ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.12.02
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېررود بروۋن(Sherrod Brown) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2020-يىلى 23-يانۋار، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئىككى ئەزاسى يېقىندا ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى توماس دونوخېيغا خەت مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان ئىشلەپچىقىرىش، خام ئەشيا ئالاقىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە،» رايوندا يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت ھىمايىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى نەزەردە تۇتقاندا، رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىش خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى «ئىكەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى شەررىد بروۋېن بىلەن رون ۋايدېن، بۇ مەكتۇپنى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىغا ئەزا شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ رايوندىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلارغا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا «بىز ئەزالىرىڭلارنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاي دۆلىتى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئارىلىشىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ئۈندەيمىز» دېيىلگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رون ۋايدېن(Ron Wyden) ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون راتكلىفنىڭ ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسىدا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 5-ماي.

بۇ مەكتۇپ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا نايكى، كوكا-كولا، ئالما شركىتىدەك خەلقئارا چوڭ كارخانىلار، ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىدەك سودا مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە ئالاقىدار ئىككى قانۇن لايىھەسىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىشنىڭ ئالدىدا يېزىلغان.» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى «بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەنىفەئېر ۋاكىستوننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» بۇ يىل 9-ئايدا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ قانۇننىڭ كېڭەش پالاتاسىدا تېزرەك ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئاننى بوياجىيەن 1-دېكابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ يۇقىرىقى قانۇن لايىھىلىرىنى تېزرەك ماقۇللىشىنى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاننى بوياجىيەن مۇنداق دېدى: «ئەركىنلىك سارىيى بۇ قانۇن قانچىلىك تېز ماقۇللانسا شۇنچىلىك مۇھىم، دەپ قارايدۇ. سودا ساھەسى دائىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ناھايىتى چوڭ رول ئويناپ كەلدى. بۇ ئەھۋال خىتاي مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق. نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەر ھەقلىق تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باش دىنىي گۇرۇپپىلارغا يۈرگۈزۈۋاتقانلىرىنىڭ ئاز دېگەندە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت›كە ياتىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭچە ھېچقانداق بىر شىركەت بۇنداق قورقۇنچلۇق ۋەھشىيلىكنىڭ تېخىمۇ ئەدىشىگە شېرىك بولۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا بىز سودا ساھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى بەك مۇھىم، دەپ قارايمىز».

لېكىن ھەر ئىككى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالمىشىدىغان ھالقىلىق مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە ئۇنىڭ قانۇنغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى سوئال پەيدا قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كېڭەش پالاتاسى قانۇن لايىھەسىنى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئاۋازغا قويمىسا بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلىشىپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتىدىكەن. ئىلگىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ماقۇللانغاندىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرگەنىدى.

ۋاشىنگتوندىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 3 قانۇن لايىھەسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇر ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ماقۇللىنىپ، قانۇنغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋې 1-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا ماقۇللانغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇنىڭ خەۋىرىنى ياخشى ئىشلىدى. كېڭەش پالاتاسىدا ماركو رۇبىيو ۋە جەف مېركلېيلارنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىتىش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك باستۇرۇشقا خاتىمە بېرىشتە خىتاي كارخانىلىرىغا ۋە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بەك مۇھىم. بىز كېڭەش پالاتاسىدا بۇ قانۇنغا قارىتا قارشىلىق بارلىقىنى بىلىمىز. ئەمما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىش مۇمكىنچىلىكى بار».

مەلۇم بولۇشىچە، كېڭەش پالاتاسىدا بەزى ئەزالار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ بەزى ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرەپدارى ئىكەن. ئەگەر ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە قانۇن لايىھەسى قايتا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇشىغا ئەۋەتىلىشى كېرەك. لۇئىسا گرېۋېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» بۇ قېتىمغا ئۈلگۈرمىسە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو كېلەر نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسىدە قايتا ئوتتۇرىغا قويماقچىكەن.

لۇئىسا گرېۋې مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىدا گەپ يوق. ئەمما كومىتېتلار ئۇنىڭ تىلى توغرىسىدا بىرلىككە كېلىپ بولالمىغان. ئەگەر بۇ قېتىمغا ئۈلگۈرمىسە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو قانۇن لايىھەسىنى كېلەر نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى باشلىنىدىغان 2021-يىلنىڭ باشلىرىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويماقچى. بۇ ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› ماقۇللانغاندىمۇ شۇنداق بولغان. ئۇ تۇنجى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ماقۇللانمىدى. 2019-يىلى1-ئايدا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 5-ئايدا ماقۇللاندى».

لېكىن ئەركىن سارىيىدىكى ئاننى بوياجىيەننىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىغا ئېنىق ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى، بىراق بۇ قانۇن بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىكەن.

ئاننى بوياجىيەن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا قارشى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك. بىز لاگېردىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىش، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكەنلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قەدىمى. لېكىن بۇ قانۇن بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، پۈتۈن خەلقئارا ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك».

كېڭەش پالاتا ئەزاسى شەررىد بروۋېن بىلەن رون ۋايدېن مەكتۇپىدا ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز قىسمەن ياكى تامامەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ھىمايىچىسى سۈپىتىدە، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق سىياسىتىنى قوللايمىز» دېگەن.

شەررىد بروۋېن ۋە رون ۋايدېننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پۈتۈن مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈشى ۋە تۇتۇپ قېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا ئەتراپلىق ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئىزچىل تۈرتكە بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.