ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكلەرنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا كۈچلۈك سەھنە بولغانىدى. بۇ يىل 28-ئىيۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا رەسمىي باشلانغان «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» مۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلارنى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلتىشقا كەڭرى سەھنە ھازىرلاپ بەردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ۋە توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور كاترىنا لانتوس سۋىت (Katrina Lantos Swett) خانىم باشچىلىقىدىكى مەزكۇر خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلدى. مەزكۇر يىغىن ئىنسانلارنىڭ دىنىي كىملىكى سەۋەبىدىن كەمسىتىلىشكە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ شۇئارى «ھەر بىر ئىنسان ھەرقانداق جايدا، ھەر ۋاقىت دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن.

27-ئىيۇن كۈنى، يەنى مەزكۇر مۇنبەر باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خەلقئارادىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ۋە «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىق» تىن ئىبارەت ئايرىم-ئايرىم ئىككى تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
27-ئىيۇن كۈنى چۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خەلقئارادىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يغىنىدا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇرى تۈركەل سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەت نىشانى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ يەنە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە سورالغان سۇئالغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى دىنغا قارشى بىر پارتىيە. تەبئىيكى، خىتايدا دىنغا ئائىت ھەر قانداق نەرسە كومپارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە بويسۇندۇرىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار دائىم ‹ئۆزگەرتىش› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنى ‹ئاتېئىست›، يەنى دىنسىز بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ، شۇنداقلا مەجبۇرىي ھالدا ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. بىز نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان رەھىمسىز باستۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن بىز ئەمدى نۆۋەت كىمگە كېلىدۇ، دېگەننى ئويلاپ بېقىشىمىز كېرەك. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە شۇنداقلا خىتاي خەلقىمۇ كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىگە دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئاجىز ئېتنىك گورۇپپىلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسەتلىرىگە ھۇشيار بولۇشى كېرەك.»
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرى بىرلىكتە خىتاي، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كۆزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان.
2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇسۇلمان دۇنياسىغا ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
27-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كىيىن «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىق» تىمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا سام بروۋنبەك ئەپەندى ۋە كاترىنا لانتوس خانىم قاتارلىقلار ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، روھىنگا ۋە يەزىدىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىر-بىرلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلار سۆزلىرىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئېتنىك ۋە دىنىي توپلۇقلار بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق كېڭەشكە قاتناشقان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «زۇلۇم ھەممە يەردە زۇلۇم، زالىم ھەممە يەردە ئوخشاشلا زالىمدۇر، شۇڭلاشقا زالىملارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلار ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك!» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق ئۈچ كۈنلۈك دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىزچىل كۈنتەرتىپتە تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بىر خەلقئارالىق مۇنبەردە ئۇيغۇر مەسىلىسنى دىنىي ساھەدىكىلەرگە ئاڭلىتىش ناھايىتى مۇھىم.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتلەرنى ئاخمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى قوللىغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باياناتچىسى ئامجاد ماخمۇد خان مۇنداى دېدى: «بىز ‹2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى› نىڭ شۇئارى بولغان-‹ھەر بىر ئىنسان ھەر قانداق جايدا ھەرۋاقىت دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە بولۇش› نىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەگەر بىز بۇنىڭ مۇمكىن بولدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن بولساق، بۇ يەردە بولمىغان بولاتتۇق.»
2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى 28-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن.