ئامېرىكا-ھىندىستان خىتاينى تىزگىنلەش يولىدا مۇھىم ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېرنىڭ ھىندىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، مۇھىم ھەربىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىشى ئۇلارنىڭ خىتاي تەسىرىنى تىزگىنلەش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. 27-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپ «ئاساسىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان بىر ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا ھىندىستاننى ئىنتايىن سەزگۈر بولغان، ئادەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى باشقۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر شۇ كۈندىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋىتى بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. بىز ئورتاق قىممەت قارىشىمىز ۋە ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ ھەممە ئۈچۈن ئەركىن ۋە ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، بۇئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىمزالىغان بىر قاتار ھەربىي كېلىشىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ 2016-يىلى ئۆز ئارا ئىمزالىغان ‹ھەربىي ئارقا سەپ تەمىناتلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى›(Logistics Exchange Memorandum of Agreement)نى ئاستا-ئاستا ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان خىتاي تەھدىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىدىيە ئاساسىدا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. پەقەتلا ھىندىستان ئەمەس، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بۇ دۆلەتلەر ‹تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك دىيالوگى› («QUAD»)نى قۇرۇپ چىقتى. خىتاي نۆۋەتتە ناھايىتى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە گۇرۇپپىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 27-ئۆكتەبىر كۈنى يېڭى دېھلىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينى نىشانغا ئېلىپ: «بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزۋە پۇقرالىرىمىز تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتىكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەركىن، ئوچۇق-ئاشكارەۋە گۈللەنگەن ھىندى-تېنچ ئوكياننىڭ ئاساسى بولغان دېموكراتىيىگە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىققا ھېچقاچان دوست بولۇپ باقمىدى،» دېگەن.

پومپېيويەنە: «دېموكراتىك دۆلەتلەرنىنغەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىۋەجۈملىدىن ئەركىن دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن چوڭ ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 27-ئۆكتەبىردىكى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن بىر كۈن ئاۋۋال مايك پومپېيو ۋە مارك ئېسپېر ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن رەسمىي باياناتىغا قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشتا «تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىۋەشۇنداقلا ھىندى-تېنچ ئوكياننىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئەپ كېلىدىغان ئورتاق مەنپەئەتلىرى» ئۈستىدە سۆزلەشكەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان ھازىرغىچە ھېچقانداق ھەمكارلىق ئىچىدە ئورۇن ئالماي كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى خىتاي بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشى ھىندىستاننىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن ئىكەن.

ئاندېرس كور بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ۋە ھىندىستان تەرىپىدىن ئىمزالانغان ‹ئاساسىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى› ھەقىقەتەن تارىخىي كېلىشىم. چۈنكى ھىندىستان 1955-يىلى ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن‹باندۇڭ يىغىنى› دا پەيدا بولغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 1961-يىلدىكى قاھىرە يىغىنىدا رەسمىيلەشتۈرۈلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان پۈتكۈل سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھىندىستان دېموكراتىك دۆلەت بولسىمۇ، غەرب دۇنياسى بىلەن ئىتتىپاقلاشمىدى. 1962-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ئاقسايچىن ئۈچۈن ھىندىستانغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، ھىندىستاننىڭ 14 مىڭ 700 كۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى، شۇ چاغدا 1300 ھىندىستانلىق قازا قىلدى، 1000 ئادەم يارىلاندى. ھىندىستان ئەسلى شۇچاغدىلا ھەمكارلاشماسلىق پىرىنسىپىنىڭ ئۆزىنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى. مانا ئەمدى ھىندىستان ئاخىرى توغرا يولنى تاللاپ، باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇستەبىت كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇشنى تاللىدى.»

تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋە ھىندىستان چېگرا دەتالىشى قىلىۋاتقان رايونلار ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھىندىستان-خىتاي ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسى كۈچلۈك ئىكەن.

گوردون چاڭ بولسا خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى بۇ توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىم خىتاي چىگرادا ھىندىستاننىڭ ئەسكەرلىرىگە قانلىق ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئۆزگەردى. خىتاي ھىندىستاننى ئۆزىگە دۈشمەن قىلدى. مەن بۇ چىگرادا يەنە ئەسكىرى توقۇنۇشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى خىتاي ئۇ يەردە جىددىي ھەربىي ھازىرلىقلارغا كىرىشىپ كەتتى. ھىندىستانمۇ شۇنداق. مەنچە، چىگرادا كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھەربىي توقۇنۇشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكا-ھىندىستان ئارىسىدا ئىمزالانغان ھەربىي كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا يېڭى دېھلىنى «جۇغراپىيىلىك بوشلۇق ئىستىخباراتى» (Geospatial Intelligence) دەپ ئاتىلىدىغان يەنى جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەھلىل قىلىنىشى ئاساسىدا يەرشارىدىكى ھەرىكەتنى بايقايدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار ھىندىستاننىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قورال سىستېمىلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىقكەن.

خىتاي، ئامېرىكا-ھىندىستان ئارىسىدىكى بۇ كېلىشىمدىن قاتتىق بىئارام بولغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسى ئامېرىكانى «سوغۇق ئۇرۇش پسىخىكىسى بىلەن ئىش كۆردى. خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيە قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۇلار يەنە مايك پومپېيونىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە چىگرادىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەن ھىندىستانلىقلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، گۈلچەمبىرەك قويغانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلىپ: «ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىدە ھىندىستاننى قوللايدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلدى،» دېگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، «يېڭى كېلىشىم ھىندىستاننىڭ ئاقسايچىندىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي-شىمال چېگراسىدىن ئارۇناچال پرادېش رايونىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن.»

ھىندىستان ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت كېلەر ئاي ھىندى ئوكياندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مالابار دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، مانېۋىرغا ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە، يەنى «تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك دىيالوگى» نىڭ بارلىق ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن. CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ بىرلىكنى بەزىلەر «ئاسىيا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» دەپمۇ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

يەنە بىر ياقتىن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئەسكىرى بۇ ھەپتە تىنچ ئوكياندا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر باشلايدىغان بولۇپ، بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا دەتالاشتا تۇرۇۋاتقان سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ياپونىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا نامايان قىلغان. چۈنكى يېقىنقى بىر يىلدا خىتاي سېنكاكۇ ئاراللىرىدا ھەرىكىتىنى كۆپەيتىپ، ياپونىيەنىڭ چىشىغا تېگىۋاتاتتى.

گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقىدەك بۇ يېڭى شەكىللىنىشلەر خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىدىكەن. خىتاي ھازىر ياپونىيە، ھىندىستانلا ئەمەس ھەر تەرەپكە مۇشتۇمىنى سوزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قېيىن ئىكەن. گوردون چاڭ مۇنداق دېدى: «گەرچە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئۇرۇش قىلىشقا يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭگە ئوخشاش زوراۋان خاراكتېرگە ئىگە بىرىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت ھەرنېمە قىلىشى مۇمكىن. شى جىنپىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ تاجاۋۇزچى لىدېرلىرى بولغان ماۋزېدۇڭ، ستالىن ۋەھىتلېر بىلەن ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە. شۇڭا ھەممە دۆلەت خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى، تەييارلىنىشى كېرەك.»

CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە قوماندانى گېنېرال پولكوۋنىك كېۋىن شنايدېر دۈشەنبە كۈنى مانۋېر ھەققىدە سۆز قىلغاندا: «بۇ مانېۋىر ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى قوغداش ياكى باشقا كرىزىس ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جەڭ قىلىش قوشۇنلىرىنى يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ،» دېگەن. بۇ مانېۋىر 5-نويابىرغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 9000 ئامېرىكا ئەسكىرى، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ زەربە بېرىش گۇرۇپپىلىرى، 100 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانى، 37 مىڭدىن ئارتۇق ياپون ئەسكىرى، ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ20 دانە ئۇرۇش پاراخوتى، 100 ياپون ھەربىي ئايروپىلانى ۋە كانادادىن كەلگەن قوغدىغۇچى پاراخوتلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ شەرقىگە 250 ئىنگلىز مىلى (400 كىلومېتىر) كېلىدىغان ئوكىناۋا ئەتراپىدىكى ئاراللارغا يىغىلغان.