ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر. ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر. ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

لاگېرلار مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلەشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئاتالمىش «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەن» بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېردىن ھېچقانچە پەرق قىلمايدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولدى.

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا ئائىت ئىسپاتلارنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، غەرب دۇنياسىدىمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، زور تۇتقۇن ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىنى بۇنىڭ بىر مىسالى، دېيىشكە بولىدۇ. 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرىن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا لاگىرلارنى شىددەت بىلەن كېڭەيتىپ، ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇنغا ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقىنى، لاگېر سىرتىدىكى بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بەزىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەسۋىرلىسە، يەنە بەزىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك، ھازىر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلاردىن بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئاللىقاچان كوللېكتىپ يوسۇندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ دەل مۇشۇ مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. 

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خادىمى دوكتۇر ئادريان زېنز ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ھۆججەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى ئاساسىدا غايەت زور ساندىكى ساقچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ۋە نازارەت مېخانىزمى ئورنىتىشنى تاماملىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نىڭ كېيىنكى قەدىمى سۈپتىىدە «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» نى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا «تەربىيەلەش» كە توپلانغان ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلاشقان زاۋۇتلار ۋە يېزا-كەنتلەردىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرگە ئېلىپ كېتىپ، ئاياللارنىمۇ بۇ خىل ئەمگەكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى زۇلۇم ۋە كونتروللۇقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق توقۇمىچىلىق بازىسىنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بەرپا قىلىش ئارقىلىق خىتايدىكى پاختا زاپىسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار دىيارىنى ھەم خام ئەشيا ھەم مەھسۇلات بازىسى قىلىپ چىققانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا لاگىرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مۇشۇ زور سانائەت بازىسىغا لازىملىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. 

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا نيو يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل پوسنېر ۋە «خەلقئارا ئىستراتېگىيە مەركىزى» نىڭ خادىمى ئەمىي لېرمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇلار ئاساسلىقى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە پۈتۈپ چىقىۋاتقان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەمدە بۇلارنى بايقۇت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالدى. بولۇپمۇ يېقىندا «كوسكو» شىركىتىنىڭ خوتەندىكى تەيدا گۇرۇھى ئىشلىگەن بالىلار كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىشى، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى ئاشۇ زۇلۇمغا شېرىك بولۇشقا باراۋەر ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 

گۇۋاھلىقتىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ياكى سىياسىي مەقسەدنى كۆزلىگەنلىكى دېگەندەك تېمىلار بويىچە بىر قاتار سوئاللارنى سورىدى. 

يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىىتنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت