ئانالىزچىلار: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەك»
2025.01.16

ئانالىزچىلار ئامېرىكانىڭ خىتايغا تۇتقان كەڭچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىنىڭ ۋە تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكادىكى خىتاي تەسىرىنى ئازايتىش ۋە خىتاي تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مايكىل سوبولىك «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» (Washington Examiner) خەۋەر تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي سىياسىتىدىكى ئايرىمىچىلىق، يەنى كەڭچىلىكنى (cronyism) ئازايتىشى كېرەك» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئايرىمىچىلىق ۋە كەڭچىلىكتىن خالى ھالدا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە ئىجرائاتلارغا مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىكى روژدېستۋو بايرىمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. باياناتچى مايك جونسون ۋە رەئىس جون مولېنار دەرھال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلىدى. ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سودا «يوچۇق» (loophole) لىرنى تاقاش. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىيو-تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى ئۈزۈش. ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەكىلدە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە خىزمەت قىلىدىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يۇقىرىدىكى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىنى ئايرىمىچىلىق، يەنى كەڭچىلىك (cronyism) دېگىلى بولامدۇ؟ بۇنى بىلەيمەن. لېكىن مەن ئۇنىڭ ئامېرىكانى تەنقىد قىلغان كۆپ نەرسىلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن. مەنچە خىتاي بىلەن رىقابەت قىلىش ئامېرىكاغا بەك قىممەتكە توختايدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي، دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي جەھەتتە رىقابەت قىلىش ئۈچۈن تەمىنلىشى كېرەك بولغان خامچوت چىقىمى بولىدۇ. يەنە بىرى شۇكى، تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇش بەك قىممەتكە توختايدۇ. بىلگىنىمىزدەك خىتاي ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچى. بۇ ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن باھانى يۇقىرىلىتىدۇ. »
بايدېن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 13-سېنتەبىر ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغانىدى. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەدبىرىدە ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجىغا مەنسۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ سېتىلىشىنى چەكلەيدىكەن. شۇنىڭدەك 800 دوللارغىچە بولغان پوسۇلكىلارنىڭ بۇرۇنقىدەك تەكشۈرۈلمەستىن ۋە باج قويۇلماستىن ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدىكەن. تەنقىدچىلەر، ھەر كۈنى 4 مىليون پوسۇلكىنىڭ تاموژنىدىن تەكشۈرۈلمەي ئۆتۈشىنى «يوچۇق» (loophole) دەپ ئاتىغان شۇنىڭدەك بولۇپمۇ، شېئىن ۋە تېمۇغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق پارچە ساتقۇچىلىرىنىڭ بۇ «يوچۇق» تىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەرنى بىۋاسىتە ئامېرىكالىقلارغا سېتىشىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ «يوچۇق» نۇرغۇن ئامېرىكالىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك فانتانىلنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا خالىغانچە كىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئايرىمىچىلىق ۋە كەڭچىلىكتىن خالى بولغان ھالدا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە ئىجرائاتلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن يېڭى قانۇنلار تۈزۈپ ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھەقىقىي مەسىلە شۇكى، ئامېرىكانىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا سودا ۋە تىجارەت قىلىشى بىلەن ئاجىزلىشىشىدۇر. بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە باي شەخسلەر سىياسىيونلارغا سايلامدا ئىئانە قىلىش ۋە باشقا پايدىلارنى بېرىپ بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. يەنى بۇنىڭ بەدىلىگە خىتايغا قارشى ئاجىز سىياسەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يېڭى قانۇنلار تۈزۈپ رەقىب ھاكىمىيەتلەرنىڭ بايلىرىمىز بىلەن سىياسىي رەھبەرلىرىمىز ئارىسىدىكى قانۇنلاشتۇرۇلغان چىرىكلىك ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق تۈزىتىش كېرەك. بۇنى تۈزىتىش بەك قېيىن، بۇ خۇددى تۈلكىنىڭ توخۇ قەپىزىنى قوغدىغاندەك بىر ئىش. سىياسىيونلار ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئاساسى بولغان پۇل مەنبەسىگە قارشى قانۇن چىقىرىشنى خالىمايدۇ. بۇنىڭ جاۋابى، ھازىرقى بىر تۈركۈم (گۇرۇپپا) چىرىك سىياسىيونلار يوقالغاندا، يەنى ئىشتىن ئايرىلغاندا پەقەت 10 ياكى 20 يىلدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇن بولۇشى مۇمكىن.»
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىپ كەلگەن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ، تىز ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىپ كەلگەن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك تەدبىر قوللانمايدۇ شۇنداقلا تېز ۋە جىددىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلمايدۇ. يادرولۇق مەسىلە، ئېيزىنخاۋېردىن كېيىنكى ھېچقانداق پىرېزىدېنت خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە ئامېرىكا خەلقىگە پاكىت ۋە مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارغا ئاساسەن سۆز قىلمىدى. نەتىجىدە، دۆلەت مەجلىسى خۇددى ئومۇمىي تىنچلىق دەۋرىدىكىدەك ھەرىكەت قىلماقتا. شى جىنپىڭ ئامېرىكالىقلارنى ئۆلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا. توككۋىللې (Tocqueville) ئېيتقاندەك، دېموكراتىك دۆلەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن تىنچتۇر. ئۇلار تەھدىتنى تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا خاتا بىر شەكىلدە ئاستا ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز ھازىر چوڭ خەتەرگە دۇچ كەلدۇق».