ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى مۇزاكىرىگە قويۇلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.02.14
Young-Kim ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون
RFA/Sintash

13- فېۋرال كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) خانىم تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان H.R.2766–نومۇرلۇق «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ۋە ھەمدە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ناتانىيل موران (Nathaniel Moran) ئەپەندى تونۇشتۇرغان H.R.4039-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئامېرىكا مەبلىغىدىن خالىي قىلىش قانۇنى لايىھەسى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىلىرى مۇزاكىرىگە قويۇلغان.

مۇزاكىرە يىغىندا، ياڭ كىم خانىم «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» نى رەسمىي قانۇن قىلىپ چىقىشنىڭ تەقەززاسى ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ بۇ لايىھەنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قانۇنلاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«بۇ قانۇن لايىھەسى ھەل قىلغۇچ بىر پەيتتە تۇرماقتا. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھازىر شىنجاڭنى قانداقتۇر تىجارەت ۋە ساياھەت مەركىزىدەك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا  قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ…»

ياڭ كىم خانىم تونۇشتۇرغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» (Uyghur Policy Act of 2023) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ماسلاشتۇرغۇچى بېكىتىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قوللىنىدىغان ئىستراتېگىيە بېكىتىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىش؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تونۇتۇش - تەشۋىقات پىروگراممىلىرىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى كىرگۈزۈپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە سۆزلەشكە شارائىت ھازىرلاش؛ ئامېرىكا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىش، ئامېرىكانىڭ خىتاي، تۈركىيە ۋە باشقا ئۇيغۇر دىياسپوراسى نوپۇسى كۆپرەك دۆلەتلەردىكى كونسۇلخانىلىرىدا كەم دېگەندە بىر ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان دىپلوماتىيە خادىمى تەقسىم قىلىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياڭ كىم خانىم سۆزىدە، بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى قىلىۋاتقان كۆرۈشىدە ئۇلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ھەم سۆزى ھەم ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن.

ئارقىدىن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار  پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى كەسىي مەننىڭ (Kathy Manning)  خانىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قانۇننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭمۇ بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ خەلقئارا جىنايەت ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە يەكۈن چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ قويماسلىقى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كەسىي مەننىڭ خانىم دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» قوللاشقا چاقىرىپ: «بۇ قانۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان قوللىشىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىشلىرىدا يېتەكچى رول ئوينىشىغا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولىدۇ» دېدى.

13- فېۋرال كۈنىدىكى ئاۋام پالاتا مۇزاكىرە يىغىنىدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تۇنجى قېتىم 2023- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئامېرىكا مەبلىغىدىن خالىي قىلىش قانۇنى لايىھەسى» (No Dollars To Uyghur Forced Labor) نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى مۇزاكىرىگە قويۇلدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاپتورى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ناتانىيل موران ئەپەندىمۇ يىغىندا قانۇن لايىھەسىنى ياقىلىدى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە 100 مىڭدەك ئۇيغۇرنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا بۇ ۋەھشىيلىككە ھەرگىز چېتىلىپ قالماسلىقى لازىم، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئامېرىكا مەبلىغىدىن خالىي قىلىش قانۇنى لايىھەسى› مانا بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.

« ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئامېرىكا مەبلىغىدىن خالىي قىلىش قانۇنى لايىھەسى» 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ماقۇللانغانىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنى (U. S. Agency for International Development) نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق تاۋارلارنى ئىشلىتىدىغان سىياسەت، پىروگرامما ياكى توختاملارغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەيدىكەن. بۇ چەكلىمە رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ياكى بۇ تاۋارلارنى خام ئەشيا قىلغان ئورۇنلارنى، مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرنى ئىشلەتكەنلەر، ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرنى توشۇغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تېكساس شىتاتىدىن بولغان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ناتانىيل موران ئەپەندى يىغىندىكى سۆزىدە «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، خىتاي زېمىنىنىڭ 6/1  قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ زېمىننىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق پاختا، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز مەنبەسى شۇنداقلا خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە ئىقتىسادىي تەسىر كۆرسىتىش تەدبىرى بولغان ‹بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى› نىڭمۇ يادروسى ئىكەنلىكى» نى  تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان لاگېر، مەجبۇرىي ئەمگەك، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت، گېن ئۇچۇرىنى يىغىش، تۇغماس قىلىش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلىرىنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا چوقۇم خەلقئارالىق سەھنىدە كۈچلۈك تۇرۇشى كېرەك. بىز مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۈچىيىشى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقانلار كەلگۈسىدە خىتاينىڭ قەدىمى تەككەن ھەرقانداق يەردە يۈز بېرىدۇ. ئامېرىكا ئەخلاق ۋە ياخشىلىقنىڭ ھەمدە ئەركىنلىكنىڭ تەرەپدارى بولۇشىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن ئۆزىنىڭ قانۇن لايىھەسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم ۋە كەسىي مەننىڭ خانىم ھەر ئىككىسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ قانۇننى قوللاپ سۆز قىلدى.

13- فېۋرال كۈنىدىكى مۇزاكىرە يىغىنىدا يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىش قوبۇل قىلىنىپ ماقۇللانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.