنى غېرىبلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كورونا ۋىرۇسى يامرىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بۇ يىلقى روزا ھېيت بايرىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەسرەتكە تولغان، كونا دەردلەرنىڭ ئۈستىگە يېڭى دەردلەر قوشۇلغان بىر بايرام بولغان. يەنى ئۇلار ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغاننى ئاز دەپ، كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۆز ئەتراپىدىكى يېقىن-يورۇقلىرى بىلەن ھېيت پەتىسى قىلىشتىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ھېيتلىق سالام-سائەت ۋە تەبرىكلەشلەر ئىلگىرى ئارىلىقى يىراق قېرىنداشلار ئارىسىدا فېيسبوك، تىۋىتتىر، ۋاتساپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولسا، بۇ يىل بىر جايدا، ھەتتا بىر مەھەللىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى روزا ھېيتنى كارانتىن تېخى بوشىمىغان بىر ۋەزىيەتتە كۈتۈۋالغان، مەسچىتلەردە ھېيت نامىزى ئوقۇلمىغان، كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ۋە ھېيت پەتىلەشلىرى بولمىغان. شىمالىي كالىفورنىيەدە 28-ئاپرېلدىن باشلاپ بەزى ئاممىۋى سورۇنلارنى ئېچىشقا يول قويۇلغان بولسىمۇ، يۇقۇملىنىش كۆپرەك بولغان جەنۇبىي كالىفورنىيەدە كارانتىن يەنە ئۈچ ئايغا ئۇزارتىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن لوس-ئانژېلىس شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لوس-ئانژېلىس ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۆيلىرىدىن چىقماي ھېيت ئۆتكۈزگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىفورنىيەنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان ئۆز رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلىك قىلىپ ھەمكارلىق ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ھېيت-بايراملىرىنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى كارانتىن يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، نورۇز پائالىيىتىنىمۇ ئۆتكۈزەلمىگەن. رامزان كىرگەندىن باشلاپ ئىپتارلىق چاقىرىشلار ئۈزۈلگەن، مەسچىتكە بېرىش ئىمكانى بولمىغان. بەزى ئائىلىلەر ھېيت نامىزىنى ئائىلە بويىچە ئۆيىدە ئوقۇغان. چوڭ مەسچىتلەر ئەتىگەن سائەت سەككىزدە تارتقۇلار ئارقىلىق ھېيت نامىزى ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن، ھېيت خۇتبىسى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

لوس-ئانژېلىس شەھىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي زۇلۇمى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىنىڭ دەرد-ھەسرەتكە تولغان بىر كۈنگە ئايلانغانلىقىنى، بۇ يىل بولسا ۋىرۇس تۈپەيلىدىن بۇ دەردنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گەرچە ئەھۋال شۇنداق ئېغىر، كۆڭۈللەر غەش بولسىمۇ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ھېيتنى چوقۇم ھېيتتەك ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئەركىن سىدىق ئەپەندى، بۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقىنى، باشقىلارغىمۇ ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايرىمى بولغان بۇ مۇبارەك كۈندە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا سەل قارىماسلىقنى، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا داۋاملىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى، شۇنداقلا بۇ يولدا داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلارغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىپادىلىدى.

لوس-ئانژېلىس ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى گۈلباھار مەۋلان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىلقى روزا-رامزاننىڭ ۋىرۇس ئاپىتىگە توغرىلىشىپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ ھېيتنىمۇ ئىلگىرىكى ھېچ ۋاقىتتا كۆرۈلمىگەن بىر غېرىبلىق، چارىسىزلىك ئىچىدە كۈتۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

تۆت يىلدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۈلباھار خانىم، بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە ئۈمىدۋارلىقنى يوقاتماي، خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ۋىرۇس ئاپىتىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغىمۇ پارلاق كۈنلەرنىڭ نېسىپ بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز كالىفورنىيەنىڭ شىمالىدا، دېڭىز قولتۇقى رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇغانلىقى ۋە نامازدىن كېيىن ئائىلە بويىچە پائالىيەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن خانىم بولسا بىزگە بۇ قېتىمقى ھېيتنىڭ ئاساسەن ئۆيدە ئۆتكەنلىكىنى، ھېيتلىق تەبرىكلەشنىڭ ئاساسەن ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى روزا ھېيتلىق تىلەكلىرى ئاساسەن تور دۇنياسىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە، يۇرتىغا، جۈملىدىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىگە بولغان سېغىنىشىنى، ئۇنتۇلماس ھېيت كۈنلىرىنى، ۋە كەلگۈسى ئارزۇلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلەپ، ئورتاق تەنتەنە ۋە ئومۇمىي قىزغىنلىق شەكىللەندۈرگەن؛ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىغا، بايرىمىغا، خۇشاللىقىغا قەست قىلغان رەزىل كۈچلەردىن قۇتۇلۇپ، ۋەتەندىكى مۇبارەك ماكانىدا ھېيتنى ھېيتتەك ئۆتكۈزىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن.