ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرماقتا

دۇنيا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىغا تاقابىل تۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە قالغان مەزگىلدە، ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرماقتا.

جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق «ئامېرىكىنى ھەمبەھىرلەش» ناملىق تور بېتى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا سىستېمىلىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقنى بايان قىلدى.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنى سىياسىي تارىخى ھەققىدە بېرىلگەن بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرىدە ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقى ئالاھىدە تىلغان ئېلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «ھازىرقى شىنجاڭ تېررىتورىيەسى خىتايچىدا ‹يېڭى چېگرا› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى 18-ئەسىردىكى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن خىتاينىڭ تەسەررۇپىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ رايون، 1930 ۋە 1940-يىللىرى ئىككى قېتىم قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن جۇمھۇرىيەتلەرنى جاكارلاپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان، ئەمما 1949-يىلى كوممۇنىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن قايتىدىن خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن.»

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېقىنى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەنلىكى شەرھلەندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى باستۇردى. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىلىنى سۆزلىگەنلىكى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلىغانلىقى ياكى رامزان تۇتۇش، ھاراق ۋە چوشقا گۆشىدىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق دىنىي ئەھكاملارنى بەجا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن جازالاندى.»

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «ئاز دېگەندە 800 مىڭ ۋە بەلكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا تاشلىغان» لىقى كۆرسىتىلدى.

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ بۇ ئورۇنلارنى «قايتا تەربىيەلەش» ياكى «كەسپىي تەربىيەلەش» مەكتەپلىرى دەپ ئاتايدىغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ بۇ جايلاردا توك بىلەن قىيناش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، مېڭە يۇيۇش قاتارلىق خورلاشقا ئۇچرايدىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلارنى ئوقۇشقا، خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «خەلقئارا ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ مەركەزلىرىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بەزى تۇتقۇنلارنى خورلىغانلىقى، قىينىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.»

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىبلەش سىياسەتلىرى تىلغا ئېلىندى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ يالغۇز قالدۇرۇلمايدىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ «ئۇلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشىنىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ماكان تۇتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

«ئامېرىكانى ھەمبەھىرلەش» تور بېتى ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئىنتېرنېت مەتبۇئاتى بولۇپ، ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.