ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرلىرى يەنىمۇ كۆپ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتايدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.03.19
Mike-Gallagher-Raja-Krishnamoorthi «ئامېرىكالىقلارنى تاشقى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى تور مۇلازىمىتىدىن قوغداش» قانۇن لايىھەسى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) ۋە ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) ئەپەندىلەر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 6-مارت ۋاشىنگتون.
YouTube/The Select Committee on the CCP

ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى يېقىندا خىتاينىڭ ھالقىلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان ئامېرىكالىق تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى ھەققىدە 68 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغانىدى. بۇ دوكلاتتا، ئامېرىكادىكى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ (چىپ) تېخنىكىسى ۋە باشقا ساھەلەردىكى شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ شىركەتلەرگە سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ئاقىۋەتتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كۈچلىنىشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قولايلاشتۇرغانلىقى پاكىتلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

يېقىندا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەم شۇنداقلا ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ سەلبىيلىشىشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر ئەمدى بارا-بارا خىتايدىن چېكىنىپ چىقماقتىكەن.

 «تېخنىكا سىياسىتى مەپكۇرىسى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن قارىغاندا، سېكۇئايا كاپىتال، ۋالدىن خەلقئارا شىركىتى، كۇئالكام ھەسسىدارلىق شىركىتى، GSR ھەسسىدارلىق شىركىتى، GGV كاپىتال قاتارلىق شىركەتلەر ئىلگىرى خىتايغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەر ئىچىدىكى پەقەت بەشى بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكىGGV كاپىتال شىركىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ كۇڭشى (Megvii) تېخنىكا شىركىتىگە مەبلەغ سالغان. كۇڭشى تېخنىكا شىركىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 2-ئايدا قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەت ئىدى. دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ دوكلاتىدىن كېيىن، GGVكاپىتال شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىتاي شىركىتىگە سالغان مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما كۇڭشى شىركىتىگە ئائىت ھەسسىلەرنى سېتىپ چىقىرىشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ھازىر نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمىغاچقا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەسسىلىرىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقمايدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق سىياسىي قارارلار بىلەن ئىقتىسادنى باشقۇرۇشى سەۋەب بولغان ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزگە پېتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى نىشانلايدىغان زومىگەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرماقتىكەن.

ئامېرىكا راند تەتقىقات مەركىزىدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى رايموند كونىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشقا باشلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

 «ئىقتىسادتا ئىشەنچ ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، مەبلەغ سالغۇچىلار ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشى، مۇقىم ۋە تۇراقلىق ئىقتىسادىي مۇھىتقا ئىشىنىشى كېرەك. ئۇلار سالغان مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە مىكرو ئۆزەك ساھەسىدىكى يۇقىرى تېخنىكا ئۇرۇشى ۋە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتنى چىقىش قىلغان خاتا تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەلىرى ھەممىسى بىرلىكتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولدى».

 «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2023-يىلى ئىچىدە چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ پېيىغا سالغان ساپ مەبلىغى %87 تۆۋەنلەپ، 30 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە چۈشۈپ قالغان؛ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار تەخمىنەن 29 مىليارد دوللار مەبلىغىنى خىتاي پاي بازىرىدىن چىقىرىۋالغان.

بۇندىن باشقا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى 17 پىرسەنت ئازايغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ 2023-يىلى خىتايدىن سېتىۋالغان ئومۇمى مەھسۇلاتى427 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ، 20 پىرسەنتتىن ئارتۇقراق تۆۋەنلىگەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ خىتايغا ساتقان مەھسۇلاتىمۇ ئىلگىرىكىدىن 4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا باجلىرى ھەمدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.

رايموند كونىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

 «ئىچكى جەھەتتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم خەلقئارادىكى چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى› رامكىسىدىكى بەزى زور ھەجىملىك قۇرۇلۇشلار 2018-يىلىلا توختاپ بولغان. مەن خىتايدا يەنە كىمنىڭ قانچىلىك مۈلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان سايە بانكا سىستېمىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئىشسىزلىق داۋاملىق ئېغىرلىشىدۇ دەپ قارايمەن. ئەمدى خەلقئاراغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇندىن كېيىن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ، شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش ھادىسىلىرى داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭىدۇ. ئۇلار بەلكىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، مېكسىكا ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش يېڭى مەنزىللەرگە قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن» .

دەرۋەقە، ئامېرىكا مەبلىغىنى خىتاي شىركەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرگە ئېقىشىنى توسۇش نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى ئەڭ كۆپ تەكىتلەۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادىكى شىركەتلەرگە چاقىرىق قىلىش، ئۇلارنىڭ خىتايغا سالغان مەبلەغلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، كىرىمنى جىلغىسىغا ئورۇنلاشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بىرمۇبىر زىيارەت قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكالىقلارنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىت ئورۇنلارغا مەبلەغ سالماسلىققا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بىلىپ-بىلمەي شېرىك بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ بايتدەنس شىركىتىگە تەۋە تىك-توك ئەپىنى چەكلەش ھەرىكىتىمۇ ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭ خىتاي تەھدىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە چوڭقۇرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم تەرەققىيات، دەپ قارالغانىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئويغىنىشىدا ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقمىغان. روشەن خانىم بۇنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش يولىدا كۆرسىتىلگەن خىزمەتلەر، بېرىلگەن گۇۋاھلىقلار ۋە لاگېرلارغا قامالغان شۇ ئۇيغۇرلار تۆلىگەن بەدەللەرنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئىقتىسادى ئاجىزلاشقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.