«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى: «خىتاينىڭ شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان گۇلاگلىرىنى تاقاش كۇپايە قىلمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان گۇلاگلىرىنى تاقاش كۇپايە قىلمايدۇ» ناملىق ماقالە. 2020-يىلى 10-يانۋار.
«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان گۇلاگلىرىنى تاقاش كۇپايە قىلمايدۇ» ناملىق ماقالە. 2020-يىلى 10-يانۋار.
Photo: RFA

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بەرپا قىلغان ۋە ئىرقىي كەمستىش ئۈستىگە قۇرۇلغان سىستېمىسى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلار قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زېمىننىڭ يەرلىكلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن سىستېمىلىق ھالدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان.

ماقالە تۆۋەندىكىدەك باشلىنىدۇ: «سىز بىرىتانىيەدىن 7 ھەسسە چوڭ زېمىننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇنىڭ نېفىت زاپىسى ئىراق بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك مول، ئۇنىڭ كۆمۈر زاپىسى گېرمانىيەنىڭكىدىنمۇ كۆپ. يەنە كېلىپ، دۇنيادىكى پاختىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى مانا بۇ يەردە ئىشلىنىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ بۇ يەر يەنىلا قەلەندەر. ئۇ يەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى بوتسۋانا بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك. ئۇ يەر پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بومبا. ئۇيەردىكى خەلق ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. بىر گۇرۇپپا بارلىق ھوقۇق ۋە بايلىققا ئىگە. يەنە بىر گۇرۇپپا بولسا گۇلاگلارغا سولىنىپ، قانداق قىلغاندا بايراق گۇرۇپپىغا ئوخشاش بولۇش ھەققىدە قايتا تەربىيەلەنمەكتە›». 

ماقالە ئاپتورى بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كەمبەغەللىك دەرىجىسىنى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بوتسۋاناغا سېلىشتۇرغان. 

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەي، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى يەنى «بىڭتۈەن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىستېما ئارقىلىق باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتلىرىنى «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» دەپ ئاتاپ، رايوندىكى زىددىيەتلەرنى قەستەن كۆپتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلغانلىقى تونۇشتۇرۇلۇپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنچە نارازى بولۇشىدىكى سەۋەب خىتاي خوشنىلىرىنىڭ ئۇلارنى پەس كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشىدۇر» دەپ ئىزاھلانغان. 

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ماقالىدە رايوندا «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھازىرقىدەك ئورۇنغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇنداق ماقالىلەرنى كۆرۈش ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمەن. چۈنكى، بۇ سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ لاگېرلارغا مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارغا يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە تىل-مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقى ۋە لاگېرلارنى تاقاش ئارقىلىقلا بۇ زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. بۇ ماقالىنى مەن رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ پەقەتلا ئۆتكەن يىل ئوتتۇرىغا چىققان لاگېردىنلا ئىبارەت ئەمەس بەلكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقتتىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان بىر زۇلۇملۇقىنى سەمىگە سېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن». 

دەرۋەقە «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلنىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا تۇرۇپ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن قاتتىق نارازى بولغانلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان: 

«نۇرغۇن خىتايلار بۇ يەردە ئۆزىنى خۇددىي پادىشاھتەك ھېس قىلىدۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ. ھەتتا كومپارتىيە ھوقۇقنى تارتىۋالغاندىن كېيىنلا يەنى تا 1950-يىللاردا كەلگەنلەرمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولۇپ باقمىغان.» 

ئۇنىڭدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە زور ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولغان بىڭتۈئەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تەرتىپى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بىڭتۈئەننىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم ساقچىسى، دوختۇرخانىسى، گېزىتى ۋە ھەتتا ئايرىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بارلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى، ئىقتىسادىنى مونوپول قىلىۋالغانلىقى، بىڭتۈئەننىڭ ھەتتا ئېتىزلىقتىكى ئىشچىلىرىنىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەيدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلغان. 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بىڭتۈئەننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى بۇنچە نارازى قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى «بىڭتۈەنگە كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازلار ۋە ئىقتىسادىي مونوپوللۇق،» دەپ ئىزاھلىدى. 

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدىمۇ، بۇنداق سىستېمىنىڭ تەبىئىي ھالدا نارازىلىق ۋە مۇقىمسىزلىققا يول ئاچىدىغانلىقى، چۈنكى بۇ زېمىندا ئەلمىساقتىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى 3-دەرىجىلىك پۇقرادەك ھېس قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدە مۇنۇلار دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خەلقلەرنى بۇرۇت قويغان ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ناماز ئوقۇغان، دېگەن باھانىلەر بىلەن لاگېرلارغا سولاپ قويۇشى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ غەزەپكە كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە يول ئاچىدۇ». 

ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاياقلاشقان: «لاگېرلار چوقۇم يوقىتىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىڭتۈەن ۋە بىڭتۈئەن تەرىپىدىن بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان ئىرقىي ئايرىمىچى سىستېمىمۇ يوقىتىلىشى كېرەك. مانا بۇنى ئوتتۇرىغا قويغانلار بولسا زالىملارچە جىمىقتۇرۇلدى. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ».

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ لاگېرلارنى تاقاشلا ئەمەس بەلكى بىڭتۈئەندەك سىستېما يوقىتىلىپ، خىتاي كۆچمەنلەر قايتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ھەقىقىي تۈردە ئۆز ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىلا ھەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

دوكتور سوفى رىچاردسون خانىممۇ سۆزىدە ھازىرقى ئەمەلىيەت گەرچە بۇنىڭدىن بەك ئۇزاق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە قارار بېرىش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى شۇندىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت