يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر ۋە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى باش ئەلچىسى ھاررىي ھاررىسقا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
مەسىلەن، 4-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ سابىق قوماندانى ۋە ئامېرىكانىڭ ھازىر جەنۇبىي كورېيەدىكى باش ئەلچىسى بولغان ھاررىي ھاررىس مالدىۋ ئاراللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھىندى ئوكيان يىغىنى» ناملىق بىر خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلىگەن.
6-سېنتەبىر جۈمە كۈنى بولسا، ئامېرىكانىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن مۇداپىيە مىنىستىرى مارك ئەسپېر ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مۇستەقىل ھەربىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنى بولغان «خان جەمەتى بىرلەشمە مۇلازىمەت ئىنستىتۇتى» دا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىندا ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس تىلغا ئالغان. ئۇ يىغىندىكى سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ، ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئىككى چوڭ تەھدىتنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىرىنى رۇسىيە ۋە يەنە بىرىنى خىتاي دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى، ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى قانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رەسمىي زىيارەتلىرى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق رايوندىكى دۆلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە مۇنقەرز قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۆزىدىن چىقالمايدىغان قىلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ يەنە ئىقتىسادىي كۈچىدىن باشقا يەنە، تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلغارلىقىنىمۇ ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زورىيىۋاتقان تەسىرىدىن، غەرەزلىك مەبلەغلىرىدىن ۋە كەلگۈسى تەھدىتلىرىدىن ۋە باشقا خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، دېگەن. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «مەن خىتاي ھۆكۈم سۈرگەن دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقانلارغا شۇنى دەيمەنكى، سىز ئۇلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا بىر نەزەر سېلىپ بېقىڭ. شىنجاڭ رايونىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا سولاندى. ئۇلارنىڭ سۆزلەش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرى ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلگەن. بىز يەنە خوڭكوڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىگە قارشى گەپ قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەن خىتاي ھاكىمىيىتى 1997-يىلى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل سىستېما» قۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندا شۇ يەردە ئىدىم. بۈگۈن بولۇۋاتقانلارنى نەزەردە تۇتقاندا خىتاي ئۆزىنىڭ ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلدىمۇ؟»
جۈمە كۈنى يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ ئامېرىكانىڭ كانساس شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە نۇرغۇن ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا ياراتقۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغاندا بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى مىسال كەلتۈرگەن. ئۇ سۆزىدە: «سىزگە بىر مىسال بېرەي، ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە، خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزمەكتە. ئۇلار بۇ ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنى مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىدىن تاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئورۇنلارنىڭ مېڭىسى دىنى رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋالىدىغان ئورۇنلارلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراق» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.
ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قىسقىغىنە بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قىممەت قاراشلىرى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
شۇ كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يەنە، نۇتقىدىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب قىسمىدىمۇ، ئۇ شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇشى ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ جاۋابىدا بۇ زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ھازىرغىچە قوللانغان سىياسەتلىرىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ: «بىز يەنە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «بۇ تولىمۇ مۈشكۈل بىر رىقابەت. بىز سېنتەبىرنىڭ 3 -ھەپتىسى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىمىز. بىز ئۇ يىغىندا نۇرغۇنلىغان يىغىلىشلارنى، پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى بىزنىڭ رايوندىكى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلەيدىغان چاقىرىقلىرىمىزنى قوللاشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىزگە ياردەمدە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز» دېگەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن. ئەگەر بۇ قېتىم بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن ئامېرىكا تەرىپىدىن ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئۇ ھالدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن بىر زور يېڭىلىق ۋە زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇ يەنە: «بىز بۇ كىشىلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئەركىنلىكىنى ئىستەيمىز. بىز خىتاينىڭ نۇرغۇن خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان تۈپ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. . . بۇ ئۇلار دېگەندەك دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئەمەس ياكى خىتاينىڭ غەربىدىكى رادىكال ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس، بۇ بەلكى بىر كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئىنسانلىق غۇرۇرى مەسىلىسىدۇر. شۇڭا بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ناھايىتى زور بىر خىزمەت گۇرۇپپىمىز بار. بىز بۇ خىزمەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا ئىشلەۋاتىمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى كىشىنىڭ خۇددى ئامېرىكالىقلارغا ئوخشاش دىنى ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.
0:00 / 0:00