ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى قاماللاشنى نىشان قىلغان «كېننانچە دوكلات» نى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-19
Share
xitay-xirisliridiki-amillar-thumb.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «خىتاي خىرىسلىرىدىكى ئامىللار» سەرلەۋھىلىك دوكلاتى. 2020-يىلى نويابىر.
state.gov

ئامېرىكادىكى زور سايلامنىڭ داغدۇغىسى ھەممىلا جاينى قاپلاۋاتقاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خىتاي خىرىسلىرىدىكى ئامىللار» سەرلەۋھىلىك زور دوكلاتنى ئېلان قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت لايىھەلەش ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ تۈزۈپ چىققان دوكلاتتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لايىھە 1947-يىلى ئامېرىكا دىپلوماتى جورج كېننان ئەپەندى تەييارلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى قاماللاشنى مەركىزىي ئىدىيە قىلغان زور ھەجىملىك دوكلاتتىن ئىلھام ئالغان ھالدا تەييارلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى «كېننان دوكلاتى» دەل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن قانداق خىرىس بولۇۋاتقانلىقىنى مۇشۇ يوسۇندا تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن ھەمدە «سوغۇق ئۇرۇش» نى بەلگە قىلغان دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1991-يىلى يىمىرىلىشىگە يول ئاچقانىدى. 17-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان 74 بەتلىك بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە ئامېرىكانىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئىستراتېگىيەلىرى ئەنە شۇ يوسۇندا يەنە بىر قېتىم بايان قىلىندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان، جۈملىدىن ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى دائىرىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان دۇنياۋى تەرتىپنى يېڭىۋاشتىن تۈزۈپ چىقىشقا كۈچ سەرپ قىلماقتىكەن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى يېڭىدىن بىر دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشتىن باشقا يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ دۇنياۋى تەرتىپنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىش، شۇ ئارقىلىق ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى مۇشتۇمزورلۇق نىشانىغا يېتىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ خىل يېڭى خىرىس ئالدىدا ئەركىنلىك دۇنياسىنى ھىمايە قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم، دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 20-ئەسىردىكى ماركسىزم-لېنىنىزم ئىدىئولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان خىتاي دۆلىتى ئامېرىكا ۋە ئەركىنلىك دۇنياسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ياردىمى، بولۇپمۇ خىتاينى ئەركىن سودا بازىرىغا ئېلىپ كىرىشى بىلەن 1970-يىللاردىكى ئاجىز ھالەتتىن ھازىرقى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن يېڭى سەۋىيەگە يەتكەن. ئەمما ئۇلار ئەمدىلىكتە يېڭىدىن ئېرىشكەن بۇ ئىقتىسادىي قۇۋۋەتنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ۋە جەمئىيەتنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلاشقان قېلىپقا چۈشۈشكە قىستىماقتىكەن. شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتلارنى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن. خىتاي دۆلىتى نۆۋەتتە دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ھەربىي قوشۇنلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىشكە ئالدىرىماقتا. نۆۋەتتە بۇ خىل جىددىي يۈزلىنىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماركىسىزم-لېنىنىزىملىق بىلىش سىستېمىسى ھەمدە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللەتچىلىك بىلەن يۇغۇرۇلماقتىكەن.

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى بۇ خىل ئىنتىلىشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە دوكلاتتا يەنە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزىدىكى كۆپلىگەن ئەجەللىك ئاجىزلىقلارمۇ رېتى بىلەن كۆرسىتىلگەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ بۇ ئاجىزلىقلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ زالىملىقنى دۇنياغا كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ خىتايدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان چەكلىمىلەر، خىتايغا خاس ئىتتىپاقداشلار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ھەمدە ئۇنى داۋام قىلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىقى، شۇنداقلا ئىچكى قىسىمدىكى باستۇرۇشلارغا غايەت زور ئىقتىسادىي چىقىم سەرپ قىلىش دېگەنلەر بۇنىڭدىكى مۇھىم مىساللار ئىكەن. بۇلاردىن باشقا ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق، نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىشىشى، بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان چىرىكلىشىش، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان زۇلۇملار، بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن ئاھالىنى كۆزىتىشكە سەرپ بولۇۋاتقان غايەت زور چىقىم، پارتىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئارمىيەنىڭ خەلقتىن ئايرىۋېتىلىشى دېگەنلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان سەل قاراشتىن قورقىدىغان مەسىلىلەر ئىكەن. بولۇپمۇ بۇ يىل ئىچىدە تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبلىك پۈتكۈل خىتاي كېسەللىك، ئۆلۈم ۋە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق بىرىكىپ كەتكەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، دەل مۇشۇ ۋىرۇس يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقئارانىڭ خىتايغا بولغان ئورتاق غەزىپىگە پىلتا بولغان.

دوكلاتتا مۇشۇ خىل رېئاللىق تەپسىلىي مىساللار بىلەن بايان قىلىنىش ئارقىلىق «ئامېرىكا ئەركىنلىك دۇنياسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى ئون تۈرلۈك ۋەزىپە ئاساسىدا تەڭشىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت خاراكتېرىگە كېپىللىك قىلىش، ئامېرىكا ئارمىيەسى جەزمەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىكى ئەركىن جەمئىيەتتە داۋام قىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەرتىپلەرنى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كېپىللىككە ئىگە بولغان دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن باھالاپ چىقىش ھەمدە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشلەرنى قوللاش، ئامېرىكا خەلقىنى نۆۋەتتە بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان خىتاي خىرىسلىرىدىن مەلۇماتلىق قىلىش، ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى بىر ئەۋلاد ھۆكۈمەت خادىملىرى تەربىيەلەپ دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار، مالىيە-ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا ساھەسىنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىنى تىزىپ چىقتى.

«خىتاي خىرىسلىرىدىكى ئامىللار» ناملىق بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. «ئاكسيوس» گېزىتىگە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان بەزى كىشىلەر «تاجسىمان ۋىرۇسى دۇنيانىڭ خىتاينى چۈشىنىشىدە غۇۋالىشىپ قالغان كۆزلىرىنى ئېچىپ قويدى. ئەمما ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى نۇرغۇن ئىنسانلار ھېلىھەم خىتاينىڭ دۇنيانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ» دېگەن. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ مۇشۇنداق قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋىرۇس باھانىسىدە دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان غەزىپى يۇقىرى پەللىگە يېتىپلا قالماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشتۇمزورلۇق تەبىئىتىنى بارغانسېرى ئاشكارا ئىپادىلىمەكتىكەن.

«ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا بولغان غەزەپ تېخى بېسىلغىنى يوق. بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتا غەرەزلىك ھالدا ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىدىن بەكمۇ خاپا بولۇۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر كۈرەشنىڭ قاينىمىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ كۈرەش بىر-ئىككى يىلدا تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. ھېچبولمىغاندا ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانى بەكلا قاتتىق بولۇۋاتىدۇ. ۋىرۇس يامرىغان مەزگىلدە خىتاي ماسكا دىپلوماتىيەسى ياكى باشقا خىل ‹ئىقتىسادىي ياردەم› ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ‹دوستلۇق رىشتى› نى ھەرياققا سوزۇپ، خېلى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ بازارغا سېلىۋاتقان ‹ئۇرۇشقاق بۆرىلەر دىپلوماتىيەسى› بۇنىڭدىكى بەزى ماھىيەتلەرنى ئاشكارىلاپ بېرىۋاتىدۇ. دۇنيامۇ ھازىر نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىشقا باشلىدى».

گوردون چاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقاچان بىر يېڭى دوكلاتنى ياكى ئىدىيەنى ئېلان قىلغاندا بىر قىسىم كىشىلەر دەرھال بۇنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ ھۇجۇم قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغانىكەن. ئۇ بۇ خىل خاھىشنى تەنقىدلەپ، رېئاللىقنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تەتۈرىسىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

«مېنىڭچە ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ناچار ئەمەس. ئەمما بۇنىڭ ئۆزى ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ‍ئوبرازى ئۈچۈن جىق ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۆتكەندە بەزىلەر ‹ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ›، ‹ئامېرىكا ۋەيران بولۇش ئالدىدا› دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدى. ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەلىرىنى تەنقىدلەش ئاللىقاچان پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى رەتكە سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ئامېرىكانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغاندىن كۆپ ياخشى.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان «خىتاي خىرىسلىرىدىكى ئامىللار» ناملىق دوكلات ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ زور دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەر تېزدىن ھەرقايسى گېزىتلەردىن ئورۇن ئالماقتىكەن. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتى ئەينى ۋاقىتتا «كېننان دوكلاتى» پەيدا قىلغاندەك خىتاينىڭ ئاخىرقى ھېسابتا يىمىرىلىشىگە يول ئېچىشنى ئۈمىد قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.