مايك گەللېگېر: «خىتاي كومپارتىيەسىنى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك!»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گەللېگېر خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى ئىيۇن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گەللېگېر خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى ئىيۇن.
GOPleader.gov

يېقىنقى مەزگىلللەردىن بۇيان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن جېيمىس مەكگاۋرىن، كىرىس سىمىت، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەربابلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن دوكلات ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى بوب مېنەندېز قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

شۇ قاتاردا يەنە 4-ئىيۇندىكى «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گەللېگېرمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مايك گەللېگېر مەزكۇر نۇتۇقىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ۋەكىل بولۇپ سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئەينى چاغدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارالغان بولسا، ئەمدىلىكتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغاندىلا ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، دېگەنگە چەكسىز ئىشەنگەن. بۇ ئۇچۇرلار ئامېرىكا دىپلوماتى جورجى كەناننىڭ 1946-يىلىدىكى تېلېگراممىسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى شۇ چاغدىكى ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى، دېگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز ئوخشاش تەھدىتكە ئۇچراۋاتىمىز. ‹تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى› يۈز بەرگەنلىكىگە 30 يىل بولغان بولسىمۇ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت ئىچىدىكىلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، دۆلەت سىرتىدا زوراۋان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۇرۇنۇشىدا بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر دىيارىنى مىسالغا ئالساق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رايوندىكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىن قىيىن-قىستاققا ئالدى. ھازىرغىچە بولۇۋاتقان بۇ ئىشلار پەقەت ئۆچمەنلىكتىنلا بولۇۋاتقان بولماستىن، بەلكى يېقىن كەلگۈسىدە كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بىر كىچىك بېشارىتىدۇر. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك مەغلۇپ بولماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىدىكى ‹ساقچى دۆلىتى› نى مۇكەممەللەشتۈردى.»

مايك گەللېگېر سۆزىدە يەنە ئامېرىكادىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ «خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دەيدىغان سەبىيلەرچە ئىدىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكى، بۇ خىل ئىدىيەدىن بالدۇرراق ۋاز كېچىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنۇلارنى قەيت قىلغان: «بىزنىڭ مەسىلىمىز خىتاي دۆلىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكادىكى ھەرقانداق بىر قارار ئىككى پارتىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەگەر ئامېرىكانىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى ‹خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ دوستلۇقىمىزغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ، › دېگەن بولسا، بىز بۇنىڭدىن چۆچۈشىمىز كېرەك. چۈنكى ‹تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى› ئۆتۈپ 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ خىلدىكى ئىدىيەنىڭ ئىنتايىن ئەخمىقانە ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. بىز چوقۇم قەيسەر بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى نەدىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە كەتكۈزۈۋېتىشىمىز، يەنى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك نوپۇزلۇق ئەربابلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنداقتا، بۇنداق بىر جىددىي ۋەزىيەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ‹ئامېرىكا بۇلارغا يانتاياق بولۇپ، بىزنىڭ كۈچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن ئۇلارغا بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردەك بۇنداق بىر خەلقنى مىللەت گەۋدىسى بىلەن باستۇرۇشىىنىڭ ئۇلار كۈتكەندەك نەتىجە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت