خىتاي 8-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا داۋاملىق ھەربىي مانېۋىر قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ رايوندىكى دېڭىز تىرانسپورتى ۋە ھاۋا تىرانسپورتىغا تەھدىت سالىدىغان بۇ ھەربىي مانېۋىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن جىددىيلەشكەن رايون ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ مانېۋىرى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بولغۇسى تاجاۋۇزچىلىقتا تەيۋەننى قوغداۋاتقان ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتىكەن.
ئەسلىدە بايدىن ھۆكۈمىتى 5-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىسىنى رەسمىي چاقىرتىپ، خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جېڭ چۈەن جۈمە كۈنىدىكى سىنلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «تەيۋەن خىتاي بىلەن ئامېرىكانى توقۇنۇشقا، ھەتتا ئۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ناھايىتى ئاز مەسىلىلەرنىڭ بىرى،» دېگەن.
ئامېرىكانىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا كامبودژادىكى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىگە ھەددىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ: «خىتاي ئەمەلىيەتتە نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ئۆزىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئەتراپىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالدى،» دېگەن
دەرۋەقە، نۇرغۇن مۇتەخەسسسىلەرمۇ بۇ مەسىلىدە بىردەك كۆز قاراشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ قەستەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ تونۇلغان سىياسەت ئانالىزچىسى فارىد زاكېريانىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس پروگراممىسىغا قاتناشقان تونۇلغان مۇتەخەسسسلەر، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى قەستەن يوغىنىتىشىدىكى سەۋەبلەرنى شەرھىيلەپ ئۆتكەن. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 21-ئەسىر خىتاي تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇسان شىرك خانىم، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى مەغلۇبىيەتكە قارىتىلغان دىققەتنى باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بۇنىڭغا پەرقلىق ئىنكاس قايتۇرۇش ئىمكانى بار ئىدى. چۈنكى نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئەھۋالنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە كۈچنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. بىراق خىتاي بۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشنى تاللىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شى جىنپىڭنىڭ ئىچكىي سىياسەتلىرى. ئۇ بۇ يىل كۈزدە 3-قېتىم دۆلەت رەئىسلىكى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدىغان كومپارتىيە قۇرۇلتىيىنى ئېچىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خاتا سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ئىقتىساد تۆۋەنلىدى، ناھايىتى قاتتىق ۋىرۇس چەكلەش سىياسەتلىرى خەلقتە نارازىلىق پەيدا قىلدى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلاشتى، ئۇ يەنە خۇسۇسىي كارخانىچىلارغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بەردى، بۇ ئىشسىزلىقنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە يول ئاچتى. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى ئالدىدا ئىشىنى قېيىنلاشتۇرۇدىغان ۋەزىيەتلەردۇر. شۇڭا ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىنى خەلقنىڭ دىققىتىنى ئىچكىي مەسىلىلەردىن بۇرايدىغان ۋە ئارمىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدىغان بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرماقتا.»
مەزكۇر پروگراممىغا قاتناشقان يەنە بىر مۇتەخەسسس، جورجى بۇش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت پىلانلىغۇچىسى ۋە ھازىرقى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى رىچارد خاس ئەپەندى بولۇپ، ئۇمۇ سۆزىدە خىتاينىڭ قەستەن كىرىزىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «مەنچىمۇ بۇ خىتاينىڭ تاللىشى، خىتاي كىرىزىسىنى بىلىپ تۇرۇپ تاللىدى. بۇ كىرىزىس نەنسىي پېلوسى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۇنىڭ زىيارىتىنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىن پىلانلاپ قويغان ھەرىكەتلىرىگە ئاساس سېلىۋاتىدۇ،» دېگەن.
خىتاينىڭ 8-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇشى بىلەن تەيۋەننىڭ ئىككىنچى ئۇكرائىناغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكى، ئامېرىكا ۋە دېموكراتىك ئەللەرنىڭ بار كۈچى بىلەن تەيۋەننى قوغدىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلار كۈچەيگەن. ئامېرىكا كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندېرس كور رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدىمۇ بۇنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي پاكىتلارنى ئۆزگەرتىپ، پېلوسىنىڭ زىيارىتىگە ئوخشاش ئامېرىكانىڭ كىچىككىنە ھەرىكەتلىرىنىمۇ تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىز چوقۇم تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قوراللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تەيۋەنگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.»
ئاندېرس كور ئەپەندى خېتىدە يەنە خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياندا قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي بىلەن ئەمدى دىيالوگ قىلىمەن، دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەنچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىمەن دېيىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى. شى جىنپىڭنىڭ چۈشىنىدىغىنى دىيالوگ ۋە ئالاقە قۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچ سىنىشىشتۇر. شۇڭا بىز خىتاينى چېكىندۈرۈش ۋە ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا كۈچلۈك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىشىمىز كېرەك.»
دەرۋەقە، خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرىگە قارشى 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكامۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى، يەنى ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چىگراسىغا ئىنتايىن يېقىن جايدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق، زور دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر مانېۋىر ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى چېگراسىدىن 100 كىلومىتىر يىراقلىققا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇندا ھىنىدىستان-خىتاي ئارمىيەسى قانلىق توقۇنۇشقان ئىدى.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىر ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇش مەشىقىنى ئاساس قىلىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بىرلەشمە مانېۋىر ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىن ۋە خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقى ھەققىدىكى ئورتاق كۆز قاراش بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى. بۇ مانېۋىر بىزنىڭ بىر قاتار رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، ئامېرىكا-ھىندىستان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ خىتاينى قامال قىلىش ئۈچۈن بارغانسېرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ يۈز بەرگۈسى خىتاي ۋە ھىندىستان توقۇنۇشىدا ھىندىستاننى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرلىرىدا بۇ قېتىملىق ئامېرىكا-ھىندىستان مانېۋىرىنى خىتايغا بېرىلگەن ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سېگنال، دەپ قارىماقتا.