راند تەتقىقات مەركىزى «ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى ھەربىي نەزەرىيەسى» نى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.03.04
amerika-manewir-janubiy-dengiz-Awiamatka-ayropilan-2.jpg MH-60S Sea Hawk تىك ئۇچار ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىزدىكى USS Nimitz ئاۋىئاماتكىسىغا قوندى. 2023-يىلى 12-فېۋرال.
AP

2024-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكادىكى ئەڭ مۇھىم ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «راند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» (RAND Corporation) «ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ھەربىي نەزەرىيەسى» (U.S. Military Theories of Victory for a War with the People's Republic of China) ناملىق يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتتا، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان تەيۋەن ئىشغالىيىتىگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىش نەزەرىيەسى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. دوكلاتتا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زور ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش مەسىلىسىنى ئالدىن مۇزاكىرە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. كېيىنكى قەدەمدە، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ قارار چىقارغۇچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بەش نۇقتىلىق غەلىبە قىلىش نەزەرىيەسى خۇلاسىلەپ كۆرسىتىلگەن. ئاندىن بۇ نەزەرىيەلەرنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ئەھۋالى، ھەر بىر نەزەرىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا «ئىنكار قىلىش» نەزەرىيەسى (يەنى «دۈشمەن» نى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېگەن چۈشەنچىگە كەلتۈرۈش) ۋە ھەربىي خىراجەتنى ئارتقۇزۇش نەزەرىيەسى (يەنى ھەربىي قۇۋۋىتىنى كۈچلۈك كۆرسىتىپ «دۈشمەن» نى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش) تىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىغىلى بولىدىغان ئىككى نەزەرىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئېھتىمالى تەھلىل قىلىنغان.

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن(Tsai Ing-wen) ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 22-فېۋرال، تەيبېي، تەيۋەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن(Tsai Ing-wen) ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 22-فېۋرال، تەيبېي، تەيۋەن.
AP

بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت تەتقىقاتچىسى ۋە سىياسىي ئانالىزچى جاكوب خېيم (Jacob Heim) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىزنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ يوشۇرۇن نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىدۇ. ئامېرىكا خىتاي بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا بۇ (نەزەرىيە) نى ئىشلىتىشى مۇمكىن. غەلىبە قىلىش نەزەرىيەسى، بىر تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى شەرھىلەيدىغان ھېكايىدۇر. بۇ دوكلاتتا ھەربىي جەھەتتىن غەلىبە نەزەرىيەسىگە ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىلگەن. ھەربىي غەلىبە نەزەرىيەسى نېمە دېگەندە، ئارمىيەنىڭ قانداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇرۇشنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ھەربىي ئىستراتېگىيەلەر تېخىمۇ تەپسىلىي بولىدۇ. ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئىنچىكە نۇقتىلار بار، ھەربىي غەلىبە قىلىش نەزەرىيىسى ئەمەلىيەتتە ئارمىيەنىڭ سىياسىي مەقسەتنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىخچام ھېكايىدۇر. شۇڭا دوكلاتنىڭ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ نەزەرىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش. ئامېرىكا بۇ خىل غەلىبە قىلىش نەزەرىيەسىنى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئاندىن بىز بۇ دوكلاتتا يەنە ئوخشىمىغان غەلىبە نەزەرىيەسى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللار ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالدۇق. بىز دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسە ۋە تەھلىل خاراكتېرلىك ھۆكۈملەرنى يىغىنچاقلىدۇق. ئامېرىكانى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بۇ ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يول ۋە نەزەرىيەسى بىلەن تەمىنلىدۇق. شۇنداقلا ئاپەتنىڭ كېڭىيىش خەۋپىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇشتىكى ئەڭ ياخشى غەلىبە قىلىش نەزەرىيەسى ھېسابلانغان ‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسى بىلەن تەمىنلىدۇق. ئىنكار قىلىش نەزەرىيەسى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، رەقىبىنى ھەربىي جەھەتتىن چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا ئالدىن ئىشەندۈرۈش تاكتىكىسىدۇر. ئۇلارغا ھەربىي جەھەتتە ئۆزلىرى ئويلىغان مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلدۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر.»

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن(Tsai Ing-wen) ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) قاتارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، تەيبېي، تەيۋەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن(Tsai Ing-wen) ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) قاتارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، تەيبېي، تەيۋەن.
AP

دوكلاتتا ئەڭ مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن تەيۋەن توغرىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئارتقۇزۇش ئۈچۈن، بىر قاتار يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە ھەربىي نەزەرىيەلەر تەھلىل قىلىنغان. يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نۇقتىسىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ھەربىي نەزەرىيىسى ئانالىز قىلىنغان. دوكلاتتا تۆۋەندىكى ئىككى نەزەرىيە مۇۋاپىق دەپ قارىلىپ، قارار چىقارغۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان:

بۇنىڭ بىرى، «ئىنكار قىلىش نەزەرىيىسى». يەنى خىتاينى تەيۋەننى ئىشغال قىلالمايدىغانلىقىغا قايىل قىلىش نەزەرىيەسىدۇر. بۇ نەزەرىيەنى ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە خەۋپىنىڭ كۈچىيىشى ئاز بولىدۇ، لېكىن ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش جەھەتتە بەزى قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ.

يەنە بىرى، «ھەربىي خىراجەتنى ئارتقۇزۇش نەزەرىيەسى». يەنى خىتاينى ھەر تەرەپتىن قامال قىلىشتىن ئىبارەت غايەت زور ھەربىي خىراجەت كېتىدىغان ھەربىي ئۈستۈنلۈكنى كۆرسىتىپ خىتاينى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش؛ خىتاينى ئۇرۇش چىقىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا قايىل قىلىش. بۇ نەزەرىيەنى قوللانغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش خەۋپى ئانچە زور بولمايدۇ. يەنى خىتاينىڭ سەزگۈر ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەندىلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن نەيسىن بېشامپ مۇساتافاگا (Nathan Beauchamp-Mustafaga) بۇ دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە تەتقىقات ئوبيېكتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسى بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىز، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى تاجاۋۇزىنى مەغلۇپ قىلىشقا مەركەزلەشكەن. شۇڭلاشقا ‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسىنىڭ ئاستىدا بەزى نۇرغۇن ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەر بار دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغان نەرسە شۇكى، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇشتا خىتاينى مەغلۇپ قىلىشتىكى بىر ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىشىدۇر. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇشتا خىتايغا قارشى غەلىبە قازىنالايمىز.»

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسى ئۇرۇش خەۋپىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول. ‹ھەربىي خىراجەتنى ئارتقۇزۇش› نەزەرىيەسى ئارقىلىق، خىتاي بىلەن بولىدىغان كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى بىرئاز تۆۋەن. خىتاينىڭ سەزگۈر ئەسلىھەلىرىنى تېپىپ زەربە بېرىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن، ئۆچ ئېلىش ۋە يادرو قوراللىرى ئۇرۇشىنىڭ خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن»

پروفېسسور جاكوب خېيم، مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسىنىڭ يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر لايىھە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «دېڭىزدىن تاجاۋۇز قىلىش ماھىيەتتە ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋە قىيىن بولغان ھەربىي ھەرىكەتتۇر. شۇڭا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم بۆسۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قىيىن توسۇقلىرى بار. ئۇلار غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ توسۇقلاردىن ئۆتۈشى كېرەك. سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئامېرىكانىڭ قىلىدىغان ئىشى ئاددىي. چۈنكى ئامېرىكا بۇ ئاجايىپ مۇرەككەپ ھەربىي ھەرىكەتنى (ئۇرۇشنى) توختاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسىنى مۇزاكىرە قىلىشىمىزنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە قارىغاندا ئۈستۈن قابىلىيەتلىرى بار. بۇلارنىڭ بىرى، دېڭىز ئاستىدىكى ئۇرۇشى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشى. بۇ ئېنىقكى، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشماقچى بولغان دۆلەتلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئۈچىنچىسى، ئامېرىكا بۇنىڭغا (تەيۋەننىڭ ئىشغال قىلىنىش خەۋپىگە) ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىمۇ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقتىكى بۇ ئۆزگىرىشكە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار توختاپ قالمىدى. تەيۋەن مۇداپىئە چىقىمىنى كۆپەيتتى. يەنى تەيۋەن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەسكەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كېڭەيتتى. ياپونىيە مۇداپىئە چىقىمىنى بىر قاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا كوللېكتىپ ھالدىكى بۇ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش، ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياردەم قىلىدۇ. يەنى خىتايغا قارشى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە ياردىم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇلار بىز ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئىنكار قىلىش› نەزەرىيەسىنىڭ يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى بەزى مۇھىم سەۋەبلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىز يەنە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي چىقىم ۋە ئىقتىسادنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى توغرىسىدا بىر قىسىم ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى سېلىشتۇرۇشلارنى خۇلاسىلەپ چىقتۇق. خىتاينىڭ بەزى ئىلگىرىلەشلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بەزى مۇھىم ئەۋزەللىكلەرنى ساقلاپ كەلمەكتە.»

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، مەزكۇر دوكلاتتا «ئىنكار قىلىش» نەزەرىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولىدىغان تەيۋەن توغرىلىق كەلگۈسى ئۇرۇشتىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە غەلىبە قىلىش نەزەرىيىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ توقۇنۇش ۋەزىيىتىدە كەسكىنلىشىش خەۋپى يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن پىلانلاش تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.