ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خىتاي ھەققىدىكى 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» نى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «خىتاي ھەققىدىكى 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى. 2020-يىلى 8-يانۋار. ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «خىتاي ھەققىدىكى 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى. 2020-يىلى 8-يانۋار. ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھەقلەرنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات تەييارلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا خىتايدىكى ئەھۋاللار توغرىلىقمۇ يىلدا بىر قېتىم مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىدۇ. دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ تەييارلىغان «خىتاينىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» دا 2018-يىلى ئاۋغۇستتىن 2019-يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان ئەھۋاللار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 8-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جىم مەكگوۋېرن ئەپەندى سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە يامانلىشىش ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بىر سىگنالنى يوللاشنىڭ ھازىر بەكمۇ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى خوڭكوڭ ھەققىدە قانۇن ماقۇللىغاندەك يېقىندا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى پات يېقىندا قانۇنغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە خىتايدا باش كۆتىرىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىق خاھىشىنىڭ خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر زور قاباھەتتىن بىشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە كېلىشىملەرگىمۇ خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ ئوتۇررىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشىدا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن ئېيتقان ئەھۋال 2019-يىللىق دوكلاتتىمۇ ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئىدىئولوگىيەلىك كونترولۇققنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى كۆپلەپ قولغا ئېلىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرلىرىنىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا تەدبىقلىنىشى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەنىدى. 

شۇ قاتاردا سۆز قىلغانلاردىن خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ماركو رۇبىيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا نەزەر سالغاندا ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا ئۇنىڭ تاشقى دۇنيا ئۈمىد قىلغان يۆنۈلۈشنىڭ ئەكسىگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا تېخىمۇ ئىلغار ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ زۇلۇمنى ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ماركو رۇبىيونىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق شەخسلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى سان جەھەتتە تېزدىن ئاشقان شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىمۇ «ئانچىكىملا بىر ئىش ياكى ئوينىغاننىڭ ئورنىدىكى بىر ئىش» دېگەندەك ھالغا ئوخشاپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل زىيانكەشلىكلەرنىڭ سانى تېزدىن ئېشىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن بۇلاردىن «كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ۋەقەنى ئاڭلاپ بولغۇچە ئۇنىڭدىنمۇ قەبىھ يەنە بىرى يۈز بېرىدىغان» ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بۇ ھەپتە كۆرۈلگەن بىر ياۋۇزلۇق كېيىنكى ھەپتىسى بارلىققا كەلگەن بىر ۋەھشىلىك تۈپەيلىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە يۈز تۇتقان. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بۇ خىلدىكى شەخسلەرگە زىيانكەشلىك قىلمىشى شەخسلەردىن ھالقىپ، پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئوينىشىدىغان قەبىھلىككە يۈزلەنگەن. ھازىر بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىساللىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، چېقىلمىغان مەسچىتلەرنىڭ قۇببىلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد بەلگىسى بولغان ئاي-يۇلتۇزلارنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىشى، ئىماملارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭ يۈزلىگەن ئۇيغۇر قەبرىلىرىنى بۇزۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى كۆپلەپ كۆرۈلمەكتە. 

بۇ ئەھۋاللار دوكلاتتىمۇ ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا دىنىي ئېتىقادنى بىۋاستە كونترول قىلىشقا ئۆتۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىكى ئېغىر زىيانكەشلىك ھادىسىلىرى ئىسلام دىنىدا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ھالنىڭ ھازىر خىرىستيان، فالۇن تەرىقىتى، بۇددىزىم قاتارلىق دىنلارغا كېڭىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ھەم دىنلارنى ھەم ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى تەپسىلى بايان قىلىنغان ئىدى. 

ماركو رۇبىيو سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇشلارنى نەزەرگە ئالغاندا ھازىر ئاخىرقى ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ بەكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ توغرىسىدا يەنىمۇ زور خىزمەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۆزى ۋە باشقا پالاتا ئەزالىرىنىڭ داۋاملىق بۇ لايىھەنىڭ ماقۇللىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ نۆۋەتتە گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش كۆپلىگەن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئامېرىكادا ۋە باشقا جايلاردا ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئورنىدا جازالىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاددىي بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. 

دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەھۋالىغا مەخسۇس بىر باپ ئاجرىتىلغان بولۇپ، لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەر ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى تەپسىلى بايان قىلىنغان ئىدى. خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە توختالغاندا بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تاشپولات تېيىپ، راھىلە داۋۇت، ئابدۇغۇپۇر ئابدۇرۇسۇل قاتارلىق شەخسلەر ئالاھىدە مىسال قىلىنغان ئىدى. يەنە كېلىپ پۈتكۈل دوكلاتنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىدە، جۈملىدىن پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئاياللارنىڭ خارلىنىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى دېگەندەك باپلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئەڭ تىپىك مىسالنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئېلىنىشى ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېزىلىۋاتقانلىقىنى مانا مەن، دەپلا نامايەن قىلىپ بېرەتتى. 

مۇراسىمدا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىسمۇ سۆز قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىدىنمۇ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «شى جىنپىڭ ھازىر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنى قىيناش بىلەن مەشغۇل بولماقتا» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ شۇنداقلا مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ «سەن ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق قىينايمىز» دېگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى سېپى ئۆزىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ «بۇ ئىشلارغا شى جىنپىڭ بىۋاستە سەۋەبكار» دېدى. 

ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان، شۇنىڭدەك ئاللىقاچان «قىرغىنچىلىق» قا ئايلىنىپ بولغان زۇلۇمنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك قاتتىق توندا ئەيىبلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ھازىرقى ئاچچىق رېئاللىق سەۋەبلىك مۇشۇ خىلدىكى دوكلاتنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى، چۈنكى خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ زۇلۇم شەكىللىرىنىڭ ھېچقانداق بىر مەملىكەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئۇرغۇلۇق ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى شەخسلەر تۈرلۈك تېمىلار بويىچە سوئاللار سورىدى. كومىتېت ئەزالىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن جاۋاب بەردى. پائالىيەتكە خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتى كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئالاھىدە مەزمۇن قوشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت