ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى نېمىدىن بېشارەت بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن 27-سېنتەبىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا تۈزۈلگەن «C5+1» مۇنبىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە تىنچ ئوتتۇرا ئاسىيا بەرپا قىلىشنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەمكارلىق قەدىمىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان كان مەھسۇلاتلىرىدىن يىراقلىشىشىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، بىلىنكىن نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېچىلغان 79-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كىشى ئەسناسىدا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېلىكىن 2023-يىلى 19-سېنتەبىر تۇنجى ئېچىلغان ‹C5 + 1› پىرېزىدېنتلار ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئۆز ئارا بېرىشكەن ۋەدىلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە ‹پىرېزىدېنتلار ئۇچرىشىشى نيۇ-يورك خىتابنامىسى› ، جۈملىدىن ‹C5 + 1ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار دىيالوگى› نى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاشۇ ئابىدە خاراكتېرلىك پۇرسەتتىن بۇيان تاشلانغان مۇھىم قەدەملەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. »

مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكىن بۇ قېتىملىق يىغىندا، «C5+1» مۇنبىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە يەر شارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا رايون خاراكتېرلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دەرۋەقە، نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ رۇسىيە ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم ئۆتكەلگە ئايلانغان، خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى «قەرز تۇزىقى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىر كۈچىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن دىققەت قوزغايدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 27-سېنتەبىر كۈنى، نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ «C5+1» يىغىنىدا، «ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسىدۇر» دەپ ئېيتقان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 27-سېنتەبىر كۈنى، نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ «C5+1» يىغىنىدا، «ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسىدۇر» دەپ ئېيتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل سېنتەبىر نيۇ-يورك شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن تۇنجى قېتىملىق ‹C5 + 1ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار دىيالوگى› ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئەنە شۇ «C5+1» دىيالوگى ئاساسىدا ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسىگە ئىمزا قويغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىي شاجىۋىسكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ بىلەن ئاسىيا كان مەھسۇلاتلىرى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن يىراق تۇرۇش تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرى مەنبەسىنى تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇپ كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇڭا، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى تىجارىتىگە ئەلۋەتتە مەلۇم ئەكس تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، يەنى، خىتاي بۇرۇنقىدەك ھەددىدىن ئاشالمايدۇ دەپ قارايمەن. ئەمما، بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ گېئو-سىياسىي تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى باشقا دۆلەتلەر كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن يەنىلا خىتايغا تايىنىشنى خالايدۇ. ئەمما تەمىنلەش زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغانلىقتىن، ئامېرىكا بۇ يەردە ھەمكارلاشقۇچىلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا قاراتتى، ئەلۋەتتە.»

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن سودا-تىجارەت ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بەزى ئانالىزلارغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى مەزكۇر رايوندا ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتاينى بىئارام قىلىدىكەن.

ئامېرىكادىكى راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور رېيموند كونىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆز كۈچىنى ئىشلىتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مەسىلەن ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلارنىڭ بۇ ھەمكارلىقى سودا مۇناسىۋىتىنى قانداق يۈرگۈزۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، خىتاي نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا قاراپ تۇرمايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى توسىيالمايدۇ. لېكىن خىتاي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. »

ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيە ئەللىرىگە بېرىدىغان ياردىمى، خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى كېمەيتىپلا قالماي مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىرىنىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلى 19-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسى بىلەن نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «C5+1» ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر يىغىن ئاخىرىدا ‹پىرېزىدېنتلار ئۇچرىشىشى نيۇ-يورك خىتابنامىسى› ئېلان قىلىنغان ئىدى.