«ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى» ۋە ئامېرىكا-ئىران كرىزىسى ئارىسىدا قالغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا. 2018-يىلى 16-ئاپرېل، فلورىدا.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا. 2018-يىلى 16-ئاپرېل، فلورىدا.
AP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق «سودا كېلىشىمى» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15‏-كۈنى ئاقسارايدا ئىمزالىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ، سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاش پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا بېلەت تاشلىغۇچى خەلق ئاممىىسنى قايىل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك رول ئوينايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ كېلىشىمگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شۇڭا ئەگەر بۇ بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان تەقدىردە بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا قاراتقان تەنقىدىي پوزىتسىيەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىغا قانداق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 5-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ CBS قانىلىنىڭ بىر پروگراممىسىغا قاتناشقاندا بۇ ھەقتە توختالغان. ئۇ بۇ «سودا كېلىشىمى» نىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تەنقىدلەشتىن توختىتىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە «مەن خىتايغا كۆپرەك مال سېتىش بەدىلىگە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئاجايىپ-غارايىپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆرمەسكە سېلىشتىن ئىبارەت بۇ كۆز قاراشنى ئەسلا قوبۇل قىلمايمەن. خىتاي بىلەن ئىمزالىنىدىغان سودا كېلىشىمىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى بۇ مەسىلىنىڭ داۋاملىق ھالدا چەتكە قېقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىدلەشتىن توختاپ قېلىشتەك پايدىسىز ئامىللارغا قارشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 15‏-يانۋاردىكى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ كېلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتىكەن. پرېزىدېنت ترامپ بولسا ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.

1‏-باسقۇچلۇق مەزكۇر كېلىشىم دەل «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان مەزگىلدە ھاسىل قىلىنغان ئىدى. گەرچە بۇ «قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پاتالاسىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىزمەت تەرىپى سەۋەبلىك 12‏-ئاي ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلماي، 2020-يىلىغا قالغان ئىدى.

ماركو رۇبىيو يەكشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تېزلىك بىلەن ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئەگەر «قانۇن لايىھەسى» نىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاۋاز بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرگەن تەقدىردە بۇ «قانۇن لايىھەسى» گە پرېزىدېنت ترامپنىڭ قول قويۇشنى رەت قىلىش ھوقۇقىمۇ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە يۈزلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەت خالىغان جايدا تەكىتلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئاددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدا قانچىلىك دەرىجىدە چىڭ تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ مەسىلىدە يېنىكلىك بىلەن قارار چىقارماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي سۆھبەتلىرىدىن باشقا، ئوتتۇرا-شەرقتە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن.

دەرۋەقە، ئامېرىكانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى 3-دېكابىر جۈمە كۈنى سەھەر سائەتلىرىدە باغدات خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئەتراپىدا ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمىغا قاراشلىق قۇددۇس برىگاداسىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا-ئىران ۋەزىيىتى قاتتىق جىددىيلەشكەن. پۈتۈن ئاخباراتلار يەنە ئوتتۇرا-شەرق ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشمەكتە. دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ ئىرانغا بۇرۇلۇشى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە ئامېرىكانىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بېسىمنىڭ پەسىيىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالارمۇ، دېگەن ئەندىشىنىمۇ پەيدا قىلدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» 6-يانۋار كۈنى ماركو رۇبىيونىڭ CBS قانىلىنىڭ بىر پروگراممىسىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزى ھەققىدىكى خەۋىرىدە خىتايدىكى لۇ شاڭ ئىسىملىك بىر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، لۇ شاڭ سۆزىدە «ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى سىموۋل خاراكتېرلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئامېرىكا-ئىران كىرىزىىسى چوڭقۇرلاشقان بىر پەيتتە پرېزىدېنت ترامپنى ‹ئۇيغۇر قانۇنى كارتىسى‹نى ئوينىمايدۇ،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە ئەگەر ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان بۇ كىرىزىسكە چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتكەن تەقدىردە بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تارىخىي خاتالىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت