ئانالىزچىلار: «ئامېرىكىنىڭ يېڭى قارارى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ»

0:00 / 0:00

13-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېتىدىكى «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز» دېگەن باياناتنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئىككى تەرەپ، يەنى تەيۋەن ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە تونۇلۇش ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدىكەن.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى باياناتىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ؟ بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ئۆزگەرتىشكە خىتاي ۋە تەيۋەننىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالغان بۇ يېڭى قارارى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى خىتابنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز دېگەن پىكرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. ئىككىنچىدىن، ئىككى تەرەپ، يەنى تەيۋەن ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى قىلىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ، يەنى تەيۋەن ۋە خىتاينىڭ ‹چوڭ خىتاي دۆلىتى› نىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ ئەمدى بۇنداق ھېس قىلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. بىز باياناتىمىزدا يەنە خىتاي تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ياكى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەكچى بولغان ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى بار، دېگەن قاراشنى قايتا تەكىتلىدۇق» .

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى» ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كېلىپ «بىر خىتاي» رامكىسىنى قوللىمىغان 2016-يىلدىن باشلاپ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىي ۋە ھەربىي بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاينىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق ئىشغال قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلمەكتە. دەرۋەقە تەيۋەن يېقىنقى يىللاردا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە باشقا ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا، ساغلاملىق، مائارىپ ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ساھەلىرىدە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ھەمراھىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم. تەيۋەننىڭ ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئامېرىكا ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۇن (Guo Jiakun) بۇ ھەقتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بۇ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرگە خاتا ۋە جىددىي سىگنال بېرىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىن پايدىلىنىپ خىتاينى كونترول قىلىشتىكى خاتا سىياسىتىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى. بىز ئامېرىكىنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

خىتاي ئىزچىل تۈردە دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى تەيۋەن خەلقى ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭلا تەيۋەننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى» نى بۇنىڭغا قارشى كوزىر سۈپىتىدە بازارغا سېلىۋاتىدۇ، دەپ قارالماقتا.

ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۇننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭ (ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى) غايەت زور ئەھمىيىتى بار، چۈنكى بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى داۋاملىق قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەيۋەننى ئىشغال قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق تاشقى سىياسەت نىشانىدۇر. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باسقان بۇ قەدىمى خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ ھەمدە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە تونۇلۇپ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئامېرىكا (ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن) تەيۋەندىن پايدىلىنىۋاتقىنى يوق. ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلار ئۈچۈن ئەركىنلىك ئۈلگىسى بولۇشىنى قوللايدۇ».

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋە تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى ستىفېن ۋالتنىڭ قارىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى سىياسىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ ۋەدە بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېڭى ھۆكۈمەت دۇنيانىڭ ئىختىلاپلىرىغا ئازراق ئارىلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دۆلەت مەنپەئەتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئۆزگىرىشچان مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، يېڭى ھۆكۈمەت ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۇن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكىنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ‹بىر خىتاي سىياسىتى› گە سادىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ بۇ يېڭى قارارى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۇننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالغان بۇ يېڭى قەدەم، يەنى ئۆزگەرتىشنىڭ غايەت زور ئەھمىيىتى بار. بۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى. خىتاي تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىنلا ئەنسىرىمەيدۇ. خىتاي يەنە ئامېرىكا بىلەن جىددىي بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پاتىقىغا كېرىپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر تالاش-تارتىشلىرى ئىككى تەرەپ (تەيۋەن ۋە خىتاي) ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ نازۇك ھالقىلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىن چىيالاڭ (Lin Chia-lung) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ‹ئاكتىپ ۋە دوستانە› يېڭىلىنىشىنى، يەنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قەدىمىنى ‹تەيۋەن-ئامېرىكا ئارىسىدىكى يېقىن ۋە دوستانە مۇناسىۋەت› نىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە قارشى ئالىمىز. بىز ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى قوللىغانلىقى ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيەسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ساقلىنىشى، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، سودا-تېخنىكا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەننىڭ خەلقئارا ساھەدىكى ئورنىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللىشى ۋە بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز».

يېقىنقى يىللاردا تەيۋەن بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «بۆلگۈنچى» دەپ قارىغان لەي چىڭدېنىڭ 2024-يىل تەيۋەن پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان بېسىمى ۋە ھەربىي تەھدىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز» دېگەن باياناتنى ئۆچۈرۈۋېتىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ دەپ قارالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تەيۋەن مەسىلىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ سەزگۈر نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.