ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى سودا جېڭىدىن باشلاپ يامانلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، سىياسىي تەھلىلچىلەر بۇنى خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يەڭ ئىچىدىكى كۈرىشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى يىغىلىپ قالغان زىددىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەپ قارىغانىدى. خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئامېرىكانىڭ ئېتىبار سىياسىتى ۋە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كۈچلىنىپ، ئارقىدىن ئامېرىكاغا خىرىس قىلىشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ مۇستەبىتلىك يولىغا مېڭىپ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇپ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ يەنە ئامېرىكانىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى ئازايتىش، ھەتتا ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىش سۈيقەستى ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنى خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك پىلان تۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسىسلىرىدىن پىكىر ئالغان. يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەبلەغ ئاجرىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سېناتور جەك رېد سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاينى ئەڭ ئاساسلىق تەھدىت دەپ قاراپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى «ئالدىن ئويلىشىدىغان ھەربىي رايون» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئىقتىسادى ۋە ئۈچتىن ئىككى قىسىم نوپۇسىنى توپلىغان رايونغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكانىڭ ھەربىي تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئامېرىكانىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەردىن سۈنئىي ئەقىل، كۋانتۇملۇق ھېسابلاش، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلان، بىئولوگىيەلىك تېخنىكا قاتارلىق ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى ئوغرىلاشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى، قوشنا دۆلەتلەرگە كۈچ كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلىشقا پېتىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. سېناتور جەك رېد يەنە خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» (Quad) قۇرغانلىقىنى، دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «تىنچ ئوكيان مۇداپىئە تەشەببۇسى» (PDI) نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سېناتور جەك رېد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەربىي كۈچ جەھەتتە تەرەققىي قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۆز ئىچىدە ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان قەبىھ مۇئامىلە، خىتاينىڭ ئالدىشىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نەپرىتى قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاينىڭ ۋەيران بولۇشىغا پايدىلىق ئامىللار ئىكەن. ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتى بولۇپ، خىتاي بىلەن رىقابەتلەشكەندە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، دۈشمەنلىشىش ۋە ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن؛ دىپلوماتىيەدە باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ياكى خىتاي تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىماستىن، ئامېرىكانىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئىي ئىتتىپاق ھاسىل قىلىش ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەن. ئۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەردىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغان ئىقتىساد، تېخنىكا، ھەربىي كۈچ، دىپلوماتىيە رىقابىتىدە يۈزلىنىدىغان مەسىلىلەر، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلغان ۋە بۇ پىكىرلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ يىغىندا خىتاي سىياسىتى تەتقىقاتچىسى، ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى بولغان مەت پاتىنجېر، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رەقىبلەر مۇناسىۋىتىنىڭ 2012-يىلى ئەمەس، 30 يىل ئاۋۋال باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئەينى چاغدا خىتاينىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسى، سادامنىڭ مەغلۇب بولۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەقەدىن قاتتىق چۆچىگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رەقىب ۋە بىرىنچى تەھدىت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئۇ يەنە شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىش، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى بەش يىلدا ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە قوللىنىپ، بىر مۇنچە دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىگە باغلاپ قويغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشتە خېلىلا نەتىجە قازانغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئالىقاچان ئاۋسترالىيە، كانادا، كورىيە، فىلىپپىن، موڭغۇلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودىلىشىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى، ئىچكىي سىياسىتى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. شۇڭا ئامېرىكانىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى خىتاينىڭ 30 يىللىق ‹ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەسى› گە قارشى ئىستراتېگىيە دەپ قاراشقا بولىدۇ».

ئۇ خىتايغا قارشى دەرھال قوللىنىش كېرەك بولغان بىر نەچچە تۈرلۈك ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «ئالدى بىلەن خىتاي ئۆزى دەۋاتقان ئۇچۇر جېڭىدە، ئەركىن دۆلەتلەر چوقۇم بىرلىشىپ، خىتاينىڭ پىتنە-ئىغۋالىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈشى، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا ئاساسەن خىتاي خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە، ئەگەر دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەرىكىتى ۋە نازارەت قىلىشى بولمىسا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ پېنسىيە پۇلى خىتاي كارخانىلىرى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كېتىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي كارخانىلىرى خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولماقتا. ئۈچىنچىدىن، بىز چوقۇم ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكا رىقابىتىدە خىتاينى مەغلۇب قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، سۈرئەتتە ئۇلاردىن تېز بولۇپ قالماي، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش سىناقلىرى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى مۇھىم تېخنىكىلاردا ئۇلارنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىشىمىز كېرەك».

جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئىۋان مېدىروس، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ھەرىكەتلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ چوڭ رەقىب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە سېناتور تام كاتىننىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەنچە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئورنى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مانا بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمىشقا بۇ مەسىلىدە ئوچۇق ئەمەسلىكى ۋە باشقا ئەللەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبى. شۇڭا بۇ ئىنتايىن جاپالىق بىر كۈرەش، بىز بۇنىڭدا غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكا مارشال فوندى ئاسىيا تەتقىقات پروگراممىسى دىرېكتورى، ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە ئامېرىكا سىياسىتى مۇتەخەسىسى بونى گلاسېر خانىم، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رەقىبى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك رىقابەتكە ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. گلاسېر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي «كۈلرەڭ رايون ئىستراتېگىيەسى» قوللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى تاكتىكىلار ئىقتىسادىي بېسىم، ھەربىي بېسىم، ساختا ئۇچۇر ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى كونترول قىلىش قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچسىزلىك ۋە سىستېمىلىق رىقابەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى چۈشىنىشى ۋە خاتا چۈشىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا دىيالوگ قۇرىدىغان، خەتەرنى ئازايتىپ كۈتۈلمىگەن ۋەقە ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش كىرزىسىدىن ساقلىنىدىغان بىر مېخانىزمنى قۇرۇش زۆرۈرىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ».

تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ئىشلار ئىنستىتۇتى پروفېسسورى، شەرقىي ئاسىيا سىياسىتى مۇتەخەسىسى دوكتور شىنا خانىم خىتاينىڭ قوشنا دۆلەت ھىندىستان بىلەن توقۇنۇشقانلىقى، جەنۇبىي دېڭىزغا تەھدىت سالغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئالدى بىلەن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش، چۈنكى ئۇ خىتاينىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي سىياسىتىنى باشقۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۆز ھاكىمىيىتنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكىتلىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىگە يول قويۇش ئىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن ئامېرىكا خىتاينىڭ نازارەت تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيانى كونترول قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم مىنىستىرلىقلار ئارا كۈچلۈك بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، خىتاينىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي بىخەتەرلىك تورى خىتايدىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى خىتايلارغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. بۇ بېسىملار خىتاينىڭ ئىختىساسلىقلار پىلانى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىشىدىن تارتىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنى چەت ئەلدىمۇ كۆزىتىشىگىچە بولغان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە تەقىپ ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسىدا ئالگورىزىملىق ئېنىقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يۇقىرىقى تۆت نەپەر مۇتەخەسسىس ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ، شۇنداقلا ئىقتىساد، تېخنىكا، دىپلوماتىيە ساھەلىرىدىكى رىقابىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ئەزا سېناتورلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. يىغىندا خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان.