ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى «خىتاي دۈشمەنلىكى»: ئىزچىللىق ۋە ئۆزگىرىشلەر
2024.01.30

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىزچىل خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ، ھەرقاچان خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت-نەزىرىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ بېيجىڭغا بېرىشىدىن باشلانغان «دوستانە ئالاقە» نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان ئۇزۇن مۇساپىلىك «گۈللىنىش» تىن كېيىن تەدرىجىي سوغۇقچىلىققا ئورۇن ئالماشتۇردى. بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك دىققەت قوزغىغان ئامىل شۇ بولدىكى، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە پەردىسى ئېچىلغان يىرىكلىك بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ روشەنلەشتى. شۇ قاتاردا «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى بايقۇت قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق شەخسلەر ۋە شىركەتلەرگە جازا ئېلان قىلىش تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، تېخنولوگىيە، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سۈركىلىش تېخىمۇ كۈچەيدى. ھالبۇكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، «خاماس» قا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلارغا پارچىلاۋاتقاندا خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا ئۈچۈن «دۈشمەن» لىك ئورنىدا قارىلىۋاتقانلىقى داۋاملىق بىلىنمەكتە.
پاترىك رايدېر:«خىتاي يەنىلا بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خىرىس!»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھەربىي ساھەسىنىڭ خىتايغا قانداق قاراشتا بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى مەيدانى 24-يانۋار كۈنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا تەكىتلەندى. شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى («بەش بۇرجەكلىك بىنا») دا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى، گېنېرال مايور پاترىك رايدېر (Patrick S. Ryder) بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «بىزنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى قىسىملىرىمىز دۇنيانىڭ بىرەر يېرىدىكى توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتىلگىنى يوق. بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى باش خىرىس دەل خىتاي ئامىلىدۇر» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بۇ باياناتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاستىن (Lloyd Austin) نىڭ «خىتاي بىزگە خىرىس قىلىۋاتقان ئەڭ زور كۈچ. بۇ ھۆكۈم بىز بۈگۈن، ئەتە ياكى كەلگۈسىدە ھەرقاچان دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان بىر خىرىسنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ.
گېنېرال مايور پاترىك رايدېرنىڭ بۇ خىلدىكى سۆزلىرى تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكى 2025-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان نىككى خالېي (Nikki Haley) نىڭ سايلام نۇتقىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. ئۇ 17-يانۋاردا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى باش ئەلچىسى بولغان مەزگىلدە نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھېچقاچان ئا ق ش نى «رىقابەتچى» دەپ قارىمىغان، ئەكسىچە ئاشكارا ھالدا ئۆزلىرى ئۈچۈن «دۈشمەن» دەپ ئېلان قىلغان. شۇنداق بولغانىكەن، ئۆزلىرىنى «دۈشمەن» دەپ قاراۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەزمەن ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە زېمىن سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلىش، خىتايلار سېتىۋالغان يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش، ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتاي تەسىرىنى تازىلاش قاتارلىقلار بۇنىڭدىكى مۇھىم تەدبىرلەر بولۇشى كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «خىتاي دۈشمەنلىكى» قارىشى ئۇشتۇمتۇت ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەس. ئالدىنقى يېرىم ئەسىرلىك مۇئامىلە جەريانىدا ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە «خىتاي ناۋادا خەلقئارا ئالاقە ۋە سودا تورىغا ئىشتىراك قىلسا تەدرىجىي ھالدا دۇنيانىڭ تەسىرىدە ئەركىنلىككە قاراپ ماڭىدۇ» دېگەن تەسەۋۋۇرغا ئىشەنگەن. ئەمما خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ياردىمىدە دۇنيا سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزمىنى كۈچەيتكەن، شۇنىڭدەك ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئەمما خىتاي باي بولغانسېرى ۋە قۇدرەت تاپقانسېرى ئەركىنلىككە مېڭىش ئورنىغا، ئەركىنلىكنى بوغۇشقا خۇشتار بولغان. نەتىجىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئۈمىدلىرى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولۇشقا يۈزلەنگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ترامپ دەۋرىدە باشلانغان خىتايغا قارشى مەيدان بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدىمۇ باش مەۋقەسىنى ئۆزگەرتمەستىن داۋام قىلغان.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئۈمىدكە تولغان مۇئامىلىنىڭ يىمىرىلىشى تەيۋەن مەسىلىسىدە ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقى داۋام قىلىۋاتقاندا خىتاينىڭ غەربنىڭ ياردىمىدە قولغا كەلگەن قۇدرەتنى ئىشقا سېلىپ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپى ھەمدە بۇ يېڭى تاجاۋۇزچىلىق باشلىنىپ قالسا ئامېرىكا ئۈچۈن «ئىككى قېيىققا مىنىپ قېلىش» تەك ناچار ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشى بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خېلى بۇرۇنلا ئېنىق قىلىپ «خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ئىشقا قوراللىق ئارىلىشىدۇ» دەپ جاكارلىغان. لېكىن يېقىندا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى 52 نەپەر ھەربىي مۇتەخەسسىس بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى باھالاپ «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغۇدەك ۋە ئۇنى ئىشغال قىلغۇدەك ھەربىي قۇۋۋىتى يوق» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكا جامائىتىگە تونۇشلۇق بولغان سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«تەيۋەن ۋەزىيىتىگە كەلسەك، مېنىڭچە خىتاي ئارمىيەسى ھازىر بۇ جايدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار 13-يانۋاردىكى سايلامنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنى كۆردى. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ جايدا قىلىۋاتقانلىرى تېرە تاراقشىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا بۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم بىر مەزگىلدە تەيۋەن بوغۇزى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا شاھىت بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ پەرىزىمچە خىتاي قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى مۇمكىن. ئەمما مەن فىلىپپىن ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ۋايىم يېمەي تۇرالمايمەن. چۈنكى بۇ جايدا خىتاي رەسمىي ھالدا دۈشمەنلەرچە ھەربىي ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتىدۇ. گەرچە ھۆكۈمىتىمىز خىتاينىڭ بۇ خىل تاجاۋۇزى ئوتتۇرىغا چىققان ھامان ئەينى ۋاقىتتىكى كېلىشىم بويىچە بۇنىڭغا قول تىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ خىتاي يەنىلا ئۆزى بىلگەننى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بەكمۇ خەتەرلىك بىر رايون. ئەمما خىتاي ھازىر قايناۋاتقان بىر قازانغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىگە كېسىپ بىرنەرسە دېگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ھۆكۈمىتىمىز يەنىلا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە باشقا جايلاردىكى ئەڭ يامان ئېھتىماللىقلارغا تەييارلىنىپ تۇرۇشى لازىم.»
«خىتاي دۈشمەنلىكى» ئاۋام ئۈچۈنمۇ ئورتاق قاراش بولماقتا
خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي چۈشەنچىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا تېزدىن ئۆسۈپ بېرىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ بىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاينى «رىقابەتچى» ياكى «دۈشمەن» دەپ قاراش مەسىلىسىدە بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭ بولماقتا. ئامېرىكا خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى «دۈشمەن» تىزىملىكىدە خىتاي، رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر باش رەتتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە تامام بولغان 2023-يىللىق راي سىناشلاردا بۇ مەسىلە مۇھىم تېما بولغان. «پيۇ» (Pew)، «گاللۇپ» (Gallup) قاتارلىق داڭلىق راي سىناش مەركەزلىرى تاماملىغان باھالاشتا 50 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاۋام خىتاينى «باش دۈشمەن» دەپ قارىغان؛ 30 پىرسەنتتىن ئارتۇق كىشى بولسا رۇسىيەنى «ئىككىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن» دەپ باھالىغان.
بۇ ھەقتىكى باھالاش ئوبزورلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ھال خىتاينىڭ ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم ئامېرىكا جامائىتى تەرىپىدىن «بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن» دەپ قارىلىشى ھېسابلىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ بۇ خىل باھاسى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەيدانىدىن پەرقلىق بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكى خىتاينى «باش دۈشمەن» دەپ قارىغان؛ دېموكراتچىلاردىن 30 پىرسەنت كىشى خىتاينى «باش دۈشمەن» دېگەن. بۇ ھەقتىكى باھالاشتا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ خىتاينى ئەڭ چوڭ دۈشمەن، دەپ قارىشىدا ھەممىگە تونۇشلۇق زور ۋەقەلەر مۇھىم رول ئوينىغان. جۈملىدىن جاسۇسلۇق ھاۋا شارى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك، تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان تەسىرى قاتارلىقلار بۇنىڭدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جون مېرشىمېر نۆۋەتتە رۇسىيەنى ئامېرىكا ئۈچۈن باش دۈشمەن، دەپ قاراشنىڭ زادىلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«ھازىر ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپلا نۇرغۇن كىشىلەر رۇسىيەنى ئامېرىكا ئۈچۈن بىرىنچى دۈشمەن، دەپ قاراشقا مايىل بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇرۇش ئۇكرائىنانى ‹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى› (NATO) غا ئېلىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن پارتلىدى. ھازىر رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوخشاشلا بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. ئەمما رۇسىيەنى ئامېرىكا ئۈچۈن باش دۈشمەن، دەپ قاراش پۈتۈنلەي خاتا. چۈنكى رۇسىيەنى بىز ئۈچۈن باش دۈشمەن، دېيىشتە چويلىغا توختىغۇدەك ھېچقانداق سەۋەب يوق. رۇسىيە ئامېرىكا ئۈچۈن ھېچقانداق تەھدىتمۇ ئەمەس. ھازىر بەزىلەر رۇسىيە توغرىسىدا ‹ئۇلار شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن غەربىي ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىدۇ› دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇنچىلىك ھەربىي قۇۋۋىتى يوق. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر نىيىتىمۇ بولغان ئەمەس. شۇڭا رۇسىيەنى بىز ئۈچۈن تەھدىت، دېيىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق».
خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى دۈشمەنگە ئايلىنىۋاتقانلىقى ئەنە شۇ يوسۇندا بارغانسېرى كۆپ ساھەگە يېيىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇنىڭ سىياسەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە رەسمىي بىر قارار ئېلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك بىر مۇساپە كېتىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو (Mike Pompeo) ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا (Leon Panetta) 30-يانۋاردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا «خىتاي دۈشمەنلىكى» مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقىلىدۇ.