' پەخىرلىك تارىخ ' 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ھەققىدە

بۇ يىل 8 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى، يەنى ئولىمپىكتىن 4 كۈن ئاۋۋال قەشقەردە يۈز بەرگەن، 17 خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 15 نىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، " 4 ‏ - ئاۋغۇست تېررورلۇق ھۇجۇمى،" خەلقئارا مەتبۇئاتتا " 4 ‏ - ئاۋغۇست ۋەقەسى،" مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا بولسا، " 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى" دەپ ئاتالدى.

0:00 / 0:00

بۇ ۋەقەنىڭ ئىجرائاتچىلىرى ئابدۇراخمان ئازاد بىلەن قۇربانجان ھېمىتقا بۈگۈن يەنى 17 ‏ - دېكابىر كۈنى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن بۇ تارىخىي ۋەقە ھەققىدىكى پىكىرلەر، مۇلاھىزىلەر يەنە بىر قېتىم دۇنيا مەتبۇئاتىنى ئىگىلىدى.

خىتاينىڭ قارىشىچە بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىگە قارشى تۇرغىنى ئۈچۈن تېررورچى ھەرىكەتتۇر. كۆپ ساندىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۈملىدىن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى نىكولىسنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى ھەرىكەتتۇر. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە بولسا، بۇ بىر ئەركىنلىك كۈرىشىدۇر.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە پەخىرلىك تارىخ ماۋزۇسىدا چاتما ماقالە ئېلان قىلغان ئەردەم ئەپەندى، ۋەقەنىڭ ئىجرائاتچىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: سالام مىللىتىمىزنىڭ پەخرى، غورۇرىمىزنىڭ تاجى، مىللىي ئىرادىمىزنىڭ جاكارچىسى".

ئەردەم ئەپەندى ماقالىسىدە دۇنيادا كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە مىللىي قەھرىمان يارىتىش ئۈچۈن ھېكايە توقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا، ئارقا - ئارقىدىن چىقىۋاتقان مىللىي قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى يازىدىغانغا سورۇن تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك سوۋغىسىدۇر؛ يەنى دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارىتا مەيدانىنى، پوزىتسىيىسىنى، ھېسسىياتىنى 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدىن كۆردى. دېمەك، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 60 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق ۋەقەدۇر.

4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدىن 3 كۈن ئاۋۋال، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىرىدىن كۈرەش مەخسۇت مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى، شۇڭا پەخىرلىك تارىخ ناملىق چاتما ماقالىنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ۋەقە خىتاي دۆلىتىنىڭ تەڭداشسىزلىقى بازارغا سېلىنىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى، بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيا خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆزىنى تىكىپ تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن 4 كۈن ئاۋۋال يۈز بەردى؛ بۇ ۋەقە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرغان بىر ۋەزىيەتتە بارلىققا كەلدى، شۇڭا ئابدۇراخمان ئازاد بىلەن قۇربان ھېمىت مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر قەھرىمانلىرى، ئۇيغۇر تارىخىدا، ئۇلاردىنمۇ ئىرادىلىك، ئۇلاردىنمۇ بىلىملىك، ئۇلاردىنمۇ قەدىرلىك قەھرىمانلارنى ئۇچرىتىش قىيىن ئەمەس، ئەمما نەتىجە نۇقتىسىدىن ئۇلاردەك ئوقنى دەل ۋاقتىدا، دەل جايىغا تەككۈزگەنلەر ئاز ئۇچرىغان. شۇڭا ئۇلار بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆگىنىش ئۈلگىمىز."

4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىنىڭ دۇنياغا تېز تارقىلالىغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ تېمىدىكى يەنە بىر دىققەت نۇقتىسىدۇر. پەخىرلىك تارىخ ناملىق چاتما ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى قەشقەرنىڭ سەمەن يولىدىكى چەتئەللىكلەر چۈشىدىغان شادلىق مېھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا يۈز بەرگەن. شۇڭا ۋەقەنى ئالدى بىلەن شادلىق مېھمانخانىسىدىكى چەتئەللىكلەر كۆرگەن ۋە ۋەقەنىڭ خەۋىرى ئالدى بىلەن ۋەقەدىن بىر سائەت كېيىن، گېرمانىيىدىكى ARD تېلېۋىزىيىسى ۋە ئامېرىكىدىكى CNN تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلىنغان.

شۇڭا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامالسىزلىقتىن 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك سوۋغىسى دۇنياغا ئاشكارىلانغان.

يەنە، 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدىكى گۇمانلىق ۋەقەلەردىن بىرى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئەسكىرىي كىيىم بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىدى. بۇنى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئارىدىن 2 ئاي ئۆتكەندە قايتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى بىلەن، دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋەقەگە گۇمان بىلەن قارىغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي مەتبۇئاتىدا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ سوت خاتىرىسىدە بۇ مەسىلىمۇ ئايدىڭلاشتى. يەنى سوت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر جەڭچىنىڭ بىرى، قۇربانجان ھېمىت، جەڭ مەيدانىغا خىتاينىڭ ھەربىي كىيىمى بىلەن كەلگەن. خىتاي دائىرىلىرى، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر جەڭچىنىڭ ماھارىتى ۋە پاراسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەينى چاغدا بۇ ئەھۋالنى يوشۇرغان.

يۇقىرىدا بىز سىلەرگە، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان " پەخىرلىك تارىخ " ناملىق ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تونۇشتۇردۇق.