ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بارلىق رەقىبلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا تاقابىل تۇرامدۇ ياكى بەزىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلامدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.30
Amerika-xitay-bayraq-shahmat ئامېرىكا ۋە خىتاي بايرىقىنىڭ ئالدىدىكى شاھمات تاختىسى، 2022-يىلى 25-يانۋار
REUTERS

خىتاي بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدىكى دىكتاتورلارنىڭ بىرلىشىپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى زالىم دىكتاتورلارغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر دېموكراتىيەگە قارشى تۇرۇش ئاساسىدا شەكىللىنىۋاتقان بۇ دىكتاتورلار ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋە دىكتاتورلار ئىتتىپاقىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرۇپ تاقابىل تۇرۇشنىڭ توغرا ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ياروسلاۋ تروفىموف (Yaroslav Trofimov) ئىمزاسىدا 24-ئاۋغۇست «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە دەل مۇشۇ كۆز قاراش ئالغا سۈرۈلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدىكى دىكتاتورلارنىڭ ھەمكارلىقى ماھىيەتتە ئامېرىكىدىكى سايلامدا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى بىردەك غەرب دېموكراتىيەسىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ھەر ساھە كىشىلىرى ھازىرقى مەزگىلنىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك باسقۇچ ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ياۋروپادىكى قوشنىلىرىغا تەھدىت سېلىشى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭ زور بولۇشى، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى سىنىقىنى تېزلىتىشى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ئەتراپىدا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشى، شىمالى كورېيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قاتارلىقلار دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئامىللار ھېسابلانماقتا.

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھازىر رۇسىيە باشچىلىقىدىكى دىكتاتورلارنىڭ خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتامدۇ، دېگەن سوئالىڭىزغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، ئەلۋەتتە دۇچ كەلدى. بۈگۈن بىز بۇ رىقابەتنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يەتتۇق، دېسەك خاتا بولمايدۇ. بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىرقى ئەھۋالدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. بىز دىكتاتورلارنىڭ خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىپلا قالماي، يەنە بىز بۇ خىرىسنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئوبدان ھېس قىلدۇق. بۇنى مەنلا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقىنىم يوق. ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەر قانداق كىشى مۇشۇنداق قارايدۇ.»

لوندوندىكى پادىشاھلىق (King's) ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇرۇش تەتقىقاتى پىروفېسسورى لاۋرېنس فرېدمان (Lawrence Freedman) مۇ بۇ مەسىلىدە ئاشۇ خىل قاراشقا مايىل كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ دىكتاتورلار ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا، شۇنداقلا دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ دىكتاتور دۆلەتلەر دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە. بىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئۇلار ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى بارغانسېرى زىچ ھەمكارلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ خىتاي، شىمالى كورېيە ۋە ئىراننىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان شەكىلدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا مۇھىم كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇناسىۋىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؛ قەرەللىك ئۇچرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى قوغدايدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بولسا دۇنيا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.»

گەرچە بۇ ھەقتىكى رېئاللىق شۇ دەرىجىدە ياخشى بىلىنگەن بولسىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار سوئاللار داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىران ۋە كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقىبلەرنىڭ ھەممىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا قادىر ياكى ئەمەسلىكى، شۇنداقلا بۇ رەقىبلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ياكى تۇرمايدىغانلىقى ھەر ساھەنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىران ۋە كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقىبلەرنىڭ ھەممىسىنى توسالامدۇ؟ ھازىر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بەكمۇ پەۋقۇلئاددە بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەن مۇشۇنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ئانالىز قىلىمەن. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئامېرىكا بۇنى قىلالمايدۇ. مېنىڭچە، ئامېرىكىدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكاسى، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر يەنى، ئوتتۇرا ئافرىقا، شەرقىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى، شۇنداقلا تىنچ ئوكيان ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بار. مەنچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا ياكى خىتايدىن بىرنى تاللىماي، خەتەردىن ساقلىنىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىز بۇ خىل ۋەزىيەتنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆرگەن. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە چەكلەشكە قادىر بولغان بولسىمۇ، ھازىر بۇ دەۋر كەلمەسكە كەتتى. خىتاينىڭ ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار، شۇنىڭدەك نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بار.»

ئامېرىكىدىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) دىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) نىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھازىرچە دىكتاتورلار ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلۈك بولغان ئورتاق بىرلىك ھاسىل قىلالمىغان. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئېھتىياتچانلىق ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى بويىچە ئىش كۆرۈشنى زۆرۈر، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بارلىق رەقىبلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا تاقابىل تۇرامدۇ ياكى بەزىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلامدۇ دېگەندە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ جەھەتتە ئورتاق پىكىرگە ئىگە، دەپ قارىمايمەن. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. لېكىن، ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم ۋە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەنپەئەتنى ياۋروپامۇ مۇھىم ۋە ئالدىنقى ئورۇندىكى مەنپەئەت دەپ قارامدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيمەن. مەسىلەن، ياۋروپا ئۈچۈن رۇسىيە بەكرەك مۇھىم. چۈنكى رۇسىيە ياۋروپاغا سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى بويىچە تەھدىت پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق دۆلەت. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي تەھدىت ئەمەس. ئامېرىكا ئۈچۈن بولسا خىتاي بەكرەك مۇھىم. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ ۋە مۇرەككەپ رىقابەت. مېنىڭچە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا پۇرسەت بار. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا قارشى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۈستىگە ئالسا ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ-يوق؟ شۇنداق، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يۈكنىڭ زور قىسمىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. بۇ تامامەن مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئىزچىل، شۇنداقلا ئېھتىياتچان بولغان دىپلوماتىك سىياسەت يۈرگۈزۈشكە موھتاج.»

ئامېرىكىلىق داڭلىق تارىخچى ۋە دىپلومات فىلىپ زېلىكوۋ (Philip Zelikow) زامانىمىزدىكى دىكتاتورلار ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەۋزەللىكنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا بۇ تەھدىتلەرگە ئامېرىكىنىڭ يالغۇز تاقابىل تۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىتتىپاقداش بولۇۋاتقانلارنى يادىدا تۇتقان ھالدا ئۇلار بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قۇدرەتلىك. ھازىرمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقى زالىم دىكتاتورلاردىن كۈچلۈك. بۇنداق زالىملاردىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ كاپالىتى ئەمەس. ئەمما 80 يىل ئىلگىرى ياۋروپانىڭ ناتسىستلار ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇ بىزگە بىر ئاز تەسەللى بولۇشى مۇمكىن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.