شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى ئامېرىكانى خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

2020-يىلى 14-ئاۋغۇست، يەنى جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىسىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

15-ئاۋغۇست شەنبە ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بۇ يىل 1-ئايدا ھاسىل قىلىنغان «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» نىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن سىن يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان بولۇپ، سىن يىغىنىغا ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لەيتىزېر ۋە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې باش بولۇپ قاتنىشىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى سالىھ خۇدايار نامايىشتا قىلغان نۇتقىدا ئەتىكى بۇ يىغىننى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاكىمىيەت بىلەن تىجارىي مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە چاقىردى. ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق خەلقئارالىق سوتقا ئەزا دۆلەتلەر بۇ ئورگانغا ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك،» دېدى.

سالىھ خۇدايار نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ ھازىر ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قۇل ئەمگىكى بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن تىجارەت قىلىش ئەخلاقىي پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ئەمەس،» دېدى. ئۇ يەنە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر 3 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېرلارغا قاماپ 21-ئەسىردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەزىل ھاكىمىيەت بىلەن سودا قىلىشنى توختىتىشى كېرەك،» دەپ ئەسكەرتتى.

مەزكۇر نامايىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدىغان نارازىلىق شوئارلىرى بىلەن ئاياغلاشتى. نامايىش باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىگە ئېرىشتى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا يولغا قويغان «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم سەۋەبلىك يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يىرىكلەشكەن ئىدى. بىراق «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزى بانكاسىنىڭ باشلىقى يى گاڭ شەنبە كۈنىدىكى يىغىن ھەققىدە توختالغاندا: «مەيلى خەلقئارالىق ۋەزىيەت قانچىلىك ئۆزگەرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئامېرىكا بىلەن بولغان بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ھۆرمەت قىلىمىز، بىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىمىز،» دېگەن.

ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى لەررىي كۇدلوۋ بولسا «بىزنىڭ باشقا مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ناھايىتى چوڭ پەرقلىرىمىز بار. بىراق بىز بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى بويىچە بۇ ئۇچرىشىشقا قاتنىشىۋاتىمىز،» دېگەن.