ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى سكوت بۇسبي: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا»

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى سكوت بۇسبي ئەپەندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى سكوت بۇسبي ئەپەندى.
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت بۇسبي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سكوت بۇسبي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بيۇروسىنىڭ مەسئۇل رەھبىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئۈستىدە دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقى بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىقى جەريانىدا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئادەمنىڭ خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 

ئۇنداقتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاگېر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ لاگېرلاردىكى مەھبۇسلارنىڭ سانى ھەققىدىكى پەرەزلىرىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ ئامېرىكا خىتاي سودا دىئالوگى ئۇيغۇر مەسىلىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ سۆھبىتىمىز مۇشۇ خىلدىكى سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا داۋام قىلدى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى لاگېرغا قامالغان 4 ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سىزمۇ دۆلەت مەجلىسىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدىڭىز. ئەمما ھازىغا كەلگۈچە بايانات بېرىپ قويۇشتىن باشقا خىتايدىكى لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق كونكرېتنى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى؟

سوئاللىرىڭىزغا ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان دەھشەتلىك ئىشلار ھەققىدە سۆزلەش پۇرسىتى بەرگەنلىكىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن! بىز ئەڭ كۆپ ۋاقىت ئاجراتقان ئىشلارنىڭ بىرى بولسا شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش بولدى. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ كەلدۇق، شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق، شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەسناسىدا باشقا ئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ يىغىندىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردۇق. پائالىيەتلەر مەركەزلىك ھالدا شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە بېغىشلاندى. پائالىيەتلەرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئالاھىدە كۆپ بولدى. 

خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىر نەچچە ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ لاگېردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلىدى. بىز ئاساسلىقى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجراتتۇق. ھازىر دۇنيا ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

بىز نۆۋەتتە ئويلىشىۋاتقان باشقا ۋاسىتىلەرمۇ بار، ئەمما مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچكى جەھەتتە مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلالمايمەن.

بۇ مەسىلىنى سىلەر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان خىتاينىڭ ئالدىغا قويدۇڭلار؟

مەن بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان خىتاينىڭ سەمىگە سېلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ بىز ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تېخى بۇ ھەپتە لوندونغا بارغاندا بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالدى. شۇڭلاشقا بۇ مەيلى مەخپىي ياكى ئاممىۋى شەكىلدە ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىدۇر. 

خىتاي توختاپ قالغىنى يوق، بىز بۇ لاگېرلارنىڭ ئىزچىل ھالدا كېڭەيگەنلىكىنى كۆردۇق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن قايسى كونكرېتنى خىزمەتلەرنى قىلماقچى؟

بەزى كىشىلەرنىڭ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشتىن، ئۇنى ھازىر «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئېتىراپ قىلىشى، خىتاينىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلالماسلىقى، رەسمىي زىيارەتلەرنى تەشكىللەپ، باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى، ئاخبارات ۋەكىللىرىنى ئۇنىڭ ئۇنداقمۇ ناچار يەر ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولۇشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا بەكرەك كۈچەيدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

بىز ھازىرغىچە قىلغان خىزمەتلەر ئۈنۈم بېرىشكە باشلىدى. ئەمما بىز يەنە باشقا چارىلەرنى ئىشقا سېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ چارىلەر ئۇلارنىڭ بۇ رايوندا يەنە باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن توسۇپ قالىدۇ، دېگەن ئۈمىدتىمىز.

سىز ئىلگىرى گۇۋاھلىق بەرگەندە لاگېرلارغا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ قامالغانلىقىنى ئېيتقانتىڭىز. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ چۈنكى بۇ ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىدى.

شۇنداق، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇكەممەل پەرىزىمىزچە، ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مىليون ئادەم بۇ لاگېرلاردا داۋاملىق ياتماقتا. يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ لاگېرلار ياكى باشقا ئورۇنلارغا كۈندە مەلۇم مۇددەتتىن بېرىشقا مەجبۇرلانماقتا. ئەمما بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزچە، ھازىر ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم بۇ لاگېرلارغا قاماقلىق.

بۇ ئورۇنلارغا بېرىلگەن شەرھ مەسىلىسىگە كەلسەك، بەزى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ياكى كۆزەتكۈچىلەر بۇلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتاۋاتىدۇ، بەزى تەتقىقاتچىلار «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دەپ ئاتىدى، ئەمما خىتايلار سىز باشتا دەپ ئۆتكىنىڭىزدەك بۇلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاۋاتىدۇ. سىزنىڭچە بۇ ئورۇنلارنى نېمە دەپ ئاتاش مۇمكىن؟

ئېنىقكى، ئۇلار خىتاي ئېيتقاندەك «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئەمەس. بۇ لاگېرلارغا ئىنتايىن ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەرمۇ ۋە يۇقىرى دەرىجىدە نەتىجە قازانغان كىشىلەرمۇ كۆپلەپ قامالغان. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ لاگېر ھەققىدىكى ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يالغانغا چىقىرىدۇ. بۇ لاگېرلارنى نېمە دەپ ئاتىشىمىز كېرەك، دېگەن تېمىدا كۆپ توختالغۇم يوق، ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بۇ لاگېرلارغا قامالغان. ئۇلار ئۆز ئىرادىسىگە قارىشى بۇ يەرگە بەند قىلىنغان، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بولسا، بەزىلىرى ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى دەپسەندە قىلىنىدىغان مۇئامىلىلەر ياكى جازالارغا ئۇچرىماقتا. بىز يەنە بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ لاگېرلاردا ئۆلگەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. ئېنىقكى، لاگېردا ھەقىقەتەنمۇ دەھشەتلىك ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ.

شۇنى تەكىتلىسەم، ئەپسۇسكى، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى قىلمىشلىرى بىلەن ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن بۇيان بارلىق دىنلارغا دەرىجىدىن تاشقىرى دۈشمەنلىك قىلىپ كەلدى. بۇلارمۇ بىزنى ئەڭ ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

خىتاي بۇ ئورۇنلارغا قارىتا ھەرخىل زىيارەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، مۇخبىرلارنى، دىپلوماتلار ئاپىرىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ ئورۇنلارنى تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپ باقتىمۇ؟

بىز ئۇ لاگېرلارنى ئۆز ئالدىمىزغا تەكشۈرۈشنى بىر نەچچە قېتىم تەلەپ قىلدۇق. بەزى دىپلوماتلىرىمىز شىنجاڭغا بېرىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان بولسىمۇ، ئەمما بىزگە ئۇ لاگېرلارنى ئۆز ئالدىمىزغا تەكشۈرۈشكە رۇخسەت بېرىلمىدى. 

بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى ئۆز ئالدىغان تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە خىتايغا بېشىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟

ئەلۋەتتە، بىز ئۇ ئورۇنلارغا كىرىپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىز خىتايدىن ب د ت خادىملىرى، بىزگە ئوخشاش مەۋقەدىكى باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرىغىمۇ لاگېرغا كىرىشكە رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئەمما ھازىرغىچە بۇنىڭغا مۇمكىنچىلىك بولمىدى.

خىتاي شۇنچە قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سادىر قىلىپ تۇرۇپلۇقمۇ نېمە ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىمىدى؟ ئەگەر باشقا بىر دۆلەتتە ھەرقانداق ئىرققا تەۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم لاگېرلارغا قامالغان بولسا بۇ چوقۇم خەلقئارالىق كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرگە يولۇققان بولاتتى. خىتاي قانداقسىگە بۇنداق ئەيىبلەشلەردىن قۇتۇلۇپ قالدى؟

بىرىنچىدىن، شۇنى تەكىتلەش مۇھىمكى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لاگېردىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ناھايىتى كۈچلۈك بىر بايانات ئېلان قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ قەدەر كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلغانلىقىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇق.

توغرا ئېيتىسىز، يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېمەيلا قالماي، بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاقلىدى. ئەپسۇسكى، بۇنى خىتاينىڭ ياردەم، سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىدىغان بېسىمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبلەردىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر شىنجاڭدا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەسىلىسىدە ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن ئەندىشە قىلىشىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكادا «خەلقئارا ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنى جازالاش پىكرى مۇزاكىرە قىلىنماقتا. ئەمما، ھالا بۈگۈنگىچە بىرمۇ خىتاي ئەمەلدارى جازالانغىنى يوق. بۇنىڭدىكى سەۋەب نەدە؟

ئىقتىسادىي جازا قويۇش مەسىلىسى مۇرەككەپ بىر مەسىلە. بىزنىڭ جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشىمىزغا مۇۋاپىق قانۇنىي ئاساس بار-يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە بۇ قانۇننى ئىجرا قىلساق بۇنىڭ بىز كۈتكەندەك ئۇنۇم بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ قارار ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئامىللارنىمۇ مۇلاھىزە قىلىشقا، بۇنى مۇۋاپىق پەيتى كەلگەندە دېگەندە يۈرگۈزۈشكىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. 

يېقىندا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىگە قارىغاندا، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىقتىسادىي جازانىڭ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىگە ئەكس تەسىر بېرىپ قويۇشىنى خالىمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ توغرىمۇ؟

مەن جازا تەدبىرىنىڭ ھازىرچە نېمە ئۈچۈن ئىجرا قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە توختىلالمايمەن. ئۇ قارارلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قارارى، شۇڭا مەن بۇلارنى دېيىشىنى خالىمايمەن. 

بەزىلەر ۋە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، بەلكىم بۇ يىل ئىيۇل ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىن ماگنېتسكىي جازا تەدبىرلىرى قەتئىي ئىجرا قىلىنمايدۇ، دېيىشمەكتە. سىزنىڭچە بۇ شۇنداق بولامدۇ؟

بىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق تەدبىرلەرنى ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرەلمەيمەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سىز ئوتتۇرىغا قويغاندەك، نۇرغۇن ئوخشاش مەۋقەدىكى دۆلەتلەرنى بىر يەرگە يىغىن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى. ھالبۇكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن باشقا، بۇ ھەقتە پىكرى بايان قىلغان ياكى ئامېرىكاغا جور بولۇپ خىتاينى ئەيىبلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ سانىمۇ كۆپ ئەمەس. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق پىلانى بار؟

بىز مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرگە شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى دەپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىر نەچچە ئايلار بولۇپ قالدى. بىز شۇنداق قىلىشنى يەنە ئىزچىللاشتۇرىمىز.

ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىز شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدە سۆزلەشنىمۇ داۋام قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا بۇ مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ پۇقرالىرىمۇ شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپالايدۇ. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئېلىپ چىقىش ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان جىددىي قارارلارنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىش پىلانى بارمۇ؟

يەنە ئېيتسام، بىزنىڭ خەلقئارا مۇنبەرلەردە قانداق ھەرىكەت پىلانلىرىمىز بارلىقى ياكى ئوز ئالدىمىغا قانداق ھەرىكەت پىلانىمىز بارلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلمەيمەن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭ بىر نەچچە خىل تەدبىرلىرىمىز بارلىقى ئېنىق.

خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلەشتىمۇ؟

بىز «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويدۇق. بىز ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى ھەقىقەت قورقۇنچلۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا تاشلاش ئارىلىق ئۇلارنى جازالاۋاتىدۇ. 

سىلەر ئۇلار ھەققىدە سورىغان چېغىڭلاردا خىتاي نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟ ئۇلار بىر ۋەدە بەردىمۇ؟

مەن ئۇ سۆھبەتتە يوق بولغاچقا ئۇلارنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. 

خىتاي ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرەمدۇ، ياكى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆلەملىك دەرىجىدە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالاشنى داۋام قىلامدۇ. بۇ ئىش قاچان تۈگەيدۇ؟

بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. مەن دەپ ئۆتكىنىمدەك، بەزى ئادەملەر قويۇپ بېرىلدى، ئايرىم ئەھۋاللاردا بەزى ئادەملەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلدى. مەنچە، بەزى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇندىن قويۇپ بېرىلىشىدە بىز نەتىجە قازاندۇق. بىز «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مۇخبىرلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەمدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى تۇغقانلىرى مەسىلىسىدىمۇ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 

ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە بۇنىڭدىن خەۋىرىمىز بارلىقنىمۇ خىتايغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىمىز.

ئەگەر، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ قالسا، ئامېرىكا لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئازاد قىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى بۇ ئىشى شۇنىڭدىن بىلەن تۈگەمدۇ؟

ئۇ لاگېرلاردا ناھەق ھالدا قامالغان ئادەملەر بولىدىكەن، بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىزچىل داۋام قىلىمىز. لاگېرلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ قېيىن قىستاققا ئېلىنىشى داۋاملىشىدىكەن بىز بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن توختىمايمىز.

كۆرگىنىڭىزدەك، تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىمىز ئېلان قىلىنغاندا بۇ مەسىلىلەرنى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزۈشنى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەر قانداق بىر پۇرسەت بولسىلا خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

بەزىلەر خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتسا، بەزىلەر خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا قانداق تەبىر بېرىش مۇمكىن.

مېنىڭ بۇ ھەقتە كونكرېتنى بىر ئاتالغۇنى ئىشلەتكۈم يوق. ئەمما، مەن بۇ يەردە خۇددى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئېيتقاندەك «خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنى مىللىي كىملىكى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش مۇددىئاسىدا بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ بەكمۇ دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق» دېگەن سۆزلەرنى ئېيتالايمەن. ئەپسۇسكى، بۇلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان سادىر قىلغان ئىشلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك قىلمىشلىرى ھەققىدە كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

خىتاي رەئىسى يېقىندا، بەلكى كېلەر ئايدا ئامېرىكىغا كېلىشى مۇمكىن، سىزنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزىدىغان قانداق گەپلىرىڭىز بار؟

بىز شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن ئەندىشىلەنگەنلىكىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەن سىزگە زادى قاچان، كىمنىڭ ئالدىغان قويىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ئەمما بىز مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 

تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئۆزىنىڭ ئوچۇق باياناتلىرىدا، ئۆزىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن قانچىلىك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىنتايىن روشەن بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ جەھەتتىكى مەيدانى ئىنتايىن ئوچۇق ئىپادىلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 

ئۇيغۇرلار ئامېرىكاغا ئۈمىد بىلەن باقىدۇ، ۋە بۇ خىل قېيىن ۋەزىيەتتە پەقەت ئامېرىكىلا ئۆزلىرىگە ياردەم قىلالايدۇ ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرالىغۇدەك قۇدرىتى بار دەپ قارايدۇ. سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتىدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئوچۇق ۋە يېپىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلىمىز.

ھۆرمەتلىك سكوت بۇسبي ئەپەندىم ۋاقىت چىقىرىپ بىز بىلەن سۆزلەتكىنىڭىزگە ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

بىزنى بۇ سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىڭلارغا رەھمەت. بىز پۇرسەت تاپساقلا شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان دەھشەتلىك ۋەقەلەر ھەققىدە سۆزلەشنى توختاتمايمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت