سابىق ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نېۋت گىنگرىچ: خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى جاسۇسلۇقى پاش بولدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نېۋت گىنگرىچ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نېۋت گىنگرىچ.
Social Media

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نېۋت گىنگرىچ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ئامېرىكىدا ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پۇل خەجلەش قىلمىشلىرىنىڭ پاش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېۋت گىنگرىچ 21-ئىيۇن «فوكۇس خەۋەرلەر تورى» غا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ھەر خىل يوللار بىلەن مىليونلاپ پۇل ئىئانە قىلغانلىقى، ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرغانلىقى، بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپ-ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە جاسۇسلۇق قىلىش ئارىلىق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ، خىتايدىن كېلىدىغان ئىئانىلەرنىڭ «نامىسىز ساخاۋەتچىلەردىن كەلدى» دەپ رويخەتكە ئېلىنىدىغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىدىكى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنىدىن بۇيان ئالغان خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەسىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئالقىشقا ئەرزىيدىكەن. 

ئۇ ئوبزورىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ئىنتايىن كەم بولسا بولمايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان رەزىل قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما خىتاينىڭ نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن كۆپىنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىخەۋەر ئىكەنلىكى مەسىلىنىڭ يامان تەرىپى ئىدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىگە قاراتقان ھەرخىل شەكىلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.

ئۆتكەن ئايدا ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت