سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نېكسون 1972-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتنىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەينى چاغدا مەزكۇر زىيارەتكە شاھىت بولغان دىپلومات ۋىنستون لورد (Winston Lord) ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ۋىنستون لورد 1971-يىل 7-ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ھېنرى كېسسىنگېر (Henry Kissenger) گە ھەمراھ بولۇپ، بۇ زىيارەتنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولۇپ، 1985-يىلدىن 1989-يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئۇ مۇخبىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە شۇ قېتىملىق تارىخىي ئۇچرىشىشنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ 50 يىللىق مۇناسىۋىتىگە باھا بەرگەن.
ۋېنستون لوردنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبچى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىكەن. ئۇ دۆلەت ئىچىدە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەت سىرتىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان؛ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوشنىلىرىغا تەھدىت سالغان، ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلغان، ئۇيغۇرلارغا قەبىھ زىيانكەشلىك قىلغان، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرغان؛ خىتاي يەنە ئامېرىكانى قايرىپ قويۇپ، ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى ۋە پۈتۈن دۇنياغا كۈچ كۆرسىتىشكە ئاتلانغان.
ۋىنستون لورد خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي رۇسىيەنىڭ ئوكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن گاڭگىراپ قالدى. رۇسلار 1969-يىل خىتايغىمۇ ھۇجۇم قىلغانىدى. شۈبھىسىزكى، خىتاي ھازىر غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەگە قىلىۋاتقان بېسىمىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئاجىز كەلدۇق، شۇڭا خىتاي بىزنىمۇ ئىشەنچسىز دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە، ئۇكرائىنادا نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي تەيۋەنگە ئالدىراپ ھۇجۇم قىلمايدۇ، چۈنكى خەتىرى بەك چوڭ، ئەگەر خىتاي بۇنىڭدا مەغلۇپ بولسا، شى جىنپىڭنىڭ تەختى غۇلايدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ئامېرىكا ئارىلاشسا، ھەربىي جەھەتتىن بۇنىڭ خەتىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ».
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئالدىدىلا خىتاي بىلەن سوۋېتنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ بولغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي سوۋېتقا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلغان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى دەپ ئىدىئولوگىيەلىك ئىختىلاپنى بىر مەزگىل قايرىپ قويغان بولسىمۇ، خىتاي ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن كۈچلىنىۋالغاندىن كېيىن بۇ ئىختىلاپنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئامېرىكىغا قارشى مەيدانغا ئۆتكەن.
سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈن ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەڭ يامان نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن بىۋاسىتە ياردەم بېرىشى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا كەسكىن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغاندەك قىلىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنى خەلقئارا سىستېمىغا ئېلىپ كىرىشنى ئۈمىد قىلىپ، خېلى ئىزدىنىپ باقتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ رەزىللىشىپ كەتتى. خىتاي رەھبەرلىرى قوشنا دۆلەتلەرگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، ئۆز خەلقىنى باستۇردى، ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى».
يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «مانا بۇ، نېكسون قورققان خىتاي-رۇسىيە دوستلۇقى» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«نېكسوننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغىنىغا 50 يىل بولغان بۇ كۈندە بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە دىپلوماتلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاقىلانىلىك بولمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا باشلىدى، نېكسوننىڭمۇ بۇ ئىستراتېگىيەگە قايتا باھا بەرگىنىدە مۇرەككەپ ھېسسىياتقا كەلگەنلىكى، ھەتتا بىر ئاز پۇشايمان قىلغانلىقى مەلۇم. رۇسىيە ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكاغا تەھدىت پەيدا قىلسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكانىڭ رىقابەتچىسى بولالمايدۇ. ئەمما خىتاي بۇ ئەسىردە ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا خىرىس پەيدا قىلماقتا».
ئاپتور فاراھ ستوكمان (Farah Stockman) نىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى «ئامېرىكانىڭ ياردىمى بولمىغان بولسىمۇ، خىتاي بەرىبىر تەرەققىي قىلاتتى؛ خىتاي رەقىب ئەمەس، بەلكى ياخشى ھەمكارلاشقۇچى» دەپ ئويلايدىكەن. يىللاردىن بېرى بۇ سىياسەتچىلەر خىتاي بىلەن سودا قىلىشنىڭ پايدىسىغا بېرىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ خەتىرىگە سەل قارىغان. «خىتاي ئەركىن بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرسا دېموكراتىيەگە قاراپ يۈزلىنىدۇ» دەپ خاتا ئويلىۋالغان. كۆپلىگەن ئامېرىكا كارخانىچىلىرى خىتايدىن مەنپەئەت ئالغان، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىغا كۆنۈپ قالغان؛ ئەمما ئامېرىكالىق كارخانىچىلار زاۋۇتلىرىنى خىتايغا يۆتكەپ كەتكەچكە، ئامېرىكالىق ئىشچىلار ئىشسىز قالغان؛ يەنە كېلىپ، ئامېرىكا ئۆتكەن 20 يىلدا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، خىتايدەك يوشۇرۇن ئاپەتكە سەل قارىغان. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىدا تۇتقان ئورنى ۋە خەتىرى نېكسوننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشكەن. خىتاي رۇسىيەنى قوللاپ، ناتونىڭ كېڭىيىشىنى توسىماقچى بولغان؛ رۇسىيەمۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان «ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى» نى قوللىماقچى بولغان؛ ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئاكىسى بولغان بولسا، بۇ قېتىم رۇسىيە «خىتاي ئاكىسى» دىن مەدەت ئېلىپ، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان. ئىككى مۇستەبىتنىڭ بۇنداق ھەمكارلىشىپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ئامېرىكا بىلەن غەربىي ياۋروپا ئۇلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل پايدىسىز بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە خاتا يولغا، ھالاكەت يولىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى كۆرەڭلىكى ۋە جاھىللىقى ھەممىگە ئايان بولدى. كۆپلىگەن كىشىلەر شۇنى ھېس قىلدىكى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار چوقۇم بىرلىشىشى كېرەك، خىتاي ئەمدى ئىسلاھ قىلغىلى بولمايدىغان دۆلەتكە ئايلاندى، شۇڭا ئۇلارنىڭ (خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ) خىتاي ھاكىمىيىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا دۇنيانىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدا ھۆرمەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، جاھان ئەھلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە بولغان بىر دۆلەتنىڭ (يەنى خىتاينىڭ) يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، دۇنيانىڭ تەقدىرى بىزنىڭ بۇ مۇستەبىت دۆلەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەمىز ۋە ھەرىكىتىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئامېرىكالىقلار چوقۇم ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە بىر يولدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغدىشى كېرەك».