ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: «ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز (خىتاي تەھدىتىگە قارشى) ھەر بىر فرونتنى قوغداشقا تەييار»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر(ئوڭدا) ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئادۋوكاتى كرايگ فاللېر دوكلات بېرىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 10-ئىيۇل، فلورىدا، ئامېرىكا.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر(ئوڭدا) ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئادۋوكاتى كرايگ فاللېر دوكلات بېرىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 10-ئىيۇل، فلورىدا، ئامېرىكا.
AP

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر 25-ئاۋغۇست «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى شەرھلىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بېيجىڭنىڭ مۇستەبىت پىلانلىرىغا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي تەھدىتىگە قارشى ھەر بىر فرونتنى قوغداشقا تەييار ئىكەن. مارك ئەسپېرنىڭ مەزكۇر ماقالىسى خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 1-ئاۋغۇست خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنى دۇنياۋى دەرىجىلىك ئارمىيەگە ئۆزگەرتىشنى تەكىتلىگەن. مارك ئەسپېر بولسا شى جىنپىڭنىڭ سۆزى «ئەركىن ۋە ئوچۇق خەلقئارا تەرتىپ بىلەن بېيجىڭ تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەبىتلىك تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ «بەش بۇرجەكلىك بىنا خىتاي ئۈچۈن تەييارلىنىپ بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، ئەركىنلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى قوغلىشىدىغان دۆلەتلەر خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئالاقە، مەشىق ۋە تېخنولوگىيە تەلەپلىرىگە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىش پىلانى راكېتا، تور، ئالەم بوشلۇقى، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى بىلەن قوراللىنىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت سىستېمىسىنى كېڭەيتىشنى، ئۇيغۇرلارغا بولغان سىستېمىلىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ بىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ يېقىنقى 40 يىللىق خىتاي مۇناسىۋەتلەر تارىخىدا خىتاي سىياسىتىنى ئەڭ ئوچۇق شەرھىلىشىدۇر.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، مارك ئەسپېرنىڭ ماقالىسى خىتاينىڭ قانچىلىك جىددىي تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكادىكى «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئاندرېيس كور، ئامېرىكانىڭ ئىنتايىن خەۋپلىك بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بىز ئىنتايىن خەۋپلىك بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز خىتاينى ناھايىتى تېز ۋە ناھايىتى قاتتىق كۈچ بىلەن ئارقىغا چېكىندۈرۈشىمىز كېرەك. بولمىسا ئۇ بىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بىز بۇنى ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز شۇنداقلا خۇددى مىنىستىر مارك ئەسپېر ئېيتقاندەك ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا بىزنىڭ قوراللىق مەغلۇپ قىلىشقىمۇ تەييارلىقىمىز بولۇشى كېرەك».

ئاندرېيس كور يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ نوقۇل ھەربىي، ئىقتىسادى-سودا ياكى گېئو-سىياسىي رىقابەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك بىلەن مۇستەبىتلىك ئوتتۇرىسىدىكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ رىقابىتى ئىكەن. ئۇ بۇ رىقابەتتە خىتايغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىردىن-بىر كۈچنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاندرېيس كور 26-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادا خىتاي بىلەن ھەربىي جەھەتتە رىقابەتلىشەلەيدىغان بىردىن بىر دۆلەت ئامېرىكا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكا بىلەن خىتايغا باغلىنىپ قالغان. شۇڭا ئۇ ئىقتىسادى جەھەتتە رىقابەتلىشەلمەيدۇ. ئۇ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتلەردە چېچىلاڭغۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى مەغلۇپ قىلالايدىغان بىردىن بىر دۆلەت. بىز بۇنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېرنىڭ بايانلىرىدا كۆرەلەيمىز».

مارك ئەسپېر «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدىكى ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە بولغان كونتروللۇقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئارمىيەنى ئۆز نىشانىغا يېتەكلىشىدىكى مەركىزى ئامىل، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ، «بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى مۇستەبىتلىكنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى زورلىشى، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاشىلا قىلىش مۇھىتى يارىتىپ، مەۋجۇت خەلقئارا قانۇن-تۈزۈملەرنى بىكار قىلىش، دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىدۇر» دېگەن.

مارك ئەسپېرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكانىڭ ئۇنىڭغا ئەتراپلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى، دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىشىنى تېزلەتكەن بولۇپ، خىتاي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستىراتېېگىيەسىنىڭ «ئاساسلىق نۇقتىسىدا» ئىكەن. ئامېرىكادىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ نۇقتىغا كېلىشىگە پۈتۈنلەي خىتاي سەۋەبچى ئىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەت ناھايىتى ئېنىقكى خىتاي كومپارتىيەسىدە. چۈنكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتەك ھەر خىل قىلمىشى كىشىلەرنى بىئارام قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدىكى ناھەقچىلىك ئامېرىكانى زىيانغا ئۇچراتتى. شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، ئىچكى سىياسەتتە ماۋ دەۋرىگە قاراپ ماڭدى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادى قۇدرەت تاپقان بولسىمۇ، بىر پارتىيە مۇستەبىتلىكىنى ساقلاپ كەلگەن خىتاي، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلاندى».

خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى يولدا داۋاملىق مېڭىشى خىتاي خەلقى بىلەن چەكلىنىپ قالمايكەن. ئۇ بۇنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ 26-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شۇنى ھېس قىلىپ يەتتى، ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋاملىق بۇ يولدا مېڭىشىغا سۈكۈت قىلىنسا، بۇنىڭ زىيىنى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى خەلقلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ خىتاي چېگراسى سىرتىدىكىلەرگىمۇ زىيان سېلىپ، ئامېرىكانىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقىغىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەت يېقىنقى بىر يىل مابەينىدە بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى».

مارك ئەسپېر ماقالىسىدە خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» دىكى ئاندرېيس كورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ناھايىتى جىددىي قاراۋاتقان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايدىن ئەندىشە قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئاندرېيس كور مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دۇنيادا روھىڭگالار بىلەن بىر قاتاردا ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر. روھىڭگالار ئوخشاشلا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى جىددىي مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا بۇنىڭغا ناھايىتى جىددىي قارىماقتا. بۇ مەسىلە نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قارشى چىقىشىدىكى سەۋەبتۇر. چۈنكى، كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەگەر خىتاي دۇنياغا ھۆكۈمران بولسا مېنىڭ ئەھۋالىم قانداق بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن سوئالنى قويۇۋاتىدۇ. خوڭكوڭغا قاراپ كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ».

مارك ئەسپېر ماقالىسىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قورالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشكە ياكى ئۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى قەدىرلەيدىغان دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىكى رولىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت