ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى ئامېرىكاغا قارشى تەھدىت تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى

بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مەن 40 يىلدىن بۇيان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۆرگەن ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال جون ئاكۋىلىنو ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك تەھدىتى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 20-مارت، ۋاشىنگتون Youtube/@HouseArmedServices/Screenshot

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك تەھدىتى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكاغا قارشى تەھدىت تىزىملىكىدە رۇسىيەنى ئەمەس، خىتاينى ئالدىنقى ئورۇندا قويغان. خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى، تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچى، تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئېھتىمالى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئامىللىرى ئارقىلىق ئامېرىكاغا قارشى مۇرەككەپ رىقابەت تەشكىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي خىزمەتلەر كومىتېتى (U. S. House Armed Services Committee) نىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى يۇتۇپقا قويغان ۋىدىيوسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى ئېلىي راتنېر (Ely Ratner) ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال جون ئاكۋىلىنو (John Aquilino) ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك تەھدىتى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكاغا قارشى تەھدىت تىزىملىكىدە رۇسىيەنى ئەمەس، خىتاينى ئالدىنقى ئورۇندا قويغان ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ 2025-يىللىق خامچوتتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئامېرىكانىڭ يادرو كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى ئېلىي راتنېر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك تەھدىتى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە كەڭ كۆلەملىك ھەم ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىرىنى يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەت. خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا، جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىز رايونلىرىدا دۈشمەنلىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. »

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكاغا قارشى تەھدىت تىزىملىكىدە رۇسىيەنى ئەمەس، خىتاي يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) نىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

 «خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە رۇسىيەدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك. بۇ ئامېرىكاغا قارشى تېخىمۇ مۇرەككەپ رىقابەت تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ئوخشىمىغان ساھەدە كۈچى بار. ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ. بۇ دېگەنلىك پەقەت خىتاينىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەت بولۇشى سەۋەبى بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن نۇرغۇن جايلارغا يېقىن بولۇشى، يەنى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىن بولۇشى ۋە ئېنىقكى شەرقىي ئاسىيادا بولۇشى بەك مۇھىم سەۋەبلەر ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرى رۇسىيە ئىقتىسادىغا ھەقىقەتەن زىيان كەلتۈرمەيدۇ. رۇسىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئۇنچە كۆپ بىر نەرسە ساتمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئاجىزلاشقان ھەربىي كۈچىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل بولمىسىمۇ، بىرنەچچە يىلى كېتىدۇ. بۇلار خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى تېخىمۇ تەھدىت تەشكىل قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. »

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى ئېلىي راتنېرنىڭ سۆزىگە قارىتا كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ 2035-يىلىدا خىتاينى قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى بار. يەنى 2035-يىلىدا ئامېرىكا بىلەن تەڭ بولۇش ۋە 2049-يىلىدا ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىش. ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش بولغان تەقدىردە خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن غەلىبە قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي خەلقئارادا تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ئامېرىكاغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنپەئەتىگە زىيان بېرىۋاتىدۇ. يەنى، خىتاي ئامېرىكاغا تەھدىت. »

 ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال جون ئاكۋىلىنو ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:

 «بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مەن 40 يىلدىن بۇيان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۆرگەن ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال. بۇ ئىككى مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى بىزنى باشقىچە خەتەرلىك مۇھىتقا ئېلىپ كەلدى. بىز شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.»

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) ئادمىرال جون ئاكۋىلىنونىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە ھەمكارلىقى، خىتاي تەھدىتى ۋە ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە قىلغان سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

 «شەرقىي ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ۋەزىيىتىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا ئىران بىلەن شىمالى كورېيە رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ. يەنى رۇسىيەنى قوللاۋاتىدۇ. رۇسىيە خىتاي، ئىران ۋە شىمالى كورېيەدىن ھەربىي ياردەم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇلار رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيەگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپلا قالماستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قارارلارنى رەت قىلىش ئارقىلىق رۇسىيەگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم بەلكىم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىن باشلاپ، ھەتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىر فىرونتتا خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەستىن، بەلكى ئۈچ فىرونتتىن، يەنى ھىندى-تىنچ ئوكيان، شەرقى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.»

 خىتاي ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئانالىزچى دوكتور تېڭ بىياۋ (滕彪) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئادمىرال جون ئاكۋىلىنونىڭ خىتاي تەھدىتى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تەيۋەن دۇچ كەلگەن غايەت زور تەھدىتكە سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

 «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ئېھتىمالى كۈچەيدى. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن تەيۋەننى بېسىۋېلىش تەھدىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. يەنى تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش چىقىش ئېھتىماللىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىش ئارزۇسىنى يوشۇرمايدۇ، ئۇ بۇنى ئوچۇق ئاشكارا سۆزلەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ پۈتكۈل سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەندە، تەيۋەن ھازىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. شۇڭلاشقا، ھىندى-تىنچ ئوكياندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى جون ئاكۋىلىننىڭ خىتاي تەھدىتى ھەققىدىكى ھۆكۈمىگە ئاساسەن قوشۇلىمەن. مەيلى تەيۋەن خەلقى، مەيلى ئامېرىكا، ياكى پۈتۈن دۇنيا تەيۋەن دۇچ كەلگەن غايەت زور تەھدىتكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. »

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان پېۋ (Pew) تەتقىقات مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org