ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قارمىقىدىكى 7-فلوت ۋە 13-ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «بىرلەشمە ئېكسپېدىتسىيە زەربە بېرىش ئۇرۇشى» نامىدىكى ھەربىي مانېۋىر 11-فېۋرال كۈنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «نىمىتىز» (Nimitz) ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي قىسىملىرى پاراخوت، ئايروپىلان ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى نامايان قىلغان بۇ مانېۋىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «بىزنىڭ تېررىتورىيەمىز» دەپ داۋا قىلىپ كەلگەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلۈشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ ئەمما خەلقئارا دېڭىز بوشلۇقىدا ئەركىن قاتناش ئىشلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم سۆز قىلغانلىقى مەلۇم.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر خېلى بۇرۇنلا پىلانلانغان بولۇپ، خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېلىپ چىققان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يىرىكلىكنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى مەلۇم. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «مەزكۇر رايوندا ئۆز قۇدرىتىمىزنى نامايان قىلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇش» دېيىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مانېۋىرنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئىغۋاگەرلىك، دەپ چۈشەنگەن ھەمدە تېزدىن بۇنىڭغا «خىتايچە شەكىل» دە ئىنكاس قايتۇرغان.

«فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى سەھەردە خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا پەيدا بولغان. خەۋەردە بۇلارنىڭ ئومۇمى سانى 20 دىن ئاشىدىغانلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان. تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز 18 ھەربىي ئايروپىلان ۋە 11 ھەربىي پاراخوتنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى چېگرا سىزىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى بايقىدۇق» دېگەن. كېيىنچە چېگرا سىزىقىدىن ئۆتكەن تۆت خىتاي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 13-فېۋرالدىكى ئوبزورىدا بۇ خىل يېڭى يۈزلىنىش «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقان تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىغا يېڭىدىن قوشۇلغان بىر تال چىش» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇنىڭدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ھادىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى فىلىپپىن تەۋەسىدىن ئارىيەتكە ئالغان تۆت ھەربىي بازا ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە گۇئام (Guam) ئارىلىدا بەش مىڭ ئەسكەر چارلاش بىلەن شۇغۇللىنىلايدىغان يېڭى ھەربىي بازىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ. ئوبزوردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاۋسترالىيە تەۋەسىدىنمۇ ھەربىي بازا ئېچىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاپتور بۇ ھادىسىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاينى قورشاپ ئىسكەنجىگە ئېلىش تاكتىكىسى» دەپ شەرھىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات» (CSIS) ئاقىللار مەركىزى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى گرېگورىي پولىڭ (Gregory B. Poling) ئەپەندى بۇنىڭدىكى خىتاي ئامىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى مۇنداق ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ن «بۇنىڭ جاۋابى-خىتاي. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئامېرىكا فىلىپپىندىكى بازىلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن. چۈنكى سوغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن فىلىپپىن ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئانچە زور بىر تاشقى تەھدىتمۇ قالمىغانىدى. ئەمما ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاي ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۆپلىگەن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل تەھدىتنى، شۇنىڭدەك بۇ تەھدىتنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۆزىمىزنى قوغدايمىز دېسەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشىمىز لازىم ئىكەن، دەپ ئويلاشقا باشلىدى».

بۇ خىل پىكىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاستىن (Lloyd Austin) نىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيەدىكى زىيارىتىدە سۆزلىگەن سۆزلىرىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. ئۇ شۇ قېتىم «خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى، جۈملىدىن تەيۋەن ئەتراپىدىكى خەتەرلىك ۋە تەھدىتلىك پائالىيەتلىرى تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە، شۇنىڭدەك جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرگە قارىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە رايون تىنچلىقىغا ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت بولۇۋاتىدۇ» دېگەنىدى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىكى سۆھبەتنىڭ بىرنەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشىنى تەخمىن قىلىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن يەردىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايوندا مۇستەھكەم پۇت تىرىگەن ھالدا پەيدا بولۇشى ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىدە كونكرېت قەدەملەرنىڭ ئېلىنىۋاتقانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت ھېسابلىنىدۇ.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر نۇقتا ئامېرىكا تەسىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا تېخىمۇ زور كۆلەمدە كېڭەيتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى زومىگەرلىك تەبىئىتى ئىزچىل ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر رايوندا ئامېرىكا تەسىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەربىي كۆلەمدە كېڭەيتىلىشى ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ئالقىشلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان بىردىن-بىر دۆلەت خىتاي بولۇپ قالغان. ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېيلىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كارل سايېر «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» گە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ ھال بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتا ھەربىي جەھەتتىن قول تىقىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئامېرىكا بىر ياقتىن خىتاي تەھدىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتىدۇ، يەنە بىر ياقتىن ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىغا ‹سىلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىڭلار پولاتتەك مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە› دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزەلەيدۇ» دەيدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا گرېگورىي پولىڭ ئەپەندى بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە «كونا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ يېڭىدىن تۆرىلىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
«مېنىڭچە بۇنىڭ جاۋابىمۇ خىتاي. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ بۇنى ‹ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ خىتاينى قورشاپ ئىسكەنجىگە ئېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى› دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاسىيا قىتئەسىدە قىلغان ھەممىلا ئىش ‹خىتاينى قورشاپ ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە مۇقىمسىزلىققا گىرىپتار قىلىش ئۇرۇنۇشى› دەپ قارىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ‹ئۇنتۇپ قالىدىغان› بىر نۇقتا خىتاينىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدۇر. ئۇلار ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندا قانداق ناچارلىقلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ. ئەمدى ئۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك مېنىڭچە ھەر ئىككى تەرەپ ھازىرچە ئۇرۇش باشلاشقا قىزىقمايدۇ. ئۇرۇش بولغان ھالەتتىمۇ بۇ تاسادىپىي ھەرىكەتلەر ياكى ئۇقۇشماسلىقلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. خىتاي ھازىر ھەممىدىنمۇ بەكرەك قىزىقىۋاتقان تېما ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، شۇنىڭدەك مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى قوشنىلىرىنى بوزەك قىلىپ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سىستېمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا قىزىقىۋاتقان مەسىلە بولسا بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇلارغا چۈشۈۋاتقان بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھېچقايسى تەرەپ ھەربىي كۈچلەر توقۇنۇشى بولۇشنى خالىمايدۇ».
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەسىرىنىڭ بۇ يوسۇندا پەيدا بولۇشى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەربىي بازا مەسىلىسىدە بۇنچە تېز بىر پىكىرگە كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ ھوشيارلىققا ئۆتكەن. شۇنداقلا تېزدىن ئامېرىكا تەرەپنى «رايون بىخەتەرلىكىدە جىددىيلىك پەيدا قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن كوللىن كوخ (Collin Koh) ئامېرىكا تەسىرىنىڭ بۇ يوسۇندا ئېشىپ مېڭىشىنى «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى مىقياسىدا خىتاينى ئوراپ ئىسكەنجىگە ئېلىشى، دەپ قاراشقا بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل خۇلاسىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەزى ئىنكاسلىرى بىلەنمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا ماس كېلىدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق پىلان نۇتقىدا ئېنىق قىلىپ: «خاتالاشماڭ: ئۆتكەن ھەپتە بىز ئېنىق تەكىتلىگەندەك ئەگەر خىتاي بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا تەھدىت سالىدىكەن بىز دۆلىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىمىز. بىز بۇنى قىلدۇق» دەپ كۆرسەتكەنىدى.
