2024-يىللىق «شاڭرى-لا دىيالوگى» دا ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى روشەن ئىپادىلەنگەن

0:00 / 0:00

2002-يىلىدىن بۇيان سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار ئەڭ نوپۇزلۇق يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان «شاڭرى-لا دىيالوگى» نىڭ 2024-يىللىقى 2-ئىيۇن كۈنى ئاياغلاشتى. بۇ يىغىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن دۇنيا ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.

بۇ قېتىملىق يىغىندىكى بىر پەرق بولسا، ئالدىنقى نۆۋەتلىك يىغىندا بىر-بىرى بىلەن قول ئېلىشىپمۇ كۆرۈشمىگەن ئامېرىكا-خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئايرىم سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى بولۇپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن ئالاھازەل 75 مىنۇت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇچرىشىشتا كەيپىيات سوغۇق بولۇپ، ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشىغا بولغان نارازىلىقى ھەم ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن بۇنىڭغا جاۋابەن، تەيۋەننىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ئامېرىكانى «تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋىليام لەينى تەبرىكلەش ئارقىلىق مۇستەقىلچى كۈچلەرگە خاتا سىگنال بەردى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكادىكى «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جونىتىن چام (Jonathan Cham) نىڭ بىزگە دېيىشىچە، ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككىلا دۆلەت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ بىراق ئۇ جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولمىغان. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

«بۇ ئۇچرىشىشتا ئامېرىكامۇ، خىتايمۇ نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولغان ئارزۇسىنى تىلغا ئالدى. ئەمما خىتاي ئامېرىكانى ئۆزىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىرىس قىلدى، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا بولسا خىتاينى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، ئۇچۇر ۋە تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلىش، شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ناچار سودا ئادەتلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز تىجارەت قىلىش قاتارلىق خەلقئارالىق قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىبلەيدۇ. دىيالوگ ئەسلىدە ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئاشۇرۇش ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم قەدەم. ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن ھازىر ئەكسىچە جىددىيلىك كۈچىيىۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىن جەريانىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىمۇ بىر-بىرىنى قاراتمىلىققا ئىگە سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. لويد ئوستىن شەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇتقى جەريانىدا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «خاتا چۈشىنىش ۋە خاتا ھېسابلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم. مەن دائىم ئېيتقىنىمدەك، دىيالوگ مۇكاپات ئەمەس. بۇ بىر زۆرۈرىيەت.» دېگەن ھەمدە يەنە ئامېرىكانىڭ ھىندى تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇپ: «بىز ھېچ يەرگە كەتمەيمىز» دېگەن.

لويد ئوستىن سۆزىدە ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ رايوندىكى شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ بىرمۇبىر تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، خىتاينى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاگاھلاندۇرغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ دۇنيا تەرتىپىگە بىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى تولۇق نامايان بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى. بۇ ھەممىدىن بەك، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق. ھازىر، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك پەرقتىن كېلىپ چىققان رىقابەت ئاللىقاچان باشلاپ بولدى. بولۇپمۇ بۇ يىغىندا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمدى خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە كېڭىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.»

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن بۇلتۇر 12-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ «شاڭرى-لا دىيالوگى» مەزگىلىدىكى تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلىرى بىلەن ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. ئۇ 2-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخسۇس نۇتقىدا ئامېرىكانىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالماي تۇرۇپ: «بىز زومىگەرلىك ۋە ھوقۇق سىياسىتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز. بىز ھېچكىمنىڭ رايونىمىزغا جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش ئەپ كېلىشىگە ياكى ھەرقانداق ئىسسىق، سوغۇق ئۇرۇش ئېلىپ كېلىشىگە يول قويمايمىز» دېگەن.

دوڭ جۈن يەنە، تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قاتتىق تەھدىت سېلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدىكى ھەر قانداق قەدەمنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە «كىم تەيۋەننى خىتايدىن بۆلۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ ئۆزى پارچىلىنىپ، ھالاك بولىدۇ» دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوللانغان.

ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جونىتىن چام (Jonathan Cham) نىڭ بىزگە دېيىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۈچەيتىشى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئېھتىماللىققا قارشى تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«مېنىڭچە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن ئورنىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشلاردا رايون خەلقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ھازىر پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇلار ئامېرىكىغا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ئۇلار كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ زېمىن دەتالىشى قىلىدىغان، خەلقئارا قائىدە ياكى قانۇنلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان خىتايدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.»

جونىتىن چام سۆزى داۋامىدا، ئامېرىكانىڭ بۇ بۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياج ۋە ئەندىشىلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئۆز شېرىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە داۋاملىق ئىپادە قىلىپ تۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

دەرۋەقە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن «شاڭرى-لا دىيالوگى» دا قىلغان نۇتقىدا ئامېرىكانىڭ رايون دۆلەتلىرى ۋە باشقا شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئالاھىدە مەدھىيەلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇنى «يېڭى ئورتاقلىق» دەپ ئاتىغان. ئۇ شۇ كۈندىكى نۇتقىدا «ئامېرىكا رايوندىكى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىندى-تىنچ ئوكياندا مۇھىم رول ئويناشنى داۋام قىلىدۇ. . . تەنقىدچىلەر ۋە تەشۋىقاتچىلار بۇ يېڭى ئورتاقلىق ئىلگىرى سۈرىدىغان پىرىنسىپلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار مەجبۇرلاش ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئارقىلىق بىزنىڭ ئىرادىمىزگە قارشى تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەمما ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ بۇ يېڭى ئورتاقلىقى گۈزەل كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بىرلىكتە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.