ئامېرىكا مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش پروگراممىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ داخىل قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-02-11
Share
ئامېرىكا مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش پروگراممىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ داخىل قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 10-فېۋرال كۈنى گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2021-يىلى 10-فېۋرال.
uscirf.gov

ئامېرىكا خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 10-فېۋرال گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا مۇساپىرلار ۋەزىيىتى، ئامېرىكانىڭ مۇساپىرلار سىياسىتى، مۇساپىرلىققا قوبۇل قىلىش، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ رەسمىيەت ئىشلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆچمەنلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ، سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. «دىنىي زىيانكەشلىكتىن قاچقان مۇساپىرلار» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش پروگراممىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ داخىل قىلىنىشى، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ تېزلىتىلىشى تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا «دۇنياۋى قۇتقۇزۇش» نامىدىكى خەلقئارا خرىستىيان ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېننىي ياڭ، دۇنيادىكى مۇساپىرلارنىڭ خېلى زور سالمىقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا مىقياسىدا 340 مىليوندىن ئارتۇق خرىستىيان دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر زىيانكەشلىككە دۇچ كەلدى. باشقا ئاز سانلىق دىنىي توپلارمۇ ئوخشاش تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بېرمالىق روھىنگالارنى ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

جېننىي ياڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش پىلانىغا ئەمەل قىلىشى كەرەك ئىكەن. جېننىي ياڭ «دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى ۋە يولغا قويۇشىنىڭ مۇھىم قەدىمى، مۇساپىرلارنىڭ يۇقىرى سانلىق چېكىنى كۆپەيتىش، ئامېرىكانىڭ بۇرۇنقى مۇساپىر قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا مۇساپىر پروگراممىسىنىڭ چەت ئەلدىكى رەسمىيەت خىزمىتى، دۆلەت ئىچىدىكى مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇش ۋە قوللاشتۇر،» دېدى.

يىغىندا يەنە يەھۇدىي كۆچمەنلەر ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە دىرېكتورى مارك خېتفېلد گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 2021-يىللىق خامچوت پىلانىدا ئىراق ۋە سۈرىيەلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، ئۇيغۇر ۋە روھىنگا مۇساپىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارك خېتفېلد مۇنداق دەيدۇ: «بىز پرېزىدېنت جىددى ئەھۋال بۇيرۇقىنىڭ 2021-يىللىق مالىيە خامچوت پىلانىدا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر خىزمىتى ئىدارىسى ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بولۇپمۇ ئىراق، سۈرىيەدىن كەلگەن دىنىي، ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى، بېرمادىن كەلگەن روھىنگالارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى قارشى ئالىمىز.»

بىراق مارك خېتفېلدنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا نۇرغۇن مۇساپىر ۋە سىياسى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ يىغىلىپ كېتىشى ئامېرىكانىڭ بۇزۇلغان كۆچمەنلەر سىستېمىسىغا چېتىشلىق ئىكەن. ئۇ: «ئامېرىكىدا مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پاناھلىق ئىشلىرى ئامېرىكانىڭ بۇزۇلغان كۆچمەنلەر سىستېمىسىغا چېتىشلىق. بۇنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر كۆچمەنلەر سوتىدا بىر مىليون 300 مىڭ دېلو يىغىلىپ قالدى. بۇ نۇرغۇن سىياسى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ئانا ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىقىدا يىغىلىپ قالغان 600 مىڭغا يېقىن مۇسبەت پاناھلىق دېلوسى بار،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا 80 مىليون ئادەم يۇرت-ماكانسىز قالغان. يىغىندا ئامېرىكا خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىياسى پايدا ۋە سىياسى مەنپەئەتنى، دەپ 80 مىليون ئادەمنىڭ ماكانسىز قېلىشىغا يول قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا جەمئىيەت يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە يەزىدىلەر، روھىنگالار ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى 3 ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەركىتىگە شاھىت بولدى. مانا بۇ 80 مىليون ئىنساننىڭ ماكانسىز قېلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ھەل قىلمىدى. سىياسى پايدا ۋە سىياسى مەنپەئەت، سىياسەتچىلەرنىڭ قارشى ھەرىكەت قىلماسلىقى بۇنىڭغا يول ئاچتى. ھەتتا ھازىرمۇ دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدەك دۆلەت بىلەن سودا قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ كېچىكىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تەكشۈرۈش باسقۇچىنىڭ جىددىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى، چۈنكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئالاقىدار نۇرغۇن كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقى، بۇنداق كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى.

نۇرى تۇركەل مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار يۇرت-ماكانسىز مۇساپىرلار، دەپ قارىلىدىغان بۇنداق تۈردىكى مۇساپىرلار ئەمەس. خىتاي ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىشىغا يول قويمايدۇ. يېقىنقى 4 يىل مابەينىدە مۇساپىر بولغانلار يوق. ئۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇن ئايرىلغانلارنىمۇ ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىپ قايتۇرۇپ كەلگەن. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قازاقىستان، تايلاند، كامبودژا، مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى كۈردۇق. بۇ ئەھۋالدا بىزنىڭ تەكشۈرۈش باسقۇچىمىز جىددىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇر بەك كوپ.»

نۇرى تۈركەلنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى سوئالىغا ئامېرىكا نۇپۇس ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى لېئون رودرېگۇز جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دىدى: «كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، نۆۋەتتە بىز كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇر دېگەننىڭ قانداق مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى قايتا قاراپ چىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. بەلكىم بىز گۇمانلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا بۇ خىل ئۇچۇرلار گۇمان ۋە دىققەتنى قوزغىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ سىزىقتىن ھالقىپ كېتىشى ناتايىن.»

لېئون روزرېگۇز يەنە نۇرى تۈركەلنىڭ «قانداق ئامىل سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ كېچىكىشىگە سەۋەب بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئاللىغا، ئەڭ ئۇزۇن كېچىكىشنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇچۇردىكى كەمتۈكلىك تۈپەيلى قارار بېرىشكە ئامالسىز قالغاندا يۈز بەرىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئەڭ ئۇزۇن كېچىكىشكە بىز مۇساپىر قوبۇل قىلىش كۆپەيگەن ۋاقىتلاردا، شەخسلەر مەسىلىنى ئىنكارمۇ قىلمىغان، ئېتىراپمۇ قىلمىغاندا شاھىت بولىمىز. بۇنىڭدا قىلچىلىك بىر ئۇچۇر بىلەن پۈتۈنلەي گۇناھسىز بولۇپ چىقىدىغان ئادەملەر بولىدۇ. بىراق تولۇق ئىشەنچ قىلالمىغانلىقى ئۇچۇن قارار بېرەلمەيدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردا بىز بۇ دېلولارنى قانداق قىلىشنى ئويلىشىپ قالىمىز. چۈنكى بۇ بىر ئاز گۇمانلىقتەك تۇيۇلۇپ، ھېچكىم قارار قىلالمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا دېلونى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىمىز.»

مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى پرېزىدېنت بايدېن 4-فېۋرال ئامېرىكانىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىدىغانلىقى، 2021-يىلى 62 مىڭغا، 2022-يىللىق پىلاندا 125 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكانىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىشى 2020-يىلى 15 مىڭغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ جەرياندا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنىڭمۇ پاناھلىق رەسمىيىتى ئاستىلاپ كەتكەن. نۇرغۇن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۆھبەتكە چاقىرىلىشىنى ياكى پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت