ئامېرىكا ۋە كانادا پۇقرالىرى: «خىتاي ھازىر ئەڭ چوڭ تەھدىت! »
2023.08.15

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، خىتاي-رۇسىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئېھتىماللىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قارشى تىك سىزىق شەكلىدە ئۆرلىگەن. يېقىندا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار ئامېرىكا ۋە كانادالىقلارنىڭ يېرىمى خىتاينى ئۆزلىرى ئۈچۈن «ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان پېۋ (Pew) تەتقىقات مەركىزى بۇ يىل 20-فېۋرالدىن 22-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 24 دۆلەتتە ياشايدىغان 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارشىنى توپلىغان. راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قارىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارغان. بۇ تەكشۈرۈشتە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ۋە شى جىنپىڭغا بولغان كۆز قارشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار سورالغان.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتايغا ئەڭ ئىجابىي پوزىتسىيەدە قارايدىغانلار نىگېرىيە ۋە كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان نىگېرىيەلىكلەرنىڭ 15 پىرسەنتى ۋە كېنىيەلىكلەرنىڭ 23 پىرسەنتى خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئاۋسترالىيەلىكلەر ۋە ياپونىيەلىكلەرنىڭ 87 پىرسەنتى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ 83 پىرسەنتى ۋە كانادالىقلارنىڭ 79 پىرسەنتى خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېرىمى خىتاينى تەھدىت دەپ كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
پېنسىلۋانىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋىليام دۇيكېرنىڭ قارىشىچە ئامېرىكا خەلقنىڭ خىتاينى تەھدىت دەپ قارىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار كۆپ قاتلاملىق مەسىلىلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ مەسىلە ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭغا تارىخىي نۇقتىدىن جاۋاب بېرىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. كۆپ قىسىم رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىدا مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇردى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ۋە كۆپ قىسىم ئامېرىكا خەلقى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي رىقابەتچى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشىنى قارشى ئالدى. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا بىز ‹خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا خىتاي تەدرىجىي ھالدا غەرب دۆلەتلىرىگە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ› دەپ ئويلىغان. لېكىن بۇ ئون يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ ئالدىنقى بەش-ئالتە يىل ئىچىدە ئەھۋال ئۆزگەردى. بۇ جەرياندا خىتاي ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي رىقابەتچى دەپ قارالدى. ئامېرىكىدىن خىتايغا ئېكسپورت قىلغانغا قارىغاندا نۇرغۇن نەرسە خىتايدىن ئىمپورت قىلىندى. مېنىڭچە يېقىنقى ئون يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار خىتاينى دوست ئەمەس، ئەكسىچە رىقابەتچى دەپ كۆرىدىغان بولدى. يېقىنقى بەش-ئالتە يىل ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، مېنىڭچە ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقى خىتاي ئېلىپ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك ياكى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى. بۇ تەھدىت ئامېرىكىغىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنىمۇ ئەندىشىگە گىرىپتار قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى باستۇرۇشى، شۇنىڭدەك يېقىنقى بىر قانچە يىلدا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىشى دېگەنلەر بۇنىڭدىكى مۇھىم ئامىل. ئاندىن قالسا ئەڭ مۇھىم نۇقتا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىپ، تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش تەھدىتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. شۇڭا مېنىڭچە يۇقىرىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكا خەلقى خىتاينى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەھدىت دەپ قارايدۇ.»
پىۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لورا سىلۋېر خانىممۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تېخنىكا كۈچىگە بولغان ئەندىشە ۋە خىتاي-رۇسىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارشىنى ئۆزگەرتكەن مۇھىم ئامىللار قاتارىدا تىلغا ئالغان.
«كانادا خەلقنىڭ خىتايغا قارىتا كۆز قارشىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار نېمىلەر بولۇشى مۇمكىن؟ » دېگەن سوئالىمىزنى كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختىغا قويغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى، خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشتەك قەبىھ نىيىتى ۋە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشى كانادا خەلقنىڭ خىتايغا قارىتا كۆز قارشىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار ئىكەن.
خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، بولۇپمۇ كانادانىڭ سايلام ئىشلىرىغا قول تىقىپ خىتايپەرەست ئادەملەرنى پارلامېنتقا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشى كانادا خەلقنىڭ خىتايغا قارىتا سەلبىي كۆز قارشىنىڭ رېكورت سەۋىيەدە يۇقىرىلىشىغا سەۋەبچى بولغان مۇھىم ئامىل.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچىمۇ كانادالىقلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي كۆز قارشى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. خىتاينىڭ ئىزچىل كانادانىڭ سايلام ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. يەنە نۇرغۇن كانادالىقلار كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى <خىتاينىڭ قول تىقىشى> مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ كانادالىقلارنىڭ خىتايغا قارشى يۈزلىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ئىشلار كانادادا تالاش-تارتىش بولۇپ، نەچچە ئاي داۋاملاشتى. مېنىڭچە، كانادالىقلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز، خىتاينىڭ كانادادىكى سايلامغا ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. خىتاي بەزى كىشىلەرنى كانادا پارلامېنت ئەزاسى قىلىپ سايلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا بەزى كىشىلەرنىڭ پارلامېنتقا سايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغرىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار يېقىندا ئاشكارىلاندى. كانادا پىرېزىدېنتى جاستىن ترۇدو خىتاينىڭ كانادادىكى سايلامغا ئارىلىشىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى خىزمەتكە تەيىنلىدى.»
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ خىتايغا قارىتا سەلبىي كۆز قارىشىنىڭ رېكورت يارىتىش دەرىجىسىدە يۇقىرىلىشى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە بۇ يۈزلىنىش ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن مۇئەييەن ئىجابىي مۇھىت يارىتىدىغان بولسىمۇ بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە بۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە قابىلىيىتىگە زور دەرىجىدە باغلىق.
پىۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە ، 24 دۆلەتتىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم كىشىلەر، بولۇپمۇ كىرىمى يۇقىرى ۋە تەرەققىي قىلغان ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايغا قارشى سەلبىي كۆز قاراشتا ئىكەن.
پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھەققىدىكى بۇ خىل سەلبىي قاراش يۈزلىنىشى غەرب دۇنياسىدا تەدرىجىي يۇقىرىلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ماھىيەتتە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى دۈشمەنلىرىنى كۆپەيتىدىغان بىر مۇھىم ئامىل، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.