ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىن ۋە پائالىيەتلەردە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. 14-ئاۋغۇست ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكلىرى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا مەسىلىلەر ئاساسىي تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىن دەل بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئامېرىكادىكى دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يىغىن ئەھلىگە ئاڭلاتقان.

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي باستۇرۇلۇشنىڭ تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان روشەن ئابباس خانىم 15-ئاۋغۇست رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن تەپسىلاتى ۋە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىغا ئوخشاش بىر «ساقچى دۆلىتى» نىڭ ۋەتەننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىدىكى سەۋەبلەر قاتارلىق نۇقتىلارنى يورۇتۇپ بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدىغان بارلىق بۆلۈملەرنى قوزغاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توختىماي ئاڭلىتىپ، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىشنىڭ يوللىرى، خىتاينىڭ بۇ خىل زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇلاردىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە توختالغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندى رادىيومىزغا ئامېرىكادىن كۈتكەن بىر نەچچە تۈرلۈك تەلەپلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا ئۆزى بىۋاسىتە ھەم باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ قىلالايدىغان ياردەملىرى، چەتئەلدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئامېرىكاغا كەلگەن بارلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى «خىتاينى قايتۇرۇلمايدۇ» دەيدىغان بىر باياناتنى ئېلان قىلىشى لازىملىقى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا پەقەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر تەرەپ قىلىش لازىملىقى قاتارلىق بىر تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە ئۆزلىرى يېڭىدىن بايقىغان بىر نۇقتا ھەققىدىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئەڭ مۇھىم مېخانىزم» (Priority One Mechanism) دەيدىغان بىر قانۇنى بار بولۇپ، بۇ مەخسۇس باشقا دۆلەتلەردە كۆچمەن بولۇپ تۇرۇپ قالغان مۇساپىرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ئىكەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىگە تەتبىقلىغاندا، مەلۇم بىر دۆلەتتە خەتەر ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ ھەردائىم خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بار بولىدىكەن. ئەگەر ب د ت مۇھاجىرلار كومىتېتى شۇ دۆلەتكە بېرىپ شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۇنى بىر تەرەپ قىلسا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇنىڭ بىردىن-بىر ھەل قىلىنىش ئۇسۇلى شۇ كىشى ئەڭ ئاۋۋال بىخەتەر بىر دۆلەتكە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىكەن. ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى، بۇنى دەرھال ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلاش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.