ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ خىتايغا تايىنىشى بىھاجەت

0:00 / 0:00

شۇ ئەسنادا BBC ئۆزبېك قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە تايىنىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو C5+1 مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستانغا يىتىپ بارغان.

مايك پومپېيو قازاقىستان زىيارىتىدە سۆز قىلىپ: «دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى لاگېرغا قامىغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ئېتنىك قازاقلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئىلىپ باردۇق. بۇ زۇلۇمنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىزگە قېتىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدىمۇ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك خىتايدا لاگېرلارغا سولانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ جىنايىتىگە قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مايك پومپېيونىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا مەزكۇر رايوندىكى ئەللەرنى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي خىتاينىڭ نارازىلىقىنىمۇ قوزغىغان ئىدى.

خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى مايك پومپېيونىڭ زىيارىتىگە قارىشى ئېلان قىلغان باياناتىدا مايك پومپېيونىڭ «خىتايغا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئارىلىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم مەزكۇر تېما ئۈستىدە BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ بۇنچە خاتىرجەمسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋىتى ئون نەچچە يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بىز ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىمىز. مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق تەرەپنى تاللايدۇ. ئامېرىكا پەقەت ھەممە تەرەپلەرگە ياخشى بولۇشنى خالايدۇ.»

مورگان ئورتاگۇس خانىم ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلماقتا. بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، چېگرا بىخەتەرلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، مەركىزىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز سىلەرنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە تايىنىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكا سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا. سىلەر مۇستەقىللىق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكۈڭلارنى كاپالەتلەندۈرۈڭلار. بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرىمىز. مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشىدۇ، دەپ قارايمەن.»

بۇ ھەقتە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قاراشلىرىمۇ مورگان خانىمنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئامېرىكانىڭ يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يېڭى سىياسەتنىڭ ئاساسى قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي مۇستەقىل بولۇشى، گۈللىنىشى ۋە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش. بۇ پىلاننىڭ نىشانلىرى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى كۈچلەندۈرۈش. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى يوقىتىش، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى قوغداش. ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئافغانىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ئافغانىستاننىڭ قانۇن جەھەتتىكى ئىسلاھاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سىلىشىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشى كۈچەيتسە، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن خىتايغا بېقىنىش ھالىتىدىن قۇتۇلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

مورگان خانىم يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە BBC غا قىلغان سۆزلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا تايىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ھەتتا دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا مىليونلىغان ئىنسانلارنى لاگېرغا قاماشتەك ئېغىر زۇلۇم مەسىلىسىگە خىتاي كومپارتىيەسى جاۋابكار، دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا دىنىي زاتلار بىلەن ئۇچراشتۇق ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتايدا لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. پۈتۈن دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەك، ئامېرىكا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىدۇ. ھېچكىم دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك لاگېرغا ياكى تۈرمىلەرگە تاشلانماسلىقى كېرەك، بۇنىڭغا خىتاي كومپارتىيەسى جاۋابكار، ئەلۋەتتە.»

ئۇنداقتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتىدىكى ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتايغا قارشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ھەر تەرەپتىن قىستىشىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رولى بەك مۇھىم. ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەگەر كۈچلەندۈرەلمىسە يەنە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچ تالىشىشىدىمۇ زىددىيەت چىقىشى مۇمكىن، بۇ زىددىيەتمۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان C5+1 دىيالوگى مۇنبىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق 5 دۆلەت ۋە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەزكۇر مۇنبەرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى 2015-يىلى نويابىردا ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئېچىلغان. شۇندىن بېرى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر يىغىن بۇ يىل 3-فېۋرال ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئېچىلغان ئىدى.